You are currently viewing ياپونىيەدىن قايتقان مېھرىئاي ئەركىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ياپونىيەدە جىددىي دىققەت قوزغىدى

ياپونىيەدىن قايتقان مېھرىئاي ئەركىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ياپونىيەدە جىددىي دىققەت قوزغىدى

  • Post comments:0 Comments

«ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» رەئىسى غەيرەت كەنجى ئەپەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 26-فېۋرال ياپونىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يىغىندا، ئۇلار 2019-يىلى يۇرتى قەشقەرگە قايتقان مېھرىئاي ئەركىننىڭ لاگېرغا قامىلىپ، ئۆلۈپ كېتىشتەك پاجىئەلىك قىسمىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇ ئەھۋال يىغىنغا قاتناشقان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان ۋە بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ياپونىيەدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم خەۋەر تېمىسى بولغان.

ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان مېھرىئاي ئەركىننىڭ، 2019-يىلى يۇرتى قەشقەرگە قايتقاندىن كېيىن، 2020-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار 2021-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى دەسلەپ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن فەيسبوك قاتارلىقلاردا ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالغانىدى.

«ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى غەيرەت كەنجى ئەپەندى 2014-يىلدىن بۇيان ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان مېھرىئاي ئەركىننىڭ 2019-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىملىرى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز قەشقەرگە كەتكەنلىكى ھەققىدە «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» كېيىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىدا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىھرىئاي ئەركىن ھەققىدە ياپونىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مېھرىئاي ئەركىن 2014-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان. مېھرىئاي ئەركىن، 1990-يىلى 2-ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەردە ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن خىتاينىڭ بېيجىڭ پوچتا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 2013-ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتى قەشقەرگە قايتقان. مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ ياپونىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى دادىسى ئېچىپ بەرگەن ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىدە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىكەن.

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى يەنە مېھرىئاي ئەركىننىڭ ياپونىيەدىكى مەزگىلىدە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن پائالىيەتلەردە تۇتقۇندىكى دادىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېھرىئاي ئەركىننىڭ 2019-يىلى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن خەۋەرسىز ھالدا، تۇيۇقسىز يۇرتى قەشقەرگە كېتىشىگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ دادىسى قاتارلىق ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قىلغان ھەر خىل بېسىملىرى سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن مىھرىئاي ئەركىننىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى، ۋە ئىلگىرى ياپونىيەدە ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئەھۋالى ھەققىدە، ياپونىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ ئېلىپ بارماقتىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇلار بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق، نۆۋەتتە ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان رىيال ۋەزىيىتىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈش، ۋە بۇ ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

2021-03-03

جاۋاب يېزىش