You are currently viewing تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى — تۈركىناز شەمشىدىن

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى — تۈركىناز شەمشىدىن

  • Post comments:0 Comments

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا كانادادىن 8 ياشلىق ئوماق قىزىمىز تۈركىناز شەمشىدىن تاللانغان بولۇپ، تۈركىنازنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى قىزغىنلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ بۇ مۇكاپاتقا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن. تۈركىنازنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش جەريانىدىكى قىزغىنلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىللىقى

1) قىزىمىز ۋەتەندىن ئىككى ياشتا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان رايوندا تۇرۇپ باقمىدى. يالغۇز بىر ئائىلە ياشايمىز، ئائىلىدە يالغۇز پەرزەنت. شۇنداقلىقىغا قارىماي، قىزىمىز تىلى چىققاندىن باشلاپلا ئاتالغۇلارنى ساپ ئانا تىلدا ئىشلىتىپ كەلدى.

2) ھازىرغىچە شېئىر-قوشاقتىن 30 پارچىغا يېقىن يادقا ئالدى.

3) 500 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار رەسىملىك كىتابلىرىنى ئوقۇدى.

4) ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىدە دەسلەپكى ساۋات چىقىرىش سىنىپىدىن تارتىپ ھازىرغىچە (2-يىللىق) ئىزچىل ئوقۇۋاتىدۇ.

5) ئۇدا ئىككى يىل توردا ئۆتكۈزۈلگەن «‹مەن — ناتىق› ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى» گە قاتناشتى.

6) داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ توردا ئانا تىلدا ئۆتۈلۈۋاتقان رەسىم كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشتى، ھەم رەسىملىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

  1. ئېرىشكەن نەتىجىلىرى

1) 2021-يىللىق 3-قېتىملىق «‹مەن — ناتىق› ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى»دە 7-8 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا 1-دەرىجىگە ئېرىشتى.

2) 2020-يىللىق 2-قېتىملىق «‹مەن — ناتىق› ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى»دە 7-8 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا 2-دەرىجىگە ئېرىشتى. ھەمدە باھالىغۇچى ئۇستازلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

3) ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىدا بىر يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان «كىچىك كىتابخۇمار» بولۇپ تەقدىرلەندى.

4) ھەر مەۋسۇمنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى.

  1. ئانا تىلدىكى يېتەكلەش رولى

1) ئۆزىنىڭ شېئىر يادلاشتىكى ئالاھىدىلىكى، جۇشقۇنلۇقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يادلىغان كىلاسسىك شېئىرلىرى «تەۋپىق بالىلار سەھىپىسى» نىڭ يۇتيۇب قانىلىدا قويۇلدى. يەنە ئىككى قېتىملىق «‹مەن — ناتىق› ئۇيغۇر غۇنچىلىرى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى»نىڭ بالىلار سوۋغىسى سەھىپىسىگە تاللىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى كىچىك دوستلارغا ئۈلگە بولدى.

2) ئانا تىل سىنىپىدا ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردە بىرنەچچە قېتىم رىياسەتچى بولۇپ، ئۇيۇشتۇرۇش، يېتەكلەش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.

3) ئۆزى يازغان ئەسىرى بىلەن «بالا يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەڭ كىچىك ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

جاۋاب يېزىش