You are currently viewing تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  • Post comments:0 Comments

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن ياپونىيەنىڭ مىساتو شەھىرىدە، «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيە توكيو تەۋەسىدە ياشايدىغان ئاتا-ئانىلار ۋە مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل دەرسى ئۆتكەن بالىلار كېلىپ قاتناشتى، يىراقتىكىلەر تور ئارقىلىق قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىپ «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ئالدى بىلەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ قىسقىچە ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، شۇنداقلا خىتايدىن مەرھۇمنىڭ ھېسابىنى ئېلىش يولىدا ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئەپەندى «ئانا تىل فوندى» ۋە «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»نى تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە «ئانا تىل فوندى»نىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»نىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە نامزاتلارنى تاللاشتىكى ئۆلچەملەرنى تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق تاغىسى، ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىدە جىيەنى مېھرىئاي ئەركىننى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى، جىيەنى مېھرىئاي ئەركىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق خاتىرىلىنىدىغانلىقى، ئىنسان باشقىلار تەرىپىدىن ئەسلىنىش ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە، ئۆزىمىز تەۋە بولغان مىللەتكە ئاتالغان بىر ئىشنى قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئاتالغان بىر پىداكارلىق ئىنساننى ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئىنسان بىر ئىشنى قىلغاندا ئۇنى خاتىرىلەپ ساقلاپ قويۇش لازىملىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئاخىرىدا تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇپ ئۆتتى:

«ئېسىڭدىمۇ ئېيتچۇ سەن تۇغۇلغاندا،

ھەممە كۈلگەنىكەن سەنلا يىغلىغان.

شۇنداق ياشىغىنكى، كېتەر چېغىڭدا،

ھەممە يىغلىسۇن سەن ماڭغىن خەندان.»

ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا كانادادىن تۈركىناز شەمشىدىن، تۈركىيەدىن مەدىنۇر ئابدۇللاھ ئىككى ئوماق قىزىمىز ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قېتىملىق مۇكاپات نامزاتىغا تاللانغان. پائالىيەتتە ئۇلارنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇغان ئەسىرى، ئوماق، گۈزەل دېكلاماتسىيەلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى قانداق چىقارغانلىقى، ئانا تىلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. 

ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بىر نەپەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتلاندى. بۇ يىللىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى پىداكار باغۋەن — نادىرە خانىمغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە بۇ يىللىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى»نىڭ ئۆزىگە بېرىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە «مىساتو ئانا تىل مەكتىپى»نىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»نىڭ ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە تارقىتىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى، ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي تەييارلاپ تاپشۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

جاۋاب يېزىش