You are currently viewing تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى — مەدىنۇر ئابدۇللاھ

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى — مەدىنۇر ئابدۇللاھ

  • Post comments:0 Comments

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى يەنە بىر ئوماق قىزىمىز تۈركىيەدىن 7 ياشلىق مەدىنۇر ئابدۇللاھ بولۇپ، مەدىنۇرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى قىزغىنلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ بۇ مۇكاپاتقا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن. مەدىنۇرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش جەريانىدىكى قىزغىنلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

قىزىم مەدىنۇر 7 ياش بولۇپ، 1-يىللىقتا ئوقۇيدۇ، ئائىلىدىن باشلانغان ئانا تىل سۆيگۈسى بىلەن 4 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئويۇن ئارقىلىق ئانا تىل ئۆگىنىشنى باشلىغان ۋە 5 ياشتا كىتابنى نورمال ئوقۇيالايدىغان بولغان، ئۆزىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن كۆپلىگەن شېئىر ۋە قوشاقلارنى يادقا ئېلىپ، يىغىلىشلاردا ۋە پائالىيەتلەردە دادىللىق بىلەن ئانا تىل سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىپ جانلىق نامايان قىلماقتا. ھازىر ئانا تىلدا راۋان ئوقۇش، يېزىش ۋە چۈشىنىش سەۋىيەسىدە ئۈزلۈكسىز ئوقۇۋاتىدۇ.

پائالىيەتلەردىن:

  1. مۇھاجىرەتتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئانا تىل ماھىرلىرى» تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 500 تېلى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
  2. ئانا تىل تېلېۋىزىيە قانىلىدا «ئانا ۋەتەن جەننىتىم» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن.
  3. ئائىلىدە بولسا 2 كىچىك ئۇكىسىغا ۋە ئەتراپتىكى دوستلىرىغا ئانا تىل ئۆگىنىشتە تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.
  4. مەكتەپ ئوقۇشى بىلەن بىرگە، ئانا تىل ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىدىن ھازىرمۇ دەرس ئۆگىنىپ كەلمەكتە.

جاۋاب يېزىش