You are currently viewing ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  • Post comments:0 Comments

2024-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ياپونىيە ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دا، «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، توردا ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى قاتناشتى. 

پائالىيەتكە رەيھانگۈل خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى، ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. 

ئاندىن كېيىن «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى چوڭ بىلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا خىتايدىن مەرھۇمنىڭ ھېسابىنى ئېلىش يولىدا ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى، مېھرىئاي ھەققىدە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا، گېزىتلەردە چىققان خەۋەرلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى، ۋە مېھرىئاينى ئەسلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئارقىدىن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»نىڭ باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى رۇسلان ئەپەندى «ئانا تىل فوندى» ۋە «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»نى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە «ئانا تىل فوندى»نىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ئىككى تۈر بويىچە، يەنى، بىرىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، بىر نەپەر ئانا تىل ئۆگەتكۈچى، يەنى مۇئەللىمگە؛ ئىككىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا تارقىتىلىدىغانلىقى، مۇكاپاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر تۈردىكى مۇكاپاتقا نامزاتلارنى تاللاشتىكى كونكرېت ئۆلچەملەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 

ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكۈچى ئېلان قىلىندى. بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى»غا فىرانسىيەدىن رازىيە ئەلى مۇئەللىم ئېرىشكەن بولۇپ، رازىيە مۇئەللىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىش يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى، توختاۋسىز ئىزدىنىشى ۋە تىنىمسىز تىرىشچانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا تاللانغان. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى رازىيە مۇئەللىمگە بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن رازىيە مۇئەللىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. رازىيە مۇئەللىم سۆزىدە بۇ يىللىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى»نىڭ ئۆزىگە بېرىلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، ئانا تىل ئۆگىتىش سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا چوڭقۇر رەھمەت، ئېھتىراملىرىنى بىلدۈردى. 

ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكۈچىلەر مۇكاپاتلاندى. بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى»غا ياپونىيەدىن شەرقىنۇر تارىم، گوللاندىيەدىن بىلگەلەر (سۈمەييە بىلگە، سۇھەيبە بىلگە، سەردار بىلگە) ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قېتىملىق مۇكاپات نامزاتىغا تاللانغان. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۇلارغا بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئالدى بىلەن شەرقىنۇر تارىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. شەرقىنۇر سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتا-ئانىلار، ئۇستازلار، دوستلار، ھەممىڭلارنىڭ بۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن! مەن شەرقىنۇر تارىم، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. قىزىقىشىم بولسا پىيانىنو چېلىش. مەن بۇ مۇكاپاتنى ئېلىپ بەكلا خۇش بولدۇم ۋە سۆيۈندۈم. ھەممىڭلارغا بەك رەھمەت! مەن مېھرىئاي ھەدىمىزنىڭ گېپىنى بۇرۇندىن تارتىپ خەۋەرلەردە كۆرۈپ، تورلاردا ئاختۇرۇپ بىلەتتىم، ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. بىز مۇشۇنداق پائالىيەتلەردە ئەسلەپ تۇرساق، ئۇنتۇمىساق، مېھرىئاي ھەدىمىزنىڭمۇ روھى خۇش بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ ئارزۇيۇم بولسا ئادۋوكات بولۇپ، ناھەق دېلولارنى ئاقلاپ، گۇناھسىز ئادەملەرنى قۇتقۇزۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇيغۇر تىلىنى گەرچە مەكتەپنىڭ ئىمتىھانلىرى ئالدىراش بولسىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرچىنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن. رەھمەت! » ئارقىدىن ئۇ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بوۋىمىزنىڭ «ئۇيغۇر تىلى» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

ئارقىدىن بىلگەلەر سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. بىلگەلەر بولسا سۈمەييە بىلگە، سۇھەيبە بىلگە، سەردار بىلگە قاتارلىق ئۈچ قېرىنداش بولۇپ، «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۇلارغا بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئارقىدىن ئۇلار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار ئوماق، چۈچۈك، بالىلارچە تىللىرىدا سۆز قىلىپ بەردى.

ئالدى بىلەن سۇھەيبە بىلگە (يەتتە ياش) سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن مېھرىئاي ئەركىن مۇكاپات ھەيئىتىدىكىلەرگە رەھمەت ئېيتتى، ئاندىن ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلبوستان مۇئەللىمگە رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بوۋىمىزنىڭ «باھار كەلدى» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

ئارقىدىن سەردار بىلگە (ئالتە ياش) سۆز قىلدى. ئۇ سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

ئارقىدىن سۈمەييە بىلگە (توققۇز ياش) سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتا-ئانىلار، قەدىرلىك ئۇستازلار ۋە ئەزىز قېرىنداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ مېنىڭ ئىسمىم سۈمەييە، بۇ يىل توققۇز ياشقا كىردىم. ئاۋۋال بىزگە بۇ مۇكاپاتنى لايىق كۆرگەن مېھرىئاي ئەركىن مۇكاپات ھەيئىتىدىكىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت! ئاندىن مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ۋە ئانا تىلغا يېتەكچىلىك قىلغان ئانام ۋە دادامغا، ئەنقەرە ئانا تىل مەكتىپىگە، ئۈچ يىلدىن بېرى توردا بىزگە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىم گۈلبوستان مۇئەللىمگە، ئەسەر، كىتابلارنى يازغان يازغۇچى، شائىرلارغا، كىتابخانا، نەشرىياتلارغا، شۇنداقلا مېھرىئاي ئەركىن ھەدىمىزدەك پىداكارانە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا، يۇتيۇب قانىلىغا ئەگەشكەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلىرىمغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت! 

بۇ يىل 2024-يىل، دۇنيا مۇشۇنداق تەرەققىي قىلغان بىر دەۋردە زۇلۇم چېكىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بولۇشى مېنى بەك بىئارام قىلىدۇ. مەن بۈگۈن ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يۇرتىدا خاتىرجەم ياشىيالايدىغان كۈنلەرگە تېزرەك ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ ۋە بارلىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋە يازغۇچى-شائىرلارنىڭ باھاردەك ئىللىق ۋە ئەركىن كۈنلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ، مەرھۇم بوۋىمىزنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹باھار چىللايمەن› ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىمەن. »

ئارقىدىن، بىلگەلەرنىڭ دادىسى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 

«ئائىلە — ئانا تىل ئۆگىنىشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلنىڭ بىردىنبىر قوللىنىلىدىغان ماكانى ئائىلە، شۇڭا بىز ئائىلىدە ئانا تىلدا سۆزلىشىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلدۇق. بىز بالىلارغا بالىلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ باشقا تىلدا گەپ قىلىپ باقمىدۇق. بالىلارنىڭ تىلى باشتا بەلكى باشقا تىللاردا چىققان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بالىلارنى بەك زورلىمىدۇق ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە، بىر مەزگىلدىن كېيىن بالىلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزى ھېس قىلالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بالىلار تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۆگەندى، ھازىر ئۇيغۇرچىسى ناھايىتى ياخشى. بەزىدە ئائىلىدە پائالىيەتلەرنى قىلىمىز، بەزىدە يۇمۇر-چاقچاقلارنىمۇ ئېيتىپ بېرىمىز… بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشتە ئانىسىنىڭ ئەجرى بەكرەك ئۆتتى بالىلارغا. مەن ئاپىسىنى سۆزگە تەكلىپ قىلاي. »

ئارقىدىن بىلگەلەرنىڭ ئاپىسى ئاينۇر خانىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بالىلىرىم بۇ مۇكاپاتنى ئالدى دېگەن ۋاقىتتا بەك خۇش بولدۇم. بۇ مۇكاپات پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، خۇددى بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئوخشايدۇ. ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بىز چەت ئەلدە قىلالايدىغان ئىشلىرىمىزدىن پەقەت بالىلىرىمىزنىڭ تىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۇيغۇر قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت بىرلا قورالىمىز بار ھازىرچە، قولىمىزدىن كېلىدىغىنى شۇ. ئەمدى بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش جەريانىدا داۋاملىق ياخشى كۆرۈپ ئۆگىنىپ كەتمەيدۇ، بەزىدە زورلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق ۋاقىتلاردا خاتا قىلىۋاتامدىم، توغرا قىلىۋاتامدىم، دەپ ئويلايدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا بىزنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېھتىياجىمىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشى دوختۇرمۇ ئۆزىنى داۋالىيالماپتۇ، دېگەندەك، ھەر قانچە ياخشى بولساقمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا بەزىدە ياخشى ئۆگىتەلمەي قالىدىكەن. بالىلىرىم ئۈچ يىلدىن بېرى توردا دەرس ئاڭلىدى. ئوقۇتقۇچىسى بەك ياخشى. ھەپتىدە ئۈچ كۈن دەرسى بار، ئاساسەن قاتنىشىمىز، مەيلى يوللاردا بولايلى، مەيلى ئۆيدە بولايلى. مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بۇ بالىلار دەرس قاچان دەپ تۇرۇپ، دەرس ۋاقتىنى توغرىلاپ قويۇپ تۇرۇپ، ئوينايدىغان يەرگىمۇ بارماي دەرسكە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆپىسى بەك چوڭ دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ئىزچىل ئۇيغۇرچە گەپ قىلىش، ئائىلىدە ئۇيغۇرچە ياشاشقا تىرىشىش بولىدىكەن… 

مېنىڭ ھېس قىلغىنىم، بىرىنچىسى، بالىلىرىمىزنى كىچىك دەپ سەل قاراپ قالساق بولمايدىكەن. مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە بالىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ ھەيران قالىمەن. بىز ۋەتەندە تۇغۇلغاچقا بىز قىلالايتتۇق، بۇ بالىلار بۇ يەردە ئۇيغۇرچىدا ئۇنداق ئىش قىلالمايدۇ دەپ ئويلايدىكەنمىز. بىزدىن قالتىس قىلالايدىكەن؛ ئىككىنچىسى، ئىزچىللىق بەك مۇھىمكەن دەپ ئويلىدىم. بالىلار ئىزچىل بىر-ئىككى ھەپتە قىلسا شۇنداق ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، بىر-ئىككى ھەپتە تاشلىنىپ قالسىلا ئۇنتۇپ قالىدۇ كىچىك بولغاندىكىن. ھەممىدىن مۇھىمى، ھېس قىلغىنىم شۇ. بۇ جەرياندا پەقەت بالىلارنىڭ ساۋات چىقىرىش جەريانىلا بولۇپ قالسا، خۇددى بىز ئەرەبچىنى بىلمەي قۇرئان ئوقۇپلا ئۆتۈپ كەتكەندەكلا بىر جەريانغا ئايلىنىپ قالمىسۇن، دەپ، ئەمدى شۇنى چۈشىنىدىغان، مۇھىمى ئۇيغۇرلۇق ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك قىلالايمىز بىلمەيمەن، تىرىشىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا ئابدۇۋەلى مۇئەللىممۇ تۇرۇپتۇ، توختىماي كىتاب يېزىۋاتقان. يەنە نۇرغۇن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بار، گۈلنار ئىمام مۇئەللىم، مۇيەسسەر مۇئەللىم… قاتارلىقلار. يەنە توختىماي تورلاردا ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى ھەمبەھىرلەۋاتقان بىز بىلەن بىللە. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلىرىمىزنىڭ ئەتراپىدا ئۆگىنەيلى دەيدىغان دوستلىرىنىڭ بولۇشى… بۇ يەردە رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن كىشىلەر بار…

بىر گەپ بارغۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ دەيدىغان، كىچىكىمىزدە دەرسلىك كىتابلىرىمىزدا ئوقۇيتتۇققۇ. بۈگۈن قاراپ، ياشاش ئارقىلىق ۋەتەننى سۆيۈش ئەڭ ئەلا، لېكىن ئۆلۈش توغرا كەلسە مۇشۇنداق باتۇرانە ئۆلۈممۇ نېمىدېگەن پەخىرلىك دەپ ئويلاپ كەتتىم. مەنچە بۇنى مېھرىئاي سىڭلىمىزنىڭ روھى كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا بەكرەك تەسىرلەنگىنىم، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولدى. چۈنكى بىزنىڭ بەك جىق قەھرىمانلىرىمىز بار، ئىگە چىقىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ پەخىرلەندۈرىدىغان. بالىلىرىمىزغا ناھايىتى جەڭگىۋار كىشىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندىكى جەڭلىرىمىزنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، خۇددى رازىيە مۇئەللىم بايا دەپ ئۆتكەندەك، بالىلارنىڭ ھەربىر ئۆگىنىشىنىڭ، مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىشىنىڭ ئۆزى بىر جەڭ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ مېھرىئاينى مۇشۇنداق تونۇشتۇرۇپ، ياد ئېتىپ قىلىۋاتقان پائالىيىتىڭلاردىن شۇنداق بەك سۆيۈندۈم. مېھرىئاينى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز، يىللاردىن-يىللارغا مەڭگۈ ياد ئېتىمىز. مۇشۇنىڭ سايىسىدە ئانا تىلغا بولغان چۈشەنچىمىز يالغۇز كىتاب ئوقۇپ خەت يېزىشلا ئەمەس، بەلكى ۋەتەننى جېنى بىلەن، ھاياتى بىلەن، ھەممە نېمىسى بىلەن سۆيۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەممىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! »

ئارقىدىن شەرقىنۇرنىڭ ئاپىسى مېھراي خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە بۇ مۇكاپاتنىڭ قىزىغا بېرىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئىلھام ۋە رىغبەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاتا-ئانىلار، دوستلار، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن!

شەرقىنۇر قىزىمنىڭ مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە سۆيۈندۈم. . . قىزىمغا بۇنى دېسەم ئۆزىمۇ بەك خۇشال بولدى، ئىشەنگۈسى كەلمەي ناھايىتى خۇشال بولدى، ھاياجاندا يىغلاپ كەتتى. مەن مېھرىئاي ئەركىن سىڭلىمىزنى تۇنجى قېتىم ياپونىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر ئىنگلىزچە لېكسىيەسىدە كۆرگەن ئىدىم. مېھرىئاينى تۇنجى كۆرۈپلا، ئەجەب تارتىنچاق، يۈزى تۆۋەن، چىرايىدىن ئاق كۆڭۈللۈكى چىقىپلا تۇرىدىغان بىر ئاددىي-ساددا قىزكىنا دەپ ئويلىغان ئىدىم كۆڭلۈمدە، ھەم ئىسمىمۇ مەن بىلەن ئىسىمداش بولغاندىكىن شۇنداق تەسىر قىلىپتىكەن. ئارقىدىن لېكسىيەسىنىمۇ ئاڭلىدىم، ئىنگلىزچىسى شۇنچىلىك چىرايلىق، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇنداق ياخشى. ئەجەب بىر ئىستېدات ئىگىسى ئىكەن، كەلگۈسىدە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياراملىق، بىر ئىشلارنى قىلغۇدەك قىز بولغۇدەك دەپ شۇنچىلىك سۆيۈندۈم، ھەم ھەۋەسلەنگەن ئىدىم. كېيىن يەنە بىرنەچچە يىغىلىشلاردا كۆرۈشتۇق، لېكىن جىق مۇڭدىشىش نېسىپ بولالماي قاپتۇ. ھەربىر كۆرگەن ۋاقتىمدا كۆڭلۈم شۇنداق ئىللىق بولۇپ قالاتتى، خۇددى مېنىڭ سىڭلىمدەك. كېيىن مېھرىئاينىڭ مىساتو ئانا تىل مەكتىپىدە ھەقسىز، پىداكارلىق بىلەن ئانا تىل دەرس ئۆتكىنىنى ئاڭلىدىم، ئەجەب مېھرىئاي قىلالىغان ئىشنى بىز قىلالمىدۇق، دەپ ئويلىدىم. كېيىن مېھرىئاينىڭ يۇرتقا كېتىپ شېھىت بولغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، دوستلار ئارا شۇنداق ئېچىندۇق، نەچچە كۈنلەر گېلىمىزدىن تاماق ئۆتمەي قالدى. ئاللاھ مېھرىئاي سىڭلىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى شېھىتلىك مۇقامىغا ئاپىرىدۇ، دەپ ئويلايمەن، ھەم ئۇنىڭ ئۆلۈمىمۇ قەدىرسىز بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. ھازىر مانا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مېھرىئاينىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قىلىپ خاتىرىلەپ، مۇشۇ مېھرىئاينىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى بىر قەۋەت يۇقىرى باسقۇچقا چىقاردى. . . بۇنىڭدىن شۇنداق سۆيۈندۇق. ئاللاھ تائالا مېھرىئاي سىڭلىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!

مەن ئۆيدە قىزىم شەرقىنۇرنى بەش بالىنىڭ چوڭى دەپ، بېشىدا ئانا تىل ئۆگەتكەندە تەلەپنى سەل چىڭراق قويغان. ئۆيدە ئانا ئۇيغۇرچە سۆزلىسە بالا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئۇنداق بولمايدىكەن. سۆزلىگەن بىلەنلا بولمايدىكەن، پەقەت تۇرمۇشتىكى ئىشلارنىلا ئۆگىنەلەيدىكەن، لېكىن ئۇيغۇرلۇقنى بىلەلمەيدىكەن. بالام ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ھېس قىلدىم. بۇنداق بولسا بولمايدىكەن، دەپ، سىستېمىلىق ئوقۇتۇش كېرەك ئىكەن دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئۇ چاغلاردا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بار ئىدى، تۈزۈك ماتېرىياللار يوق ئىدى. ئون يىلنىڭ ئالدىدا توردا بۇنچىلىك جىق ماتېرىياللار يوق ئىدى. بالىلار كىتابلىرىمۇ يوق، ئېلىپبە بولسىمۇ ۋەتەندىن ئەكەلگەن كونا ئېلىپبە ئىدى، شۇنى كۆرسىتەتتۇق. شۇنداق بولدى. كېيىن بالامغا ‹ئۇيغۇرچە سۆزلە، ئۇيغۇرچە سۆزلە!› دېگەن گەپنى قىلىۋېرىپ، بىر مەزگىل تۆت-بەش ياشقا كىرگەندە دۇدۇقلاپ كېكەچلەيدىغان بولۇپ قالدى. مەن شۇ چاغدا بەك ئەنسىرىدىم. ياپونچىنىمۇ، ئۇيغۇرچىنىمۇ كېكەچلەپ سۆزلەيدۇ. مېڭىسى، سۆزلەيدىغان ئىنكاسى ئۈلگۈرەلمىگەن-دە. ئۇيغۇرچە گەپ قىلغۇسى بار، ئۇيغۇرچە سۆزلەي دېسە كېكەچلەپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پىسخولوگىيە دوختۇرىغا تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سورىدىم. دوختۇر ماڭا: ئىختىيارىغا قويۇۋەتكىن، زورلاش بولمايدۇ. زورلاش بولۇپ قالسا، بىر بولسا بالىغا تەسىرى بولۇپ قالسا مەڭگۈ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېدى. شۇنداق ئەنسىرىدىم. مەن بالامغا ئانا تىل ئۆگىتىپ توغرا قىلدىممۇ، خاتا قىلدىممۇ؟ ئەسلى قانداق قىلىشىم كېرەك ئىدى؟ دەپ ئويلىدىم. بىر مەزگىل قويۇۋەتتىم. قويۇۋەتسەممۇ ئۆزى خالىغانچە سۆزلىدى. ئۇيغۇرچە جاۋاب بەرگۈسى كەلسە ئۇيغۇرچە، ياپونچە جاۋاب بەرگۈسى كەلسە ياپونچە جاۋاب قايتۇردى. بۇرۇنقىدەك ئۇيغۇرچە گەپ قىل دېگەن گەپنى ئازلاتتىم. لېكىن بىز ئۆيدە ئۇنىڭغا چوقۇم ئۇيغۇرچە گەپ قىلدۇق، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇپ بەردىم. توكيو بالىلار شادلىق گۇرۇپپىسىغا بارغاندا ئۇيغۇرچە گەپلەرنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، كېيىن تۆتقۇلاق بالىلار ژۇرنىلى چىقتى، شۇلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئۆزلۈكىدىن تېپىۋالدى. قارىغۇلارچە ئانا تىل ئۆگەن دەپ زورلاشمۇ بەك ياخشى ئىش ئەمەسكەن. چوقۇم سىستېمىلىق ھالدا قىلىش كېرەك ئىكەن ئەسلىدە.

ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىمغا ئۇيغۇرلۇقنى سۆيدۈردۈم دېگەندەك، ئۆيىمىزدە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق كىتابلار جىق، بىزدە مەشھۇر شەخسلەر، مەسىلەن ئاماننىساخان. . . قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر بار دەپ، قىزىمغا ماختاپ بېرىدىغان گەپلەرنى قىلدىم. بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇيغۇرلار بارغان پائالىيەتنىڭ ھەرقاندىقىنى ياخشى كۆرىدۇ. رەسىم سىزسا ئۇيغۇرلارنى سىزىدۇ، پىيانىنو ئۆگىنىپ يېقىندا ئۇيغۇرچە پىيانىنو مۇزىكىلىرىنى ياخشى چالالايدىغان بولدى. نېمىلا قىلسام، ھاياتىنى ئۇيغۇرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن بەك تىرىشتىم. . . ئۇيغۇرلۇقنى سۆيگەندە بالىلار ئۇيغۇرچىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىدىكەن. تىل ئۆگىتىشتىن سىرت، بالىلىرىمىزغا تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشنى ئۆگىتىشىمىز لازىمكەن دەپ، شۇنى بەك ھېس قىلدىم.

ئاخىرىدا مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل فوندىنى قۇرغۇچى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئىشلەۋاتقان ئەزالىرىغا، ھەممەيلەنگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت!»

ئارقىدىن، مېھرىئاينىڭ تاغىسى، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشتىكى بەزى خاتا ئۇسۇللارغا ۋە نەق مەيداندا سورالغان سوئاللارغا چۈشەنچە بەردى. 

ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇكېرىم ئەپەندىنىڭ يېپىلىش سۆزلىرى بىلەن پائالىيەت ناھايىتى تەسىرلىك، كۆڭۈللۈك ئاياغلاشتى.

جاۋاب يېزىش