مېھرىئاي ئەركىن كىم؟

ھاياتى

مېھرىئاي ئەركىن 1990-يىلى 23-فېۋرال قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىدا بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2007-يىلى سېنتەبىردىن 2009-يىلى ئىيۇلغا قەدەر بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇغان. 2009-يىلى سېنتەبىردىن 2013-يىلى ئىيۇلغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆسۈملۈك بىئوتېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش جەريانىدا گۇاڭخۇا ئاكادېمىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلدىن 2017-يىلغىچە ياپونىيەدە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆسۈملۈك بىئوتېخنىكا كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2018-يىلدىن 2019-يىلىغىچە نارا پەن ۋە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 2019-يىلى 18-ئىيۇن كۈنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە 2020-يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا قاماققا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 20-دېكابىر كۈنى جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

  مېھرىئاي ياپونىيەدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 2016-يىلى 9-ئايدا ياپونىيەدە دەسلەپتە قۇرۇلغان «مىساتو غۇنچىلار سىنىپى»دىكى بالىلارغا ئىككى سائەتلىك يولنى بېسىپ كېلىپ ۋە كېتىپ يۈرۈپ ئۇيغۇر ئانا تىلى ئۆگىتىپ، ياپونىيەدە ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەجىر قىلغان. 2019-يىلى 17-مارت ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان دادىسى، ھاممىسى، جىيەنلىرى ۋە 16 ئوقۇغۇچىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

  مېھرىئاي ئەركىن 2018-يىلى مايدىن باشلاپ 2019-يىلى ئاپرېلغا قەدەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان ۋە تاغىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ توپلىغان تۇتقۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە گۇۋاھلىقلارنى، ۋەتەندىن چىققان مەكتۇپلارنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا پىدائىيلىق قىلغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە دائىر ماتېرىياللارنىڭ تۈزۈلۈشىگە مەسلىھەت بەرگەن.

  مىھرىئاي 2011-يىلى 15-ئىيۇل قەشقەردە ئېچىلغان ئانا تىل كۇرسىغا ئوقۇتقۇچى بولغاندىن باشلاپ، بۇ خىزمەتنى ھەر يازلىق تەتىلدە 2013-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۇتۇلغاندىن كېيىن ياپونىيەگە ماڭغۇچە قەشقەردە ئانا تىل دەرسى ئۆتۈشنى داۋام قىلغان.