You are currently viewing ئىككىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىككىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

  • Post comments:0 Comments

2023-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ مىساتو شەھىرىدە «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى ۋە توكيو ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان ئاتا-ئانىلار ۋە مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل دەرسى ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار كېلىپ قاتناشتى، يىراقتىكىلەر تور ئارقىلىق قاتناشتى.

پائالىيەت باشلىنىپ، ئالدى بىلەن «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە قىممىتىنى چوڭ بىلىپ قاتنىشىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى، ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ قىسقىچە ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، شۇنداقلا خىتايدىن مەرھۇمنىڭ ھېسابىنى ئېلىش يولىدا ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى، مېھرىئاي ھەققىدە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا، گېزىتلەردە چىققان خەۋەرلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى «ئانا تىل فوندى» ۋە «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە «ئانا تىل فوندى» نىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ئىككى تۈر بويىچە، يەنى، بىرىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، بىر نەپەر ئانا تىل ئۆگەتكۈچى، يەنى مۇئەللىمگە؛ ئىككىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا تارقىتىلىدىغانلىقى، مۇكاپاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر تۈردىكى مۇكاپاتقا نامزاتلارنى تاللاشتىكى ئۆلچەملەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلاندى. بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» غا ئامېرىكىدىن مەلىكە نۇر، تۈركىيەدىن نەرگىزە مەمەتجان ئىككى ئوماق قىزىمىز ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قېتىملىق مۇكاپات نامزاتىغا تاللانغان. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى ئۇلارغا بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى. پائالىيەتنىڭ ۋاقتى ئۇلارنىڭ ۋاقتىغا توغرا كەلمەي قالغاچقا، ئۇلار قاتنىشالماي قالدى. ئۇلار بۇ پائالىيەتكە ۋىدىيو ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى بىلدۈردى.

قىزىمىز مەلىكە نۇر ۋىدىيوسىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ رەھمەت ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، پائالىيەتنىڭ ۋاقتى ئۆزىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «ئىستىقلال مارشى» نى راۋان ۋە جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

قىزىمىز نەرگىزە مەمەتجان ۋىدىيوسىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ رەھمەت ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تۆۋەندىكى قۇرلارنى تەقدىم قىلدى: «مەن بىر ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرچە سۆزلەيمەن. ئەمما، ئۇيغۇر تىلى مېنىڭلا تىلىم ئەمەس، بەلكى مېنى تۇغۇپ، پەپىلەپ چوڭ قىلغان ئانامنىڭ تىلى؛ ماڭا قورقماسلىق ھەققىدە تەلىم بەرگەن دادامنىڭ تىلى. ئۇ ئۇيقۇدىن بۇرۇن مېنىڭ قۇلىقىمغا پىچىرلانغان نۇزۇگۇم، رىزۋانگۈل، ئايخان ئانا ۋە يەتتە قىزلىرىم روھىنىڭ سىمۋولى. گەرچە مەن بۇ تىلنى تۇغۇلۇش نېسىپ بولمىغان ئانا ۋەتىنىمدە ئۆگەنمىگەن بولساممۇ، ۋە گەرچە ئۇنى ۋەتەندە تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ ‹ئۇيغۇرمەن› دەپ جار سالماستىن، شوخ ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ئويناپ ئۆگەنمىگەن بولساممۇ، ئەمما مەن يەنىلا بەختلىكمەن. چۈنكى، مېنى ۋەتەن، ئانا تىلى ۋە ئېتىقاد سۆيگۈسى بىلەن چوڭ قىلىۋاتقان ئاتا-ئانامنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماڭا ئانا ۋەتەن ۋە ئانا تىل سۆيگۈسىنى دەرسخانىدا، رەسىم كۇرۇژۇكلىرىدا قېنىمغا سىڭدۈرۈۋاتقان قەدىرلىك مۇئەللىملىرىم بار تېخى. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانام ئېيتىپ بەرگەن قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى مېھرىئاي ئەركىن ھەدەمنىڭ روھىنىڭ مەڭگۈ شاد بولۇشىنى ۋە ئىزىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەسلىكىنى تىلەيمەن. رەھمەت سىلەرگە.»

ئارقىدىن، نەرگىزە مەمەتجاننىڭ ئاپىسى بۇخەلچەم خانىم ئەۋەتكەن ۋىدىيو قويۇپ بېرىلدى. بۇخەلچەم خانىم سۆزىدە ئالدى بىلەن پەرزەنتلەرگە ئانا تىل ئۆگىتىش يولىدا ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ئۇستازلارغا ۋە ھارماي-تالماي ئۆگىنىۋاتقان سۆيۈملۈك بالىلارغا قىزغىن سالىمىنى يوللىدى، ئاندىن قىزى نەرگىزەنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ بۇنىڭدىن شادلىققا چۆمگەنلىكىنى، ھەمدە بۇ پائالىيەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىغا، تېخىمۇ ئىشتىياق بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن بىر نەپەر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى مۇكاپاتلاندى. بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» غا ئاۋسترالىيەدىن ئادالەت جۈرئەت مۇئەللىم ئېرىشكەن بولۇپ، ئادالەت مۇئەللىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى چىقىرىش يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى، توختاۋسىز ئىزدىنىشى ۋە تىنىمسىز تىرىشچانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا تاللانغان. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى ئادالەت مۇئەللىمگە بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئادالەت مۇئەللىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئادالەت مۇئەللىم سۆزىدە بۇ يىللىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» نىڭ ئۆزىگە بېرىلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى:

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، ئاتا-ئانىلار، ئوماق بالىلىرىم، ھەممىڭلارغا مەن ئادالەتتىن سالام! ھەممڭلار ئوبدان، ياخشى تۇرۇپسىلەر. سىلەرنىڭمۇ كىرگىنىڭلارنى كۆرۈپ مەن بەك خۇش بولدۇم. مېنى مۇشۇ ئىككىنچى قېتىملىق مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى نىڭ ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى دېگەن مۇشۇ تۈرگە مۇۋاپىق كۆرگىنىڭلارغا رەھمەت. مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم. ئەمدى مېنى مۇشۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىشىمغا، سىزگە بەك مۇۋاپىقكەن، ئىلتىماس قىلسىڭىز بوپتىكەن دەپ، مېنى مۇشۇنداق كۆرسەتكەن مېنىڭ مۇشۇ ئوماق ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئانىلىرىغا، جۈملىدىن رىزۋانگۈل خانىمغا، زۇلمىرە خانىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. مۇشۇلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، مۇشۇلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلغانتىم. مېنىڭ مۇشۇ مۇئەللىم بولۇپ قېلىشىمغا تۇنجى بولۇپ ئۆزۈمنىڭ پەرزەنتلىرى، ئۇنىڭدىن كېيىن مېنى بۇنى داۋاملاشتۇرۇشۇمغا سەۋەب بولغان مانا مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئوماق ئوقۇغۇچىلىرىم سەۋەب بولدى. بولمىسا مېنىڭ كەسپىم ئوقۇتقۇچىلىق ئەمەس، مەن ئۇيغۇر تىلى — ئانا تىلىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغۇدەك سەۋىيەگىمۇ لايىق ئەمەس دەپ ئويلايمەن ئۆزۈمنى، داۋاملىق ئۆگىنىۋاتىمەن. ئۆگىنىش جەريانىدا بالىلىرىمىزغىمۇ ئۆگىتىۋاتىمەن. چۈنكى، مەن ئۆگىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆگىتەي دەيدىغان شارائىتىمىز يوقكەن ھازىر. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بالىلىرىمىز چوڭ بولۇپ قالغۇچە ئۆگىتىشىمىز كېرەك ئىكەن. ئەمدى مەسىلەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى ئائىلىلەردە، ئاتا-ئانىلاردا ھەر خىل قىيىنچىلىقلار بار. نەدىن باشلاشنى، قانداق قىلىشنى، قانداق ئۆگىتىشنى، نېمىلەرنى ئۆگىتىشنى بىلەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار بەك كۆپ ئىكەن. شەخسەن مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ بالىلىرىغا نەدىن باشلاشنى، نېمە ئۆگىتىشنى، ماتېرىياللارنى نەدىن تېپىشنى … مۇشۇ ئىشلارنى بىلەلمەي بەك قىينىلاتتىم. شۇنىڭغا مەن مۇشۇ ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان تۆت ياشتىن باشلاپ بالىلارنى، قىزىقىدىغان ئاتا-ئانىلار ئۆزى، مەسىلەن، بالىلىرىمنى مۇشۇ ئانا تىلدا، ئانا تىل ئۆگەتسەم بولاتتى دەپ، يەرلىك ئانا تىل مەكتەپلىرىگە بەزى بالىلىرىمىزنىڭ بېرىش شارائىتى يار بەرمەيدۇ ھەم مەنمۇ يەرلىك ئانا تىل مەكتەپلىرى بار يەردىن بەك يىراقتا ياشايمەن، بىر ئايرىم كىچىك شەھەردە ياشايمەن. شۇنىڭغا مەن مۇشۇ تور ئارقىلىق مۇشۇ بالىلىرىمغا ھەپتىدە ئىككى قېتىمدىن دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن. ئەمدى بىزنىڭ بۇ دەرس ئەسلى بالىلار ئانا تىل ئائىلىدە ئۆگىنىدۇ، ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ، دادىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئەمما ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇ قانداق ئۆگىتىش مەسىلىرىنى ھەل قىلالماسلىقنى شۇنىڭغا بىر ئازراق ياردەمدە بولۇشى ئۈچۈن، ھەم بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش ئارقىلىق كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ گۇرۇپپىمىزنى قۇرۇپ، مۇشۇ گۇرۇپپىمىزدا بىرلىكتە ئانا تىل ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا مېنى لايىق كۆرگىنىڭلاردىن خۇش بولدۇم، رەھمەت! بۇ مېنىڭ ئانا تىل ئۆگىتىشىمدىكى قىزغىنلىقىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان بولدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆپلەپ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ چىقىشىنى، مۇشۇ بالىلىرىمنىڭمۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئانا تىل ئۆگىتىش يولىدا پىدائىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت.»

ئارقىدىن ئادالەت مۇئەللىمنىڭ «تىل راۋان» گۇرۇپپىسىدىكى ئوماق بالىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى شېئىر-قوشاقلار ۋىدىيوسى قويۇپ بېرىلدى. قاتناشقۇچىلار ۋىدىيودىكى 20 گە يېقىن بولغان بالىلارنىڭ ئانا تىلدا ئوماق، چۈچۈك تىللىرىدا ئېيتىلغان شېئىر-قوشاقلاردىن ھۇزۇرلاندى.

ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىسى ئەنقەر خالمەت ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئەنقەر خالمەت يۈرەك سۆزلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

 «ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ھەدىلەر، كىچىك دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن مېھرىئاي مۇئەللىمنىڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىسى ئەنقەر خالمەتتىن ھەممىڭلارغا سالام.
مەرھۇم مېھرىئاي مۇئەللىم بىزگە ئېلىپبە دەرسى ئۆگەتكەن. بىزگە ھەرپلەرنى ناھايىتى قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۆگىتەتتى، بىز مۇئەللىمنىڭ دەرسىگە ۋە مۇئەللىمگە بەك ئامراق ئىدۇق. ئەپسۇس، بىز مۇئەللىمىمىزنى مەڭگۈ كۆرەلمەيمىز، لېكىن مۇئەللىمنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمىز، ھەم ئانا تىلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، مۇئەللىمنىڭ روھىنى خۇش قىلىمىز.
بۈگۈن مەرھۇم مېھرىئاي مۇئەللىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. مۇئەللىم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! بىز سىزنى ناھايىتى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمىز، ئاللاھتىن سىزگە گۈزەل جەننەتلەر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز» .

 ئارقىدىن ئادالەت مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىشلىگەن ۋىدىيو قويۇپ بېرىلدى. ۋىدىيودا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئادالەت مۇئەللىمنىڭ كەمتەر پەزىلىتىگە، مەسئۇلىيەتچانلىقىغا، بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ۋە ئەجىر-مېھنىتىگە بولغان كۆپ تەشەككۈرلىرى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ۋىدىيونىڭ ئاخىرىغا بالىلارنىڭ ئوماق تىللىرىدا ئادالەت مۇئەللىمگە ئامراقلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئادالەت مۇئەللىمگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

ئارقىدىن ئادالەت مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانىلىرىدىن بىرى گۈلنۇر خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. گۈلنۇر خانىم ئالدى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا ۋە ئادالەت مۇئەللىمگە سالام يوللىدى، ئاندىن ئادالەت مۇئەللىمگە ئاتا-ئانىلارنىڭ نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئادالەت مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ يەنە ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت يېتەكلەپ ماڭىدىغانلىقى، ئۆزلىرى بىلەن دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە بېقىپ تەربىيەلەپ ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقى، ئادالەت مۇئەللىمدىن بەك مىننەتدار ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئادالەت مۇئەللىمدەك بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا، ئالدىنقى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى نادىرە خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. نادىرە خانىم ئالدى بىلەن ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىدىكى قېرىنداشلار نامىدىن قاتناشقۇچىلارغا قىزغىن سالىمىنى يوللىدى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خەيرىنىسا مۇئەللىمنىڭ مەرھۇم مېرىئاي ئەركىنگە ئاتاپ يازغان تۆۋەندىكى شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى:

«سىڭلىم مېھرىئاينى ئەسلەپ

ياش ئىدىڭ ياپراق ئىدىڭ ئەلنىڭ قىزى،
ئانا تىلىمىز كۈلدى سەندە ئۇيغۇر قىزى.
بىرمەھەل ياش غۇنچىلارنى پەرۋىش ئېتىپ،
ئانا تىلدا نۇرلار چاچتىڭ قەشقەر قىزى.

ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن ۋۇجۇدۇڭدىن،
ياۋلارغا جەڭ ئاچتىڭ ئاتەش تىلىڭ بىلەن.
روھۇڭ سېنىڭ ئېگىلمەستىن تۇردى مەزمۇت،
بوۋام مەھمۇد، يۈسۈپلەردەك بۈيۈكلۈك بىلەن.

ياپون دېڭىزى بويلىرىدا قالدى ئىزلىرىڭ،
ئاكا-ئاچا، ئىنى-سىڭىل دوستلىرىڭ بىلەن.
تۈردۇق بەلنى بىزمۇ مەھكەم ئەي قېرىنداش،
تا ئەبەدكە مېڭىش زۆرۈر دەپ ئىزلىرىڭ بىلەن.

جىسمىڭ كەتتى ئىنسانىيەت ئالەمىدىن،
ۋۇجۇدىغا كۆمۈلگەن شۇ بۈيۈكلۈك بىلەن.
ساڭا تەشنا پىنھان دىللار قالدى يېتىرقاپ،
كۆزلەر يامغۇر، يۈرەكلەر قان ئاھۇ-زار بىلەن.»

ئاخىرىدا، مېھرىئاينىڭ تاغىسى، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سەپەر ئۈستىدە بولغاچقا، بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتنىشالماي قېلىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ۋىدىيوغا ئېلىپ ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ، ۋىدىيودا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 

 «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بۇ مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى نى تەشكىللىگۈچى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پىداكار دوستلار، ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياپونىيەدىكى ئانا تىلىنى ئانىسىنى سۆيگەندەك سۆيىدىغان، ئانا تىل ئۈچۈن ۋاقتىنى پىدا قىلىشنى خالايدىغان، ئانا تىلدا بالىلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار، ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇ ۋىدىيونى كۆرۈۋاتقان بارلىق دوستلار، قېرىنداشلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار، بۈگۈن مېھرىئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنى، شۇنداقلا مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى نىڭ تارقىتىلىش كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدى بىلەن مېھرىئاينىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئانا تىل ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان بارلىق دوستلارنى تەبرىكلەيمەن. ئۇلارنىڭ تېخىمۇ غەيرەتلىك، شىجائەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئانا تىل ئۆگىتىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىزچىللىقنى، جاسارەتنى بالىلىرىغا ئۆگىتىشىنى، ئانا تىل ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇققا بولغان مېھىرنى بالىلارغا سىڭدۈرۈشىنى، ئانا تىل ئوتىدا كۆيۈۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئوتنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا، ئەتراپقا، دوستلارغا تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت! » 

پائالىيەت ئاخىرىدا كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇكاپاتنىڭ ئۇقتۇرۇشى بېرىلدى. كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تولۇق تەييارلاپ تاپشۇرۇش لازىملىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، پائالىيەت ئاخىرلاشتى.

جاۋاب يېزىش