You are currently viewing «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» – مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا مەدەت بولغۇسى

«مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» – مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا مەدەت بولغۇسى

  • Post comments:0 Comments

2019-يىلى جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىن ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغانىدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش؛ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن، كەڭ ۋە ئىزچىل قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن 2022-يىلىنىڭ بېشىدا «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان.

مەزكۇر مۇكاپات ھەر يىلى مېھرىئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان 23-فېۋرال كۈنى تارقىتىلىش قارار قېلىنغان بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» بۇ يىل 23-فېۋرال كۈنى تارقىتىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلىش بولسا 1-نويابىر كۈنى رەسمىي باشلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە ئۆسۈملۈك بىيوتېخنىكا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان مېھرىئاي ئەركىن 2019‏-يىلى 8 ‏-ئايدا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن دادىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى. رادىيومىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەقتە جىددىي ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان ۋە نەتىجىدە مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.

«مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئىسمى بىلەن ئېچىلغان تور بەتتە «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر مۇكاپات ئىككى تۈر بويىچە تارقىتىلىدىغان بولۇپ بىر نەپەر «ئانا تىل ئۆگەتكۈچى» يەنى مۇئەللىمگە؛ ئىككى نەپەر «ئانا تىل ئۆگەنگۈچى» يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا تارقىتىلىدىكەن. ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ ھەقتىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تور بەتتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلغان مۇئەللىملەرگە ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇش؛ يېڭىلىق ياراتقان بولۇش؛ مۇستەقىل دەرسلىك، مەشىق ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلى ياراتقان بولۇش ياكى شۇنداق ئۇسۇللارنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇش؛ ئوقۇتۇش سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسكەن بولۇش، ئوقۇغۇچى سانى ئىزچىل كۆپەيگەن بولۇش قاتارلىق تەلەپلەر قويۇلغان. تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى نادىرە خانىمغا بېرىلگەن بولۇپ، بىز بۇ مۇكاپات ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ساھىبى نادىرە خانىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنى چىرايلىق يېزىشنى، ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگەنگەن بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم قورغانلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىغان.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ۋە نادىرە خانىم مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم قورغانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئانا تىل مەكتىپى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىككىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» 2023 يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە، مېھرىئاي ئەركىننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بىر خاتىرە ئىزنىكى، تەقدىرنامە ۋە نەق پۇل مۇكاپات (مۇئەللىمگە 100,000 يېن، ئوقۇغۇچىغا 50,000 يېن) بېرىلىدىكەن. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (2022-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرى)
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mihray-erkin-11022022191150.html

جاۋاب يېزىش