You are currently viewing تۆتىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

تۆتىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغانلىقىنى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن، كەڭ ۋە ئىزچىل قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان ئىدى. تۆتىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئىلتىماس قىلىش 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي باشلاندى. 

مۇكاپات ئىككى تۈر بويىچە تارقىتىلىدۇ: بىرىنچىسى، بىر نەپەر ئانا تىل ئۆگەتكۈچى، يەنى مۇئەللىمگە؛ ئىككىنچىسى، ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا.

مۇئەللىمگە قويۇلىدىغان تەلەپ: ئانا تىل ئوقۇتۇشتا 1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇش؛ 2) يېڭىلىق ياراتقان بولۇش؛ 3) مۇستەقىل دەرسلىك، مەشىق ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلى ياراتقان بولۇش ياكى شۇنداق ئۇسۇللارنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇش؛ 4) ئوقۇتۇش سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسكەن بولۇش، ئوقۇغۇچى سانى ئىزچىل كۆپەيگەن بولۇش.

ئوقۇغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ: ئانا تىلنى ئىزچىل ئۆگەنگەن بولۇش، ئانا تىل نەتىجىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، نەشر ئەپكارلار ۋە ئۇيغۇرچە سورۇنلاردا ئىسپاتلىغان بولۇش، ئۇيغۇرچە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازانغان بولۇش، ئانا تىل ئۆگىنىشتە تەشەببۇسكار بولغان بولۇش، باشقىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇش.

مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: تەقدىرنامە ۋە نەق پۇل مۇكاپات (مۇئەللىمگە 100,000 يېن، ئوقۇغۇچىغا 50,000 يېن) بېرىلىدۇ.

مۇكاپات تارقىتىدىغان ئورۇن: ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى

مۇكاپات تارقىتىش ۋاقتى: ھەر يىلى مېھرىئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان 23 – فېۋرال كۈنى تارقىتىلىدۇ (تۆتىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» 2025 – يىلى 23 – فېۋرال تارقىتىلىدۇ).

ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى: 2024 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 2025 – يىلى 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنىگىچە.

ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى: تۆۋەندىكى «ئىسىم – فامىلىسى»، «ئېلخەت ئادرېسى»، «تۇرۇشلۇق دۆلەت»، «ئىلتىماس قىلماقچى بولغان تۈر» ۋە «ئىلتىماس مەزمۇنى» قاتارلىق تۈرلەرنى تولدۇرۇپ، ئەڭ ئاستىدىكى «ئەۋەتىش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك رەسىم – ۋىدىيولارنى ئېلخەت ئادرېسىمىز mihriay.erkin@gmail.com غا يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىغىمى چوڭ ھۆججەتلەرنى ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز، ئېلخەت ئادرېسىمىز ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغاندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئاتا – ئانىلار ۋە ئانا تىل مەكتەپلىرى، ئانا تىل مەسئۇلى، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچىنى تەۋسىيە قىلىپ ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئالدىنقى يىللاردا ئىلتىماس قىلىپ تاللىنالماي قالغانلار بۇ قېتىم ئىلتىماس قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ (ئەگەر ئالدىنقى ئىلتىماس مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ياكى تولۇقلايدىغان ماتېرىياللار بولسا، ئېلخەت ئادرېسىمىز ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ)

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھەرگىز ئاشكارىلانمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئېلان قىلىنمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار خاتىرجەم ئىلتىماس قىلىۋەرسە بولىدۇ.

مۇكاپاتنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
https://forms.gle/SeDUikdB8Y2rDe4U9

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇكاپات ھەققىدە بەرگەن خەۋىرى:
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mehray-erkin-11182024115824.html

جاۋاب يېزىش