You are currently viewing ئىككىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

ئىككىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئىلتىماس قىلىش باشلاندى

  • Post comments:0 Comments

جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغانلىقىنى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن، كەڭ ۋە ئىزچىل قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»غا ئىلتىماس قىلىش 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلاندى. 

مۇكاپات ئىككى تۈر بويىچە تارقىتىلىدۇ: بىرىنچىسى، بىر نەپەر ئانا تىل ئۆگەتكۈچى، يەنى مۇئەللىمگە؛ ئىككىنچىسى، ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا.

مۇئەللىمگە قويۇلىدىغان تەلەپ: ئانا تىل ئوقۇتۇشتا 1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇش؛ 2) يېڭىلىق ياراتقان بولۇش؛ 3) مۇستەقىل دەرسلىك، مەشىق ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلى ياراتقان بولۇش ياكى شۇنداق ئۇسۇللارنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇش؛ 4) ئوقۇتۇش سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسكەن بولۇش، ئوقۇغۇچى سانى ئىزچىل كۆپەيگەن بولۇش.

ئوقۇغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ: ئانا تىلنى ئىزچىل ئۆگەنگەن بولۇش، ئانا تىل نەتىجىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، نەشر ئەپكارلار ۋە ئۇيغۇرچە سورۇنلاردا ئىسپاتلىغان بولۇش، ئۇيغۇرچە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازانغان بولۇش، ئانا تىل ئۆگىنىشتە تەشەببۇسكار بولغان بولۇش، باشقىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇش.

مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: مېھرىئاي ئەركىننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بىر خاتىرە ئىزنىكى، تەقدىرنامە ۋە نەق پۇل مۇكاپات (مۇئەللىمگە 100,000 يېن، ئوقۇغۇچىغا 50,000 يېن) بېرىلىدۇ.

مۇكاپاتلايدىغان ئورۇن: ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى

مۇكاپات ۋاقتى: ھەر يىلى مېھرىئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان 23-فېۋرال كۈنى تارقىتىلىدۇ (ئىككىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» 2023-يىلى 23-فېۋرال تارقىتىلىدۇ).

ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى: 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە.

ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى: تور بەتنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى «ئىلتىماس قىلىڭ» دېگەن تاللاشنى چېكىپ ئىلتىماس قىلىش بېتىگە كىرىڭ، ئاندىن «ئىسىم-فامىلىسى»، «ئېلخەت ئادرېسى»، «تېما»، «ئىلتىماس قىلماقچى بولغان تۈر» ۋە «مەزمۇن» قاتارلىقلارنى تولدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى يۈكلەپ «ئەۋەتىش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھەرگىز ئاشكارىلانمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى توردا ئېلان قىلىنمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار خاتىرجەم ئىلتىماس قىلىۋەرسە بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش