«ئۆلۈپ كەتسەم قەۋرەم بولسا، بىر دەستە قىزىل چوغلۇق قەۋرەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن!»

- مېھرىئاي ئەركىن

مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى

جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغانلىقىنى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن، كەڭ ۋە ئىزچىل قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەسىس قىلماقچى.

ئانا تىل مۇكاپاتى كىملەرگە بېرىلىدۇ

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئانا تىل ئۇستازلىرىغا، شۇنداقلا ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدۇ.

مېھرىئاي ئەركىننىڭ ھاياتى

مېھرىئاي ئەركىن 1990-يىلى 23-فېۋرال قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىدا بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2007-يىلى سېنتەبىردىن 2009-يىلى ئىيۇلغا قەدەر بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇغان. 2009-يىلى سېنتەبىردىن 2013-يىلى ئىيۇلغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆسۈملۈك بىئوتېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش جەريانىدا گۇاڭخۇا ئاكادېمىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلدىن 2017-يىلغىچە ياپونىيەدە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆسۈملۈك بىئوتېخنىكا كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2018-يىلدىن 2019-يىلىغىچە نارا پەن ۋە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 2019-يىلى 18-ئىيۇن كۈنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە 2020-يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا قاماققا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 20-دېكابىر كۈنى جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

خەۋەر-ماقالىلەر

Җаза лагерида җан үзгән меһриъай әркинниң йапонийәдә оқуш җәрйанида иштин сирт ана тил оқутуши билән …

Jaza lagérida jan üzgen méhri’ay erkinning yaponiyede oqush jeryanida ishtin sirt ana til oqutushi bilen …

جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن …