You are currently viewing قايتىشىڭ سىر ئەمەس مېھرىئاي

قايتىشىڭ سىر ئەمەس مېھرىئاي

  • Post comments:0 Comments

مېھرىئاي، سەن قايتقان كۈنۈڭ ئايروپىلاندا تۇرۇپ «دادام ساق بولسا ئۆزىنى، بولمىسا قەبرىسىنى بولسىمۇ كۆرەي» دېگەن ئىدىڭ. شۇئان بىر قەبرە بولۇپ قالمىغىنىمغا ئۆكۈنۈپ كەتكەن مەن. «سەندىن يىراق تۈركىيەدە سېنى توسۇپ قالالمايدىغان ئادەم بولغاندىن ياپونىيەدە سېنى تۇتۇپ قالغۇدەك قەبرە بولغان بولسام، مېھرىئاي مېنى شۇ يات توپراققا يالغۇز تاشلاپ كېتىشكە چىدىماس، كېتىشنى ئويلىماس بولغىيدى» دەپ ئويلىغان ئىدىم.

ياپۇنىيەدە قەھرىمانلىقنىڭ قەبرىسى بار ئىدى. بۇندىن 80 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئۈچۈن مېلىنى، جېنىنى ۋە ئەۋلادىنى قۇربان قىلغان بىر جەمەتنىڭ بېشى ياپۇنىيەدە ياتقانىدى. ئۇيغۇرغا ياپۇنىيەدە ھۆرلۈك داۋاسى قىلغان تۇرپانلىق موھىتىلار جەمەتىدىن موسۇل موھىتىنىڭ قەبرىسى توكيودا ئىدى. يېنىڭدا بولغان بولسام، زۇلۇمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆيۈپ ئۆلگەن بولسام، موسۇل مۇھىتى ياتقان شۇ قەبرە مېنىڭ بولغان بولسا، ياكى ئۆلۈپ توكيوغا، موسۇل موھىتىنىڭ قەبرىسى يېنىغا كۆمۈلگەن بولسام مېھرىئاي مېنى تاشلاپ كەتمەستى، ئاكامنىڭ قەبرىسىنى دۇئاسىز يالغۇز قويمايمەن دەپ بولسىمۇ ياپۇنىيەدە قالغان بولاتتى. . . دېگەنلەر ئېسىمگە كەچكەنىدى.

سېنىڭ قايتىشىڭدا ھېچ بىر سىر يوق. ئاناڭ ئۈچۈن قايتماي باشقا تاللىشىڭمۇ قالمىغان. «يا بۆلگۈنچى ئاكاڭغا تۇر، يا قولىمىزدىكى ئاناڭغا» دېگەن بۇ سوئالغا دۇچ كەلگەن ھەر قانداق بىر پەرزەنت، بولۇپمۇ سەندەك دادىسىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئىنسان قانداق قىلىشى، قانداق قىلالىشى مۇمكىن؟ سەن قايتساڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمىگۈدەك نادان ئەمەس ئىدىڭ. ئەمما ئاناڭنى بولسىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىشنى قارار قىلدىڭ.

سەن قايتساڭ بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغۇدەك ئەخمەق، نېمە بولۇشىنى بىلمىگۈدەك گاراڭ ئەمەس ئىدىڭ. سەن ماڭا ياردەملىشىپ توردا تارقالغان ئۇيغۇرچە گۇۋاھلىقلارنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشىپ بەرگەن. تۇتۇلغان، قامالغانلارنىڭ قانداق كۈن كۆرىدىغانلىقى ساڭا ئايان ئىدى. گۇۋاھچى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ قاماقتا كۆرگەن كۈنلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۆرىگەنلىكىڭنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ. ئەمما مېنىڭ تۈرمە خاتىرىلىرىمنى شۇنچە ئېزىپ ئىچۈرسەممۇ تەرجىمە قىلىشنى رەت قىلدىڭ. «ئاكا، باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى دېسەڭ تەرجىمە قىلىپ بېرەي، ئەمما ساڭا كەلگەن كۈنلەرنى تەرجىمە قىلماي. مەن ئىشلەپ پۇل تاپاي، ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن چەتئەللىكلەرگە تەرجىمە قىلدۇرايلى. ئىشەنسەڭ مەن سېنىڭ قاماق ھاياتىڭنى ئوقۇشقا، ئاڭلاشقىمۇ پېتىنىپ باقمىدىم، سەن كۆرگەن كۈنلەرنى خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىمەن» دېگەن ئىدىڭ.

سەپەرنىڭ ئالدىدا سېنى توسقان دوستلىرىڭ سېنى سۆيەتتى. سەن ئايروپىلاندا، ئۇچۇشقا بىر قانچە مىنۇت قالغاندا تېلېفون قىلغىنىڭدا كۆڭلى بۇزۇلغان ئاكاڭمۇ قايتىشىڭغا چاۋاك چالىدىغان كەم ئەقىل، چالا ساۋات، ئالا نىيەتلەردىن ئەمەس ئىدى. «ئاكا، يا سەن جىم تۇرمىساڭ، يا مەن توختىتالمىسام، ساقچى ماڭا، ئانامغا توختىماي سېنى توختىتىسەن دەپ بېسىم قىلسا، قانداق قىلىمەن؟ مەن كېتەي، ئۇلار ئانامنى قاماققا ئالمىسۇن، ئانام بولسىمۇ ئۇكام ئۈچۈن، مەن ئۈچۈن ساق قالسۇن» دېسەڭ مەن نېمە دەيمەن، نېمە دېيەلەيمەن، قانداق قايىل قىلالايمەن!

قايتىشىڭدا سىر يوق، ئەقىل تەستىقلايدىغان سەۋەبمۇ يوق. پەقەت سېنى يىراقتىن قەلبىگە باغلاپ تۇرغان بىر ئانىنىڭ مېھرى بار. داداڭ تۇتۇلۇپ كەتتى. سېنى زاكاڭدىن ئايرىپ باققان بىر ھامماڭمۇ كېسىلىپ كەتتى. سەن ئۇلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ باقتىڭ. ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاشكارا سورۇندا، يۈز كۆزۈڭنى ئەتمەي تۇرۇپ مەيدانغا چىقىپ باقتىڭ، ئەمما ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىدى. سەن گۇۋاھلىق بېرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تۇغقانلار يەنە تۇتۇلدى، خىتاي تۇتۇشنى يەنىمۇ داۋام قىلدى، ھېچ بىرەيلەننى قويۇپ بەرمىدى.

قايتىشىڭدا سىر يوق، سەۋەنلىك يوق، بار بولغىنى مۇھەببەتنىڭ يۈكى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ دەردى، پەرزەنتلىكنىڭ بەدىلى. ھەممىمىز يىپى ئانىلارنىڭ يۈرىكىگە باغلانغان لەگلەك، بىزنىڭ تۇمشۇقىمىز مۇھەببەتكە ئىلىنغان، خىتاي بىزنى ئاشۇ مۇھەببەت سەۋەبلىك بۇغۇزىمىزدىن بۇغۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ مۇھاجىر جېنىمىز ۋەتەندە قەپەسكە سولانغان قېرىنداشلارنىڭ تىنىقى ئۈچۈن جىزىلداپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ياشاپ قېلىشى، ھايات تۇرۇشى، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇۋالىمىزغا قالماسلىقى بىزنى قورقۇتۇپ تۇرىدۇ، بىزنى توختىماي ئاگاھلاندۇرىدۇ، جازالايدۇ. بىزنىڭ جاسارىتىمىزنى ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمما زامىن بولماسلىق، ئۇۋالچىلىققا قويماسلىق سەۋەبلىك قىلىنىۋاتقان سۈكۈتلەر بىزنى كۈندە مىڭ قېتىم قەتل قىلىدۇ.

قايتىشىڭدا سىر يوق، ئەمما غەلىبىگە تەلمۈرگەن كۆزلەرگە تىقىلىۋاتقان قۇملار، چېچىلىۋاتقان قوقاسلار، مېھىرسىز ھۇجۇملار سېنى تويغۇزىۋەتتى بولغاي. مۇھاجىرەتتىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر توقۇنۇشى، تەمسىز تەرەپدارلىقلار ئۇرۇشى، خىتايغا بولغان نەپرەتنىڭ كۆزلەرنى كۆر، ئەقىللەرنى لال، تىللارنى زەھەر قىلىشى سەندەك ساددا، تۈز، سەمىمىي چوڭ بولغان ئادەمگە ئېغىر كەلدى بەلكىم.

قايتىشىڭدا سىر يوق، قايتمىساڭ سېنى تۇتۇپ قالىدىغان، كۆزۈڭگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۇتۇق، مەدەت، مۇھەببەتمۇ ھەم يوق ئىدى. داۋا ۋەدە قىلىۋاتقان كەلگۈسىگە مۇھاجىرەتتە ھېچ كىم يېقىن يولاپ باقمىغان، ھېچ بىر ھەرىكەت غەلىبىگە ۋەدىلىك ئەمەس. ھېچ بىر كۈچ كەلگۈسىگە بۇ مىللەتنى بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرۇپ باقمىغان.

مۇھاجىرەتتە ھەمرىيىڭ جاپا، دوستۇڭ غەم، دۈشمىنىڭ نەتىجە. تۇرۇۋاتقان ئەلدە پۇلنى قويماي تېپىپ، تىللادىن ساراي سالساڭمۇ يەرلىكنىڭ «سەن قەيەرلىك» دېگەن سوغۇق سوئالىغا تەمتىرەيسەن. شۇ سوئالغا ئۇچرىغاندا شۇ ھەيۋەت سارايلىرىڭمۇ سارغايغان ھالىتىڭنى سىغدۇرالمايدۇ. شۇ چاغدا دۆلەت ئەمەس، ئۆزۈڭ سېتىۋالغان داچىمۇ سېنى يەكلەيدۇ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىمۇ سېنى «كەلگۈندى، مۇساپىر» دەپ سەتلەيدۇ.

سەن قايتتىڭ مېھرىئاي، چۈنكى قايتساڭ بېرىلگەن ۋەدە يالغان بولسىمۇ ئېنىق، ئەمما مۇھاجىرەتتە سەن ئېرىشمەكچى بولغان غەلىبىمۇ نامەلۇم. مۇساپىرچىلىقتا جاننىڭ سىقىلىشى، سىقىلغاندا سىڭىپ كەتكۈدەك، ئىچىنى يېرىپ كىرىپ كەتكۈدەك بىر يەرنىڭ، بىر قۇچاقنىڭ بولماسلىقى، كۈتكىدەك كېلەچەك، كەتكۈدەك بىر ماكاننىڭ بولماسلىقى سېنى ھارغۇزۇۋەتتى. جېنىڭنى ئىككى تاش قىستى، قورام تاشتەك ئىككى مۇھەببەتنىڭ ئارىسىدا سىقىلدىڭ. ئاناڭنىڭ مېھرى بىلەن ئاكاڭنىڭ يولى سېنى تالاشتى. تىرىك تۇرۇپ ۋەتەندە كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە ئاكاڭ يېقىۋاتقان ئوتتا تەڭ كۆيۈش ئېغىر كەلدى ساڭا.

قايتىشىڭ سىر ئەمەس، بۇنىڭغا يەنە مەن سەۋەبكار. 2017-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى مىسىردا يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى. مەن تۈركىيەدە بۇ ۋەقەنى جاكارلىدىم، داداڭ قەشقەردە تۇتۇلدى. «ئاكا، سەن قەھرىمان بولدۇڭ، دادام قۇربانلىق بولدى» دېدىڭ ئەتىسى كەچتە. ساڭا «ئەگەر سەنمۇ مەندەك قەھرىمان بولساڭ، ھەممە ئۇيغۇر قەھرىمانلىقنى تاللىسا ھېچكىم قۇربان بولمايتتى» دېگەنلىرىم ھېلىمۇ يادىمدا. بەلكىم سەنمۇ مەندەك قەھرىمان بولۇشنى تاللىغانسەن.

قايتىشىڭ سىر ئەمەس مېھرىئاي، ئۆلۈمۈڭ سىر. سېنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىڭ سىردەكلا تارقالدى، يەنە سىر پېتى تۇرۇۋاتىدۇ. ئاخىرقى جۈملەڭ «ئاپام تېلېفون قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئاۋازىڭ بىلەن ئۈزۈلگەن ئىدى. ئاپاڭ نېمە دېدى، ئ‍اپاڭغا نېمە دېگۈزدى، قاچان، قەيەردە نېمە بولدۇڭ، ھەممىسى تېپىشماقتەك جاۋابسىز تۇرۇپتۇ. شۇ ئاۋازدىن كېيىن سەن ھەققىدە نە بىر تاۋۇش، نە بىر ھەرپ ئاڭلىغان بولسام كاشكى.

قايتىش قارارىڭدىن كېيىن مەڭگۈلۈككە كەتكەنلىكىڭنى، سىرلار دۇنياسىغا سەپەر قىلغىنىڭنى ئاڭلىدىم. ئەمما مەن بۇ سىرنى چوقۇم ئاچىمەن. خىتاي تىرىك تۇتقۇن قىلىپ ئۆلۈك چىقىرىپ بەردى سېنى. مەن سېنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىڭنى، قايسى مەلئۇننىڭ قولىدا تىنىقىڭ توختىغاننى چوقۇم ئېنىقلايمەن. بەدىنىڭ توپراققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتاي يۈزۈڭنىمۇ ئاچقۇزماي دەپىنە قىلغۇزىۋەتكەن بولسىمۇ، مەن بۇ قاتىللىقنىڭ يۈزىنى ئاچىمەن. سېنىڭ ئ‍ۆلۈمۈڭنىڭ ئۆلۈملەرنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالماسلىقى، سان-ساناقسىز مېھرىئايلارنىڭ قۇياشلىق كۈنلەرگە چىقىشى، زۇلۇم زىندانلىرىنىڭ پاچاقلىنىپ، تاڭنىڭ تېزرەك ئېتىشى ئۈچۈن بۇ سىرنى ئاچماي قويمايمەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

2021-06-29

جاۋاب يېزىش