You are currently viewing ياپونىيەدىن قايتقان تەتقىقاتچى مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئايدىڭلاشتى

ياپونىيەدىن قايتقان تەتقىقاتچى مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئايدىڭلاشتى

  • Post comments:0 Comments

قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە 2019‏-يىلى ياپونىيەدىن قايتىپ قەشقەردە تۈگەپ كەتكەن ياپونىيە نارا پەن-تېخنىكا ئىنستىتىتىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى مېھرىئاي ئەركىننىڭ قاماقخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ۋە بۇ ئۆلۈم خەۋىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ساقچى تەرەپنىڭ مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تۇتۇپ تەكشۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 2013 ‏-يىلى شاڭخەي قاتناش ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆسۈملۈك بىئو-تېخنىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ۋە 2014 ‏-يىلى توكيو ئونىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، يەنە شۇ كەسپتە ماگېستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان مېھرىئاي ئەركىن قەشقەردىكى ئاتا-ئانىسىغا قىلىنغان بېسىم سەۋەبلىك2019 ‏-يىل 8 ‏- ئايدا يۇرتىغا قايتقان. ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئۇچۇرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭ يۇرتى توققۇزاق ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئالدىنقى ھەپتە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان مەزگىلدە جان ئۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. 

قەشقەردىكى بەزى ساقچى خادىملىرى مېھرىئاي ئەركىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. 

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئۆلۈمى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دېلوغا مەسئۇل بولغان ساقچىلار مەزكۇر ئائىلىنى بىر تەرەپتىن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن «ساقچىلارغا تۆھمەت قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ تەھدىت سالغان. دېيىلىشىچە، دېلوغا مەسئۇل ساقچىلار مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىدا مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئەسلىدە كېسىلى بارلىقى ۋە مەزكۇر ئائىلىنىڭ بۇ كېسەلنى ساقچىلاردىن يوشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە دوكلاتقا ساختا بىر كېسەل تارىخى ھازىرلاپ قىستۇرۇلغان. ئۆزىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنىڭ كوپىيەسىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ساقچىلارنىڭ ھەتتا مېھرىئاي ئەركىننىڭ كېسىلى بارلىقى ھەققىدە مەزكۇر ئائىلىنى سىن كۆرۈنۈشلۈك گۇۋاھلىق بېرىشكە قىستىغانلىقى ۋە ئارقىدىن نامەلۇم سەۋەب بىلەن بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملاربۇ ئۇچۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنىمۇ رەت قىلدى. 

مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى خەۋىرىمىزدە مېھرىئاينىڭ  قەشقەردىكى ئائىلىسىگە ئېغىر بېسىم سېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقاتچى مېھرىئاي ئەركىن نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يۇرتىغا قايتىش ھەققىدە قارار بېرىشتىن بىرقانچە ئاي بۇرۇن تاغىسى ئابدۇۋەلىنى پائالىيەتلىرىدىن توختاپ قېلىشقا بىرقانچە قېتىم ئاچچىقلانغان ھالدا دەۋەت قىلغان ئىكەن. ئەسلىدە بۇ گەپلەرنىڭ مېھرىئاينىڭ مىجەزى ۋە كۆرگەن ئائىلە تەربىيەسىگە قىلچە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مېھرىئاينىڭ بۇ گەپلەرنى پەقەت  ئاپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپىسىنىڭ بولسا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئېغىزدىن چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

 ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تەمىنلىگەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە توكيو ئايرودرومىدا تۇرۇپ چەت ئەلدىكى بىر دوستىغا يازغان تېلېفون ئۇچۇرىدا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىشقا قارار بەرگەنلىكى ۋاستىلىق ھالدا ئىزاھلانغان. يەنى ئۇ مەزكۇر ئۇچۇردا: «ئىلگىرى ئالغان ئەخلاق تەربىيەسى بويىچە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى يېنىدا تۇرۇپ قايتۇرۇشقا قارار بەرگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى مېھرىئاينىڭ بۇ گەپلەر ئارقىلىق ئىككىلىنىش ۋە ئەندىشە ئىچىدىكى قەلبىگە تەسەللىي بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەزكۇر تېلېفون ئۇچۇرىدا يەنە ئېنىق ھالدا «ئەگەر ئۆلسەم، قەبرەم بولۇپ قالسا، بىر دەستە قىزىل گۈل قەبرەمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن!» دەپ ۋەسىيەت خاراكتېرىدە سۆز قالدۇرغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بۇنىڭغا ئاساسەن، مېھرىئاينىڭ بۇ سەپىرىدە ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلغانلىقى ۋە ھەتتا قەبرىسىز قېلىشتەك بىر ئۆلۈمنىمۇ كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. 

ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر توققۇزاقتىكى بىر ساقچى خادىمى، مېھرىئاي ئەركىن دېلوسىنى ئۆزى تۇتمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ قاماقخانىدا ئۆلگەنلىكىنى خىزمەتداشلىرىدىن ئۇققانلىقىنى بايان قىلدى.  يەنە بىر خادىم مېھرىئاي ئەركىننىڭ يانبۇلاق تەربىيەلەش مەركىزىدە بىر مەھەل  تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، لاگىر، قاماقخانا ۋە تۈرمە قاتارلىق ئاتالغۇلار قانۇنىي ئۇقۇم جەھەتتىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئىجرائاتتا بەزى نۇقتىلاردا ئوخشاشلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەزىدە پەرقسىز ھالدا ئىشلىتىلمەكتە. شۇڭا يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئېيتقاندەك، دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ قولىدا تۇتۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان مەزگىلدە يانبۇلاق قاماقخانىسىدا ئۆلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

2021-05-13

 

جاۋاب يېزىش