You are currently viewing مېھرىئاينىڭ سەپىرى

مېھرىئاينىڭ سەپىرى

  • Post comments:0 Comments

«مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئەگەر قەبرەم بولسا بىر دەستە قىزىل چوغلۇق قەبرەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن» دېگەن جۈملە كۆپىنچىمىزگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. بۇ، مېھرىئاي ئەركىن ئىسىملىك قىزنىڭ ياپونىيەدىن قەشقەرگە قايتىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان دادىسىنى ئىزدەش سەپىرىگە چىقىشتىن بۇرۇن دوستلىرىغا ئەۋەتكەن ئاخىرقى ئۇچۇرى.

مېھرىئاي ئەركىن 2017-يىلى ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆسۈملۈكلەر بىئولوگىيەسى كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن ۋە يەنە دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن. لېكىن ئۇ، 2017-يىلى 9-ئايلاردا دادىسىنىڭ لاگېرغا ئىلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مېھرىئاينىڭ ھاياتى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇشقا باشلايدۇ. مېھرىئاينىڭ قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ھەققىدە ئاپىسىنىڭ ۋە ساقچىلارنىڭ بېسىملىرى كۈنسېرى ئارتىدۇ. 2019-يىلىنىڭ باشلىرىدا دادىسىنىڭ لاگېردىن باشقا بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مېھرىئاينىڭ دادا ھەسرىتى كۈنسېرى ئۇلغىيىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرى قايتىشنى قارار قىلىدۇ.

مېھرىئاينىڭ ياپونىيەدىكى يېقىن دوستى تاڭنۇر مېھرىئاينىڭ ياپونىيەدىكى بارلىق خۇشاللىقلىرى ۋە ھەسرىتىگە جۆر بولغان بولسىمۇ، ئەمما مېھرىئاينىڭ ئاخىرقى قېتىملىق سەپىرىدىن خەۋەرسىز قالغان. تاڭنۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مېھرىئاينىڭ قەشقەرگە قايتىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېھرىئاي ئايرودرومغا چىقىپ بولۇپ ماڭا ئۇچۇر قىلىپتۇ، ئۇ ئۇچۇردا ‹مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ‍ئەگەر قەبرەم بولسا بىر دەستە قىزىل چوغلۇق قەبرەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن› دەپ يازدى».

شۇنىڭ بىلەن مېھرىئاي ئەركىن 2019-يىلى 18-ئىيۇن خىتايغا قايتقان. 2020-يىلى 20-دېكابىردا مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەندى. 2019-يىلى ئىيۇندىن 2020-يىلى دېكابىرغىچە مېھرىئاينىڭ قانداق ئەھۋالغا دۇچار بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق.

مېھرىئاي ئەركىننىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق تاغىسى، پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ جىيەن قىزى مېھرىئاينىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى ئازابىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەن پائالىيىتىمنى توختاتماي نېمىگە ئېرىشتىم؟»

مېھرىئاي ئەركىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رافائىل گىلۇكىسمەن، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم قاتارلىقلار باشچىلىقىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مىھرىئاي ئەركىنگە ئادالەت تەلەپ قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار بىر قولىدا بىر دەستە چوغلۇق ياكى قىزىل گۈل، يەنە بىر قولىدا مېھرىئاي ئەركىننىڭ سۆزى چۈشۈرۈلگەن رەسىمنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي تەرەپ ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان لاگېرلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ كىشىلەرگە ئادالەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

«ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى مىھرىئاي ئەركىن ھەققىدە ياپونىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ماتسۇبارا ئەپەندىممۇ پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە: «توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان مېھرىئاي دېگەن ئۇيغۇر قىز خىتايغا مەجبۇرىي قايتقاندىن كېيىن لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەن» دەپ مېھرىئاينىڭ ۋەقەسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە بىلدۈرگەن.

بىز مېھرىئاي ئوقۇغان توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەللىك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇلاردىن ئۆزلىرىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ خىتاينىڭ لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى سورىدۇق. ئۇلار: «بىز سىلەرگە بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىمىزنى بىلدۈرۈپ ئېلخەت يوللايمىز» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن مېھرىئاي ئەركىن ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

مېھرىئاي ئەركىننىڭ تاتلىق كۈلۈپ تۇرغان رەسىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن بۇ ياش قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن سوئاللار سورالغان. بىز مېھرىئاي ئەركىن ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مېھرىئاي تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە كەلگەندە بىر مەزگىل بىللە تۇرغان رەيھان خانىم ۋە مېھرىئاي ياپونىيەدىكى ئاخىرقى كۈنلىرىدە ھەمراھ بولغان يەنە بىر خانىمنى مېھرىئاي ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.

ئۇلار مېھرىئاينىڭ نەقەدەر تىرىشچان، ئاق كوڭۇل، مېھرى ئىسسىق قىز ئىكەنلىكىنى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى ۋە يەنە مېھرىئاينى قايتىپ كېتىشتىن توسۇپ قالالمىغانلىقىغا بولغان پۇشايمانلىرىنى ئاڭلاتتى.

رەيھان خانىم خىتاينىڭ مۇشۇنداق ئۇيغۇرلۇقنى جاندىن ئەزىز كۆرگەن ياشلارنى نىشان قىلغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ھېچكىمگە قىلچىلىك زىيىنى تەگمەيدىغان كىچىك قىزنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مېھرىئايغا ئوخشاش ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولانغان، يۈرىكى پۇچىلانغان ياشلارغا مۇنداق خىتاب قىلدى: «ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا زۇلۇم قىلغان خىتايغا قارشى ئاكتىپ قارشى چىقىشىنى، پاسسىپ تۇرۇۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. پاسسىپ مۇداپىئە ھېچكىمنى قوغداپ قالالمايدۇ.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

2021-06-18

جاۋاب يېزىش