2025-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيە ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دا، «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، توردا تۆتىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ 60 قا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتكە «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇكېرىم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇھاجىرەتتە ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قىسقىچە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن بۇ مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىش سەۋەبىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ، تۆتىنچى نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى، ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن، مېھرىئاي ياپونىيەدىكى ۋاقتىدا يېقىن ئۆتكەن بىر دوستى تاڭنۇر خانىم مېھرىئاينىڭ ئۆزى بىلەن يېقىن ئۆتكەن، بىللە تۇرغان ۋاقىتلارنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەردى. تاڭنۇر سۆزىدە مېھرىئاينىڭ ياپونىيەدىكى ۋاقتىدا ئۆزى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغانلىقىنى، مېھرىئاينىڭ بەكمۇ تىرىشچان، كىتابخۇمار بىر قىز ئىكەنلىكىنى، ئۇ ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا قويۇپ كەتكەن «تېرە پۈتۈك» قاتارلىق بىرقانچە كىتابلىرىنى ئوقۇپ، كىتابنىڭ بوش يەرلىرىگە مېھرىئاينىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ تۇرۇپ، سوئال قويۇپ كىتابنى چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرۇپ ئوقۇغانلىقىنى، بۇنىڭدىن مېھرىئاينى قايتىدىن تونۇغانلىقىنى، مېھرىئاينىڭ ۋاقىتنى قاتتىق چىڭ تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىدىغان، ئىنتايىن تىرىشچان، ئىلىمگە شۇنداق ھېرىسمەن بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئاندىن كېيىن «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى سۆزىدە ئالدى بىلەن بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى چوڭ بىلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا مېھرىئاي ئەركىن ئۈچۈن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى، مېھرىئاي ھەققىدە ياپونىيەدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا، گېزىت-ژۇرناللاردا چىققان خەۋەرلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، ۋە مېھرىئاينى ئەسلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى، شۇنىڭدەك مېھرىئاينىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى، قەرەللىك ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئارقىدىن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى رۇسلان ئەپەندى «ئانا تىل فوندى» ۋە «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ باھالاش ئۆلچەملىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە «ئانا تىل فوندى» نىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ئىككى تۈر بويىچە، يەنى، بىرىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، بىر نەپەر ئانا تىل ئۆگەتكۈچى، يەنى مۇئەللىمگە؛ ئىككىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا تارقىتىلىدىغانلىقى، مۇكاپاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر تۈردىكى مۇكاپاتقا نامزاتلارنى تاللاشتىكى كونكرېت ئۆلچەملەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكۈچىلەر ئېلان قىلىندى. ئالدى بىلەن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكۈچى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» ئامېرىكىدىكى روشەن خەمىت مۇئەللىمگە بېرىلدى. روشەن مۇئەللىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش سېپىدە قىلغان خىزمىتىگە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىش يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى، توختاۋسىز ئىزدىنىشى ۋە تىنىمسىز تىرىشچانلىقى، ۋە ھەر خىل پىدائىيلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا تاللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى روشەن مۇئەللىمگە بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى. تەقدىرنامە ئوقۇپ ئۆتۈلۈش بىلەن تەڭلا، گۈلدۈراس ئالقىش سادالار، تەبرىكلەر ياڭرىدى.
ئارقىدىن روشەن مۇئەللىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. روشەن مۇئەللىم سۆزىدە بۇ يىللىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» نىڭ ئۆزىگە بېرىلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتە ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، ئانا تىل ئۆگىتىش سېپىدە پىداكارلىق قىلىۋاتقان بارلىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئانا تىلىمىزنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەكىتلىدى.

روشەن مۇئەللىم مۇنۇلارنى دېدى:
«ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ‹مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى› نى تەشكىللىگۈچى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پىداكار دوستلار، ئانا تىلنى سۆيىدىغان، ئانا تىل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى پىدا قىلىۋاتقان، ئانا تىلدا بالىلىرىنى تەربىيەلەۋاتقان مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئاتا-ئانىلار، بۈگۈن يىغىنغا قاتنىشىپ بەرگەن مېنىڭ ئوماق ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان تىرىشچان ئوماق بالىلار، ھەممىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقىرىدا بۇ كومىتېتتىكى ئەپەندىملەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك تەسىرلەندىم. راست گەپنى قىلسام كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي سىڭلىمىزنى ياد ئېتىپ نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىۋېتىپسىلەر.
مېھرىئاي ئەركىننىڭ ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ھەممە بالىلارنىڭ، پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدىم. ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغانلىقىنى ئەسلەپ ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئاشۇ مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرەيلى دەپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلىغا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنىمۇ قوزغايلى دەپ، پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى مۇشۇ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ بىر قىزغىن كەڭ ئىزچىل قانات يايدۇرايلى، دەپ، سىلەر ياپون ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قېرىنداشلار ناھايىتى ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىۋېتىپسىلەر. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن، چىن كۆڭلۈمدىن تەسىرلەندىم.
مېنى بۇ يىللىق مىھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈپ، ماڭا بەرگىنىڭلاردىن شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم، خۇددى نوبېل مۇكاپاتى ئالغاندەك. بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، مېنى مۇشۇ مۇكاپاتقا سىز بەك لايىق ئىدىڭىز، ئىلتىماس قىلسىڭىز بوپتىكەن، دەپ، ماڭا ئىلھام بەرگەن مېنىڭ ئانا تىل مەكتىپىمدىكى مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە خانىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە يىغىنغا قاتنىشىپ بېرىۋاتقان ۋە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بەك سەھەر بولۇپ قېلىپ قاتنىشالمىغان مەكتىپىمدىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارمۇ مېنى سىز بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق ئىدىڭىز، ئىلتىماس قىلىڭ، بىز تەۋسىيە قىلىمىز، دەپ نۇرغۇنلىغان تەۋسىيەنامىلەرنى يېزىپ بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت!
ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا بارلىق كۈچىنى چىقىرىۋاتقان، ئانا تىل ئۆگىتىش سېپىدە پىداكار خىزمەتلەرنى قىلىپ مېھرىئاي ئەركىنگە ئوخشاش بارلىق جاپاكەش ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا چوڭقۇر رەھمەت، ئېھتىراملىرىمنى بىلدۈرىمەن. بىزنىڭ بۇ خەلقئارادىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىدە نۇرغۇنلىغان مېھرىئاي ئەركىنلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ چىققۇسى. بىز ھەر يىلى مۇشۇنداق مۇكاپاتلارنى، پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەپ تۇرساق بەك ياخشى بولىدىكەن. مەن شۇنداق ئويلىدىم ھازىر گەپلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ. مېھرىئاي ئەركىننىڭ روھى خۇش بولىدۇ. ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن! ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ مېھرىئاينى مۇشۇنداق بىلمىگەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ، مەسىلەن، بىلمەي قالغان قېرىنداشلار نۇرغۇن، جىق دەپ ئويلايمەن. مۇشۇنداق بىلمىگەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ ھەم ياد ئەتكۈزۈپ، بىلىدىغان قېرىنداشلارغا تېخىمۇ ئەسلەتكۈزۈپ، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلىپ تۇرغىنىڭلار بەك ياخشى بوپتۇ. بۇ پائالىيەت، مېنىڭچە، ھەممىمىزگە بەك مۇھىم دەپ ئويلىدىم، ھەم بالىلىرىمىزغا مۇشۇنداق جەڭگىۋار كىشىلىرىمىزنى ئەسلىتىش ئارقىلىقمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭىنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ، دەپ ئويلىدىم.
مەن ئەمدى ئۆزۈمنى قىسقىچە بىر تونۇشتۇرسام. مېنىڭ مۇئەللىم بولۇش ئارزۇيۇم كىچىكىمدىنلا باشلانغان، يەنى يەتتە-سەككىز ۋاقىتلىرىمدىلا مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئاغىچا ئايلا م ئوينىغاندا باشلانغان. مەن دائىم ئوقۇتقۇچىلىق رولىنى ئېلىۋالاتتىم. دادام ۋە ئاپاممۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئىللىق ئۆيىمىزدە دادامنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈزۈلمەيتتى، دائىم كېلىپ تۇراتتى. مەن ئاپامنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىلارغا پات-پات تاماق ئېتىپ بېرىشلىرىنى، ۋە ئىقتىسادى ناچارراق بالىلارغا ياردەم قىلىشلىرىنى، دادامنىڭ بولسا ئۆيىمىزگە ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزى باشلاپ كېلىپ، ھەم ئۆيلىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتۈپ، دەرس تەكرار قىلىپ بېرىشلىرىنى، ھەتتا ئۆيىمىزدە كىيىم تىكىش ماشىنىسى بار ئىدى، شۇ قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا (دادام كىيىم تىكىشكە بەك ئۇستا ئىدى) كىيىملەرنى تىكىپ ئاپىرىپ بېرىشلىرىنى، ھەتتا ئاپامنىڭ كىيىملىرىنىمۇ ئاپىرىپ بېرىشلىرىنى كۆرۈپ، مۇشۇنداق بىر مېھرىبان، كىچىك پېئىل، بىر ئالىيجاناب ئاتا-ئانامنىڭ ئىللىق ئۆيىدە پەرزەنتلىرىنى، ئاشۇنداق ئوقۇغۇچىلىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقىمۇ، قەلبىمدە ئاشۇ مېھرىبان دادا-ئاپامدەك مېھرىبان بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكى قوزغالغان ئىدى. مانا بۇ ئارزۇيۇم رېئاللىققا ئېشىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەتتىم. مەن 1994-يىلى بەك ياش مۇنبەرگە چىققان. شۇ چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم بولغان ۋاقتىمدا، مېنىڭ قولۇمدا تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى بولغان بىر ئوقۇغۇچىممۇ بار مۇشۇ توردا. قۇززات ئالتاي — مېنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىمنىڭ بىرسى. ئاندىن مەن شۇ پېتى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئاندىن ياپونىيەگە كېلىپمۇ ئوقۇغان. ياپونىيەدىمۇ ياپون تىلى ئۆگىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئاشۇ ئۆزۈم ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ، ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتىگەن. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋە يەسلى مائارىپلىرىدا تەجرىبىلەرنى ئالغان بولدۇم. ئاندىن 2019-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە مېھرىبان ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئىشلەپ تۇرۇپتىمەن.
بىزنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرغان ھەممىمىز ئانا تىلنى سۆيىدىغان كىشىلەر ئىكەن. ئانا تىلىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە پۈتۈنلەي چەكلىنىشى، ھەتتا ئائىلىلەردىمۇ ئىشلىتىلىشى تەدرىجىي توختاۋاتقانلىقى، 2016-يىلىدىن باشلاپ ۋەتەندىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان كۆڭۈلسىز بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق، مەن قوبۇل قىلىش ئەڭ تەس بولغان خەۋەرلەرنىڭ بىرسى. مېنىڭچە، ھەممىمىز ئۈچۈنمۇ شۇنداق دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر تىلىمىز، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىمىز بۈگۈن ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ بىر خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇپتۇ. بۇنى يۇقىرىدا ئەپەندىملەرمۇ سۆزلىدى. تارىختىن بېرى، بىلىمىز، ھاكىمىيەتلەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتا ئىشنى ئۇلارنىڭ تىلىنى يوقىتىشتىن باشلايدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ھەممىمىزگە ئايان، دۇنيادا بىزدەك يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن قەبىلە، مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىلىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى بەزى ئىلغار دۆلەتلەر ئادەملىرىنىڭلا ئەمەس، يوقىلىپ كەتكەن مىللەتلەرنىلا ئەمەس، ھەتتا نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ھايۋاناتلارنى، قۇشلارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ گەرچە ئۇنچىلىك ماددىي كۈچىمىز يوق بولسىمۇ، لېكىن مەنىۋى كۈچىمىز بار دەپ ئويلايمەن. مۇشۇنداق بىر دەۋردە تىل ۋە تارىخ تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتسەك، بۇ بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر زور يوقىتىش بولىدۇ، دەيمەن. چۈنكى، تىل يوقالسا مىللەت يوقايدۇ. بىز جاھان مەدەنىيىتىگە تۆھپىلەرنى قاتقان بىر مىللەت. بىزدەك مىللەت يوقالسا قەتئىي بولمايدۇ. بىر مىللەت يوقىلىشىنى ئەڭ ئاۋۋال تىل يوقىلىشى كېرەك. شۇنىڭغا، ھازىر ھەممىمىز بىلىمىز، دۇنيادا ئالتە مىڭدىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، بۇ ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىللارنىڭ قاتارىغا كىرەلمەيدۇ. شۇنداق بىر چوڭ بىر مىللەت تۇرۇقلۇق بىز، دۇنيادا ئاشۇنداق بىر تىللارنى ئىشلىتىدىغان مىللەت قاتارىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىمىز. دۇنيادا، مېنىڭچە، ھازىر ھەر يىلى ئارتۇق تىل يوقىلىپ كېتىدىكەن. بۇ تىل نېمە ئۈچۈن يوقىلىپ كېتىدۇ، دېگەندە، بۇ تىلنى ئىشلەتمىسەك، تەرەققىي قىلدۇرمىساق يوقىلىپ كېتىدۇ. بىر تىل تۇغۇلۇپ، ئاندىن ياشايدۇ، ئاندىن تەرەققىي قىلىدۇ، ئاندىن جانلىق ھالەتكە كېلىدۇ، ئاندىن باي بولىدۇ، ئاندىن ئۇ سىجىل ئىشلىتىدىغان تىللار قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇ تىلنى ئىشلەتمىسەك، ئۇ تىل ئاستا-ئاستا سەكراتقا چۈشۈپ يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز-دە، لېكىن مېنىڭ يەنە قايتا دېگۈم كەلدى.
تىل ئالىملىرى ھازىر دۇنيادىكى بارلىق تىللارنى ئاشۇنداق بۆلىدىكەن. ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقان تىللار، دەپ، مەسىلەن، مۇشۇ ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ ھۆكۈمران دۆلەتلەرنىڭ تىللىرى، ئاندىن قالسا ئىزچىل، ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ئۇنى داۋاملىق ئىلمىي سىجىل داۋام قىلىۋاتقان تىللار دەپ، ئاندىن خەتەر ئاستىدا قالغان تىللار، ئەڭ ئېغىر خەتەر ئاستىدىكى تىللار دەپ، مۇشۇنداق تۆت تۈرگە بۆلىدىكەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز تۆتىنچىسىگە كىرمىسىمۇ، ھەرھالدا ئۈچىنچىسىدە تۇرۇپتۇ ھازىر، خەتەر ئاستىدىكى تىللارغا. كىچىك بالىلار، شۇ تۇغۇلغان بالىلار بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز بۇ تىل مەكتەپلىرىگە كەلمىسە، ئۇنى ئۆگىنىدىغان بالىلار قالمىسا، بۇنى بىز چوڭلار ئىشلىتىپلا تۈگەپ كەتسەك، بۇ تىل ئاستا-ئاستا ئۆلىدۇ. بۇ تىلنى ئەللىك ياشتىن ئاشقانلار ئىشلىتىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالسا، بۇ ئەڭ ئېغىر ھالەتتىكى بىر خەتەر بولىدۇ. بىزنىڭ ھەرھالدا ئۇنچىلىك ئېغىر خەتەردە ئەمەس. چۈنكى، چەت ئەللەردە بۇ تىلنى ئۆگىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بار، بۇ تىلنى ئۆگىنىۋاتقان ھازىرقى مۇشۇ يىغىندا ئولتۇرغان ئوماق بالىلىرىمىزدەك بالىلىرىمىز بار. شۇڭا بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۇ باسقۇچقا يېتىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن ھەم شۇنى ئارزۇ قىلىمەن. ھەر قېتىم مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمغا شۇ دەرس ئۆتكەندە شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتىمەن. چۈنكى، ئۇلار ماڭا ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنى كۆرگىنىمدە بۇ تىلنىڭ ھاياتلىقنى ھېس قىلىمەن. بەلكىم بارلىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق ئويلايدۇ دەپ ئويلايمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا، كېيىن سىجىل داۋام قىلالايدىغان تىللار قاتارىغا قوشۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
بىز ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دېسەكلا بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچنېمە يوق. نېمىشقا بۇ تىلنى ئىشلىتىسەن دەپ، بېشىمىزغا زوراۋانلىق قىلىدىغان خىتاي يوق. ھېچكىم يوق. ھېچكىم توسمايدۇ. مانا بۈگۈنمۇ مۇشۇنداق ئوكيان ئاتلاپ، قىتئەلەر ئاتلاپ تۇرۇپ ئۇچرىشىپ تۇرۇپتىمىز. بۇ شارائىتىمىزنىڭ ياخشىلىقى. بىزنىڭ شارائىتلىرىمىز ناھايىتى ياخشى. ئۇيغۇر تىلى مۇنداقلا بىر تىل ئەمەس. بۇ ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقا ئىگە، بىزنىڭ سۆز بايلىقلىرىمىز شۇنچىلىك مول، ئىپادىلەش كۈچى بەك باي، گۈزەل، ئىنتايىن بىر پاساھەتلىك بىر تىل. بىز بۇ تىلىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ شانلىق تارىخلىرىمىز، مەدەنىيىتىمىز مۇشۇ تىل بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۇ نۇقتىنى ئېيتقاندا، بىزنى ئۇيغۇر قىلغان مۇشۇ تىلىمىز. يەنى بۇ ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ جېنى! پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالساق ھەر قېتىم ئالغۇمىز كېلىدىغان، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تۆھپىلەرنى قاتقان مىراسلىرىمىزدىن قۇتادغۇبىلىك، تۈركىي تىللار دىۋانى، ئون ئىككى مۇقام، يەنى باشقا نۇرغۇنلىغان ئاشۇنداق تېبابەتچىلىك ئائىت بولامدۇ، باشقا ساھەدىكى نۇرغۇن يادىكارلىقلار مانا مۇشۇ تىلىمىز بىلەن خاتىرىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تىلنى ھازىر بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھايات ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ئۆز تەۋەررۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىلى دەپ ئويلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭلا تىلىمىز ئەمەس، ئاشۇ تەۋەررۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي، مەلىكە ئاماننىساخان، نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر. . . ساناپ كەلسەك نۇرغۇن-نۇرغۇن ئۇلۇغلىرىمىز بار، مۇشۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ تىلى. شۇڭا بۇ تىلنى بىز ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلىشىمىز كېرەك. مەنمۇ شۇنداق روھىي ھالەتلەردە، ھەر قېتىم مۇنبەرگە چىققاندا شۇ جەڭگىۋار روھ بىلەن دەرس ئۆتىمەن. شۇڭا بىز بارلىق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپلەردە، ئۆيلەردە ئاتا-ئانىلار بولسۇن، بالىلارنىڭ پەقەتلا ساۋاتىنى چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بولمايدۇ. چوقۇم ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇشىمىز، چىن تۆمۈر باتۇر، ئۇر توقماق قاتارلىقلارغا ئوخشاش مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى، مەسەللىرىنى، نەسرىدىن ئەپەندىم، سەلەي چاققانغا ئوخشاش لەتىپىلىرىمىزنى، سادىر پالۋان، نۇزۇگۇم، يەتتە قىزلىرىمغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان جەڭگىۋار قوشاقلىرىمىزنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى بالىلارغا ئوقۇتۇپ، چۈشەندۈرۈپ تونۇشتۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ، ئۇيغۇرلۇقىمىزنى يېتىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇشتۇرۇشتا، ئۆزىمىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى بىلدۈرۈپ، بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلىشتا بۇ ئەنئەنە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. شەخسەن مەن بالىلارغا پەقەتلا يېزىش-ئوقۇشنىلا ئۆگىتىپ قالماي، مانا مۇشۇ جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك دەرس ئۆتۈپ كەلدىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. چەت ئەلدە بىز بولساقمۇ مۇشۇنداق قىلمىساق، يەنە ئەللىك يىلدىن كېيىن ۋەتەندە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلار قانچىلىك قالىدۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار. مائارىپتا ئىشلەتمەيدىغان، مەكتەپلەردە قوللانمايدىغان تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇزۇنغا بارامدۇ؟ ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئون بەش يىللىق خەنزۇچە مەجبۇرىي مائارىپ ئومۇملىشىپ بولدى. بۇنىڭ ئۈچ يىلى يەسلى، ئون ئىككى يىلى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ. ئۇلار ئۈچ-تۆت ياشتىن باشلاپلا ئون بەش يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ۋە خىتايچە مائارىپنى باشلاپ كېتىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. مۇشۇنداق بولسا، يەنە يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇشۇ ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ دېگەن گەپ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىقمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئۇيغۇرچىنى سۆزلەۋاتقان ۋەتىنىمىزدىكى ئەللىك ياشتىن يۇقىرى ئادەملەر مەڭگۈ تۇرمايدۇ. ئۇلار يوقاپ كەتكەندىن كېيىن بۇ نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىغان ئاشۇ ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇرچە بىلمەي چوڭ بولسا، بۇ تىل ئۆلىدۇ دېگەن گەپ، يوقايدۇ دېگەن گەپ. شۇنىڭغا بىز قانداق قىلىمىز؟ چەت ئەللەردە تىلىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ۋەتەندىكى ئەھۋالىمىزغا ئامالىمىز بولمىدى، دېسەك، بىز چەت ئەلدە تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ بېشىدا، بىز، بىزغۇ بىلىمىز ئەمدى، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا ئالدىنقى شەرتى ئانا تىل ئىكەنلىكىنى، بىز ياخشى بىلىمىز. لېكىن بۇنى بالىلىرىمىزغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
مۇنداقلا بىلدۈرۈپ قويامدۇق دېگەندە، ياق! بىز مەن يۇقىرىدا دېگەن گەپلەر بويىچە ھەر خىل دەرسلەرنى ئۆتۈش ئارقىلىق بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، مۇشۇ تىلنىڭ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىر روھىي گېن ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنى ئۆزىمىزنىڭ بىر مىللىي بۇرچى، مەسئۇلىيىتىمىز دەپ تونۇشتۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ، بىرىنچى ئىش. ئاندىن ئۇيغۇرلار يىغىلغان باشقا سورۇنلاردا، باشقا ئۇيغۇرلار جەم بولغان يەرلەردە بىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، بۈگۈنكىگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز، پەقەتلا نەزەرىيەۋى جەھەتتىن ئەمەس. ياپوندىكى مۇشۇ قېرىنداشلار قىلغانغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، بۇنى تىرىك تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاندىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، ئۇيغۇر كۇرسلىرىنى باشقا يەرلەردە يوق بولسا ئېچىشىمىز كېرەك. بار، مەۋجۇت ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە چوقۇم بالىلىرىمىزنى ئاپىرىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنى ئاپارمىساق، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مەكتەپنىڭ رول بەك مۇھىم. ئاندىن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىمىز بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، ئۈلگە بولۇپ بېرىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنى كىچىككەن دەپ سەل قارىمايلى. بالىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ مەن ھەيران قالىمەن. بىز ۋەتەندە تۇغۇلغاچقا بىز قىلالاپتۇق، بۇ بالىلار بۇ يەردە قىلالمايدۇ دەپ ئويلىساق بولمايدىكەن. مەن ھەقىقەتەن ھەيران قالىمەن، بۇلار بىزدىنمۇ قالتىس قىلالايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ئىزچىللىق. شۇڭا، ئوماق بالىلىرىم، سىلەر ئانا تىلىمىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىسىلەر. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن ئېغىر ھەم بىر مۇھىم ۋەزىپە. سىلەر ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ كىملىكى، تارىخىنى داۋام قىلىۋاتقان، تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان بىر جەڭچىلەر. بۇ بايلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارلا ئەمەس، ھەربىر ئاتا-ئانا، ھەربىر ئۇيغۇر بالىسى بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەندىلا، ھېچ قاچان تىلىمىز يوقاپ كەتمەيدۇ. بىز سىجىل ئىشلىتىدىغان تىللار قاتارىغا كىرەلەيمىز.
بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە نۇرغۇن يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېلىپ قالدى. لېكىن ھازىر يەر ئۈستىدىكى بۇ بايلىقلىرىمىز بىزنىڭ مۇشۇ بالىلىرىمىزدىن كېلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ يەر ئۈستى بايلىقلىرى بولسا تېخنىكىسى، تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ بايلىقىمىز بىز تۈگەپ كەتسەك نەدىن كېلىدۇ؟ مۇشۇ بالىلىرىمىزدىن كېلىدۇ. بۇ باللىرىمىز مىللەت ئۈچۈن شۇ بايلىقنى يارىتىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ غەيرەتلىك بولايلى، شىجائەتلىك بولايلى! بالىلىرىم ھەمدە مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان بارلىق قېرىنداشلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار، مۇشۇ ئانا تىلنى ئۆگىتىۋاتقان ئىزچىللىقىڭلارنى، جاسارىتىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار. ئانا تىل ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇققا بولغان مېھىرنى بالىلارغا سىڭدۈرۈڭلار. ئانا تىل ئوتىدا كۆيۈۋاتقان ماڭا ئوخشاش ھەم سىلەرگە ئوخشاش قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئوتنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت. »
ئارقىدىن روشەن خەمىت مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن ئون مىنۇتلۇق «روشەن مۇئەللىم، بىز سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز!» ناملىق بىر ۋىدىيو قويۇپ بېرىلدى. ۋىدىيو روشەن مۇئەللىمنىڭ دەرس مۇنبىرىگە تۇنجى چىققان چاغلىرىدىكى كۆرۈنۈشتىن باشلىنىپ، روشەن مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، بالىلار بىلەن ئوينىغان ئانا تىل ئويۇنلىرى، دەرسخانا كۆرۈنۈشلىرى، ئانا تىل پائالىيەتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى، سۆيگۈلىرى ئىپادىلەنگەن خەتلەر، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋاتسئەپ توپلىرىدىكى سەمىمىي تىلەكلىرى بىلدۈرۈلگەن پاراڭ خاتىرىلىرى، ئارقىدا ئىككى ئانىنىڭ مەدەت ۋە تەشەككۈر سۆزلىرى، سەمىمىي تىلەكلىرى كىرگۈزۈلگەنىدى.
ئارقىدىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ئېلان قىلىندى. بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» غا تۈركىيەدىن سالىھە ئىسلام (11 ياش)، سىلوۋاكىيەدىن زەھرا خالىد (سەككىز ياش) ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ قېتىملىق مۇكاپات نامزاتىغا تاللانغان. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۇلارغا بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئارقىدىن سالىھە سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ بەش يېرىم ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئانا تىل ئۆگىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئاپىسىنىڭ ئانا تىل دەرسلىرىگە قاتنىشىپ دەرس ئاڭلاپ كەلگەنلىكى، كېيىن «تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى» دە ئوقۇپ ئانا تىلنى ئىزچىل ئۆگىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزىگە بېرىلگىنىدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن زەھرا سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ بالىلارغا خاس ئوماق تەلەپپۇزدا سۆز قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزىگە بېرىلگىنىدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقى ۋە ھاياجانلانغانلىقىنى، ئۆزىگە ئانا تىل ئۆگەتكەن ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئۇستازلىرىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ ئۆيدە پەقەت ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىدىغانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئاداشلىرى بىلەن «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» دە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ئانا تىلنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ چوڭ بولغاندا مېھرىئاي ئەركىنگە ئوخشاش ئانا تىل مۇئەللىمى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن ۋە ئانا تىلىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى راۋان ۋە جاراڭلىق تەلەپپۇزدا دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
ئارقىدىن ئاتا-ئانىلار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئالدى بىلەن رىياسەتچى زەھرانىڭ ئانىسى مەدىنە خانىمدىن سىلوۋاكىيەدەك ئۇيغۇر يوق بىر دۆلەتتە قىزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قانداقسىغا بۇنداق ياخشى چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشنى تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭغا جاۋابەن مەدىنە خانىم سۆز قىلىپ، بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگىتىش ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى، تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ سۆزىدە بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىشنى، ئانا تىلنى پەقەت تىل ئۆگىتىشلا ئەمەس، ئالدى بىلەن بالىلاردا ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ۋە ئانا تىل سۆيگۈسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ بالىلارنى يېتەكلەپ مېڭىش لازىملىقىنى، بۇنىڭ تەبىئىي ھالدا بالىلارغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
مەدىنە خانىم مۇنۇلارنى دېدى:
«ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستازلار ۋە مۇئەللىملەر، ئاتا-ئانىلار، ھەممىڭلارغا بىزدىن ئوتلۇق سالام.
ئاۋۋال مۇشۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشى ئۈچۈن، مېھرىئاينىڭ يەنە ئۆز ئوقۇشىدىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى پىداكارلىق روھىنى ئەسلەش ۋە مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدا مۇشۇ روھنى ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
قىزىم زەھرانىڭ بۇ قېتىملىق مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن مەنمۇ بەكلا سۆيۈندۈم. ھەقىقەتەن، مېنىڭمۇ بىر چوڭ نەتىجەم بولدى، دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ زەھرانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ھاياتى ئۈچۈن بەك چوڭ ئىلھام ۋە مەدەت بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەمدى مەنمۇ تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان. مېھرىئاي بىلەن ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇپتىكەنمىز، بۇنى ئاڭلاپ مەنمۇ بەك ھاياجانلاندىم بۈگۈن. شۇڭا بۇ يەردە ئانا تىل ھەققىدە، ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىش ئەمدى مېنىڭ بىلىمىم جەھەتتىن بولسۇن، يېشىم ياكى تەجرىبەم جەھەتتىن بولسۇن، بۇ سالاھىيەتكە لايىق ئەمەسمەن. شۇنداقتىمۇ مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئالاھىدە شارائىتلىرىمىزدا كىملىكىمنى، خاسلىقىمنى ساقلاپ ياشاش ۋە بۇ جەرياندا مۇشۇ پەرزەنتلىرىمگە ئانا تىلنى ئۆگىتىش سەپىرىمدە ئاز-تولا ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
بىزدىن باشقا ئۆز ۋەتىنىدە، ئۆز تىلىدا، ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىدە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارنىڭ تەربىيەسىدە دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل جىددىي مەسىلىلەرگە ئوخشاش، بىزنىڭ، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ۋەتەندە ئائىلە مائارىپىمىز يوقىلىۋاتقان، باشقىلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى بىزگە زورلاپ تېڭىلىۋاتقان، پەقەت مۇشۇ چەت ئەلدىكى ئاز ساندىكى نوپۇسىمىز بىلەن ئانا تىلىمىزنى، كىملىكىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاشقا ۋە مۇشۇ قىيىن شارائىتلاردا بۇلارنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈشكە تىركىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئانا تىل ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش — بىزنىڭ ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىمىزنىڭ بىرى، دەپ ئويلايمەن.
چۈنكى، ئالدىمىزدا مۇشۇ پەرزەنت تەربىيەسىدە بىز دۇچ كېلىدىغان بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تۈگۈنى، دەل مۇشۇ بىزنىڭ بالىلار بىلەن ھېس-تۇيغۇ ئالماشتۇرۇشىمىزدا بىردىنبىر كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغىنى يەنىلا بىزنىڭ مۇشۇ ئانا تىلىمىز. يەنى ھازىر بىز مۇھاجىرەتتىكى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئانا تىلىمىز بىزنىڭ بىردىنبىر ۋەتىنىمىز بولۇپ قالدى، دەپ ئويلايمەن. شۇڭا، گۈلنار مۇئەللىم ئېيتقاندەك، مۇھاجىرەتتە ھەربىر ئائىلە ئانا تىل مەكتىپى بولۇشى كېرەك، ھەربىر ئاتا-ئانا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇش كېرەك. بىزمۇ مۇشۇ ئىزدىن مېڭىپ، يەنى بالىلارنى ئائىلىدە ئانا تىلدا تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق. ئەمدى بىزنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىمىزدە ئالاھىدە مۇھىم دەپ قارىغان بىر قانچە نۇقتىلارنى بەك مۇھىم دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بۇلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
مەنمۇ بىر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن ئانا تىل تور مەكتىپىدە. بۇ جەرياندا مۇشۇ ئەتراپىمدىكى ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى، شۇلارنىڭ كۆزەتكىنىمدىن ۋە ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ شارائىتىدا، بولۇپمۇ مۇشۇ ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇر بولمىغان شارائىتتا مۇشۇنداق بالىلارنى ئانا تىلدا ياخشى ھالەتتە يېتىشتۈرۈپ، تەربىيەلەپ چىقالامدۇق؟ يەنى مۇشۇنداق قورقۇش باركەن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا. ھەتتا قىلالمايمەن دەپ، يولنى ماڭماي تۇرۇپ، باشتىلا توختاپ قالىدىغان، ۋاي بولدى كېيىن ئۆگىنىۋالسۇن دەيدىغان ئەھۋاللار باركەن. شۇڭا مۇشۇلارغا بىر ئىسپات يۈزىسىدىن مۇشۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇم كەلدى. بىرىنچىسى، بولۇپمۇ، مۇشۇ ئائىلە مۇھىتى، مېنىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغان نۇقتىلىرىمدىن بىرى. چۈنكى، ئائىلە — بالىلارنىڭ ئۆزلۈكىنى قوغدايدىغان بىر قورغىنى ھېسابلىنىدۇ. بالىلار مەدەنىيىتىنى، تىلىنى مۇشۇ بىزنىڭ ھازىر شارائىتىمىزدا پەقەت ئائىلىدىلا قوغداپ قالالايمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ۋاقتى. ئەمدى مېنىڭ ئەڭ چىڭ تۇتقان ۋاقىتلىرىم مۇشۇ ئالتە ياشتىن بۇرۇنقى مۇشۇ ۋاقتى بىز بىلەن ئەڭ كۆپ بىللە بولىدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئۆگىنىش سۈرئىتى بەك تېز ۋاقىت بولغاچقا، مەن مۇشۇ ۋاقىتنى بەك چىڭ تۇتتۇم. ئەمدى بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ يېشى كىچىك، ئۇيغۇر تىلى ساۋاتىنى چىقىرىش ياكى ئۆگىتىش مۇمكىن بولمىغان ۋاقىتتا، ئەمما بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇش، ئانا تىل سۆيگۈسىنى يېتىلدۈرۈشكە بەك كۈچىدىم. چۈنكى، ئانا تىل ئۆگىنىش مۇساپىسى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە جاپالىق بىر جەريان. بۇ ھەرگىزمۇ بىر يىللىق ياكى بىر-ئىككى كۈنلۈك ۋەزىپىدە تۈگەيدىغان ئىش ئەمەس. شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئانا تىلى ۋە كىملىك سۆيگۈسى دەپ قارايمەن، مەن شەخسەن. چۈنكى، بىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىمىزنى، بىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلىرىمىزنى، ئۇنىڭ پۈتۈن جاپا-مۇشەققەتلىرىگە بىز شۇ ھالەتتە بەرداشلىق بېرەلەيمىز، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن. شۇڭا بالىلىرىمىزغا بىز ئەڭ ئاۋۋال ئانا تىل سۆيگۈسىنى، ئۆزلۈك غۇرۇرىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مۇشۇ باسقۇچتا بالىلىرىمىز ئەگەر مۇشۇ سۆيگۈنى بىزدىن ياخشى قوبۇل قىلالىسا، كېيىنكى ئانا تىل ئۆگىنىش سەپىرىمىز، ئانا تىل ئۆگىتىش جەريانىمىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ ۋە تېخىمۇ ھاياجانلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە مۇھىتىدا بىزنىڭ ئائىلىدە كىملىكىڭىزنى، ئانا تىلىمىزنى قوغداش روھىمىز بەك كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. بۇ بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. چۈنكى، بىز ئۆزىمىزدە يوق نەرسىنى ياكى ئۆزىمىز قىلالمىغاننى ھەرگىز بالىلارغا ئۆگىتەلمەيمىز ياكى تاڭالمايمىز. شۇڭا مۇشۇ باسقۇچتا ئائىلە مۇھىتى بەك مۇھىم.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمدى ئائىلىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەش. بۇنى ئاساسەن ھەممىمىز ھەممە يەردە دېيىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەمدە ھەممە ئائىلىلەردە ئۇيغۇرچە سۆزلەيمىزغۇ دەپ قارىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرچە سۆزلەش دېگەندە تولۇق، راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلەش. يەنى بىز ئاتا-ئانىلار بىز تولۇق سۆزلىمىسەك، مەسىلەنگە، بىزدە باشقا تىللاردىن ئارىلاشقان ئاتالغۇلار بەك كۆپ، ۋەتەندىن كەلگەن ھالىتىمىزدىن باشقا. شۇڭلاشقا مەسىلەنگە، ئائىلىدە سۆزلىگەن چاغدا بىرەر سۆزنىڭ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى تاپالماي قېلىپ قالساق ياكى باشقا تىلدا بىز ئۆزىمىز ئادەتلىنىپ كۆنگەن بولساق، دەرھال شۇنى تۈزىتىش ياكى دەرھال شۇ ھەققىدە ئىزدىنىش بىزدە بولمىسا، بالىلىرىمىزغا بۇ روھنى بېرەلمىسەك، بىز بالىلارغا ئەگەردە بىزمۇ باشقا تىلدا ئىشلىتىپ، مۇشۇنداق بىرەر ئىككى كەلىمىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس بۇ، مۇشۇ روھنىڭ مەسىلىسى دەپ ئويلايمەن.
بالىلار چوڭ بولغانسېرى، يەرلىك تىلنى ئۆگەنگەنسېرى، يەرلىك تىلنىڭ تەسىرى ئۆتكەنسېرى، بالىلارمۇ ئەگەر سەل قىينىلىدىغان يەرگە كەلگەن چاغدا، بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئورنىغا باشقا تىلنى دەسسىتىدىغان ئەھۋال بەك كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە بەك ئېغىركەن دەپ قارايمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە ئانا تىل سۆيگۈسىنى يېتىلدۈرۈش باشتا ئېلىپ بېرىلمايدىكەن. مۇھىم نۇقتا مۇھىملىق ھالىتىگە كەلگەن چاغدا، بۇ مۇھىم دەپ ئەسكەرتىمىزكى، لېكىن سۆيگۈنى يېتىلدۈرمىگەچكە، بىز پەقەت ئۇنى ۋەزىپە ياكى ئالاقە قورالى سۈپىتىدىلا ئىشلىتىپ قالىدىكەنمىز. شۇڭا بالىلارغا مېنىڭ ئەمدى تەجرىبەمدىن بالىلاردا شۇ سۆيگۈ بولغاچقا، بىزمۇ جاپا تارتتۇق، ھەتتا بالىلارنىڭ چارچىغان ۋاقتى بولدى، مېنىڭمۇ چارچىغان ۋاقتىم بولدى. ئەمما ئىچىمىزدە سۆيگۈ بولغاچقا، بىر ۋەتەن سېغىنىشى بولغاچقا، ۋەتەنگە بولغان بىر ئىنتىلىش بولغاچقا، بالىلارمۇ ھېلىقى ۋاز كېچەي دېگەن چاغدا، ياق، توختاپ تۇر، ۋەتىنىمدە مېنىڭ ئۇكام ياكى بولمىسا ماڭا ئوخشاشلار ئۆگىنەلمەيۋاتىدۇ، ئۇنداق قىلمايلى دەيدىغان نەرسىنى مەندىن بۇرۇن بالىلار دەيدىغان بولدى. شۇڭا بۇنى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچىنچى نۇقتا ئىزچىللىق. يەنى ھەممىمىز ئانا تىل ئۆگىتىۋاتىمىز، ئۆگىنىۋاتىمىز، ئائىلىدە سۆزلەۋاتىمىز، ئەمما ئىزچىللىق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بەزىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيۋاتىمىز. بىزنىڭمۇ ئەڭ قىلالىغان نۇقتىلىرىمىزنىڭ بىرى مۇشۇ. ئاز بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇق، ھېچ توختاپ قالمىدۇق. ئاغرىپ يېتىپ قالساقمۇ ياكى سەپەرلەردە بولۇپ قالساقمۇ، مەن ھېچ ۋاقىت توختىتىپ قويمىدىم. باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئانا تىل ئۆگىنىشىمىز توختاپ باقمىدى. شۇڭا بالىلارنىڭ كاللىسىدا بۇ بىر ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى، مۇشۇ بىر ھاياتىمىز دەپ مۇشۇنداق قوبۇل قىلىنغاچقا، مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتى. شۇڭا مۇشۇ ئىزچىللىقنىڭمۇ رولى بەك كۆپ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كىتابنى بەك كۆپ ئوقۇپ بەردىم. ئانا تىل ئوقۇتۇش دېسە، كۆپىنچىمىز ئەمدى مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنسە، بالام ئازراق ساۋاتى چىقسا، ئوقۇپ يازالىسا بولدى دەپ قاراپ قالىدىكەن. بۇنى مەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولغاندىن كېيىن بەكرەك ھېس قىلدىم. ئائىلىلەردە، مەسىلەنگە، ئىككىنچى، ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندىن كېيىن، بالىلار نورمال گەپ قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى چۈشىنىپ، ئازراق يېزىپ ئوقۇيالىغاندىكىنلا بالام ئۇيغۇرچىنى بەك ياخشى سۆزلەيدۇ، دەپ، شۇ ۋاقىتتا توختىتىپ قويىدىغان ئەھۋال بەك كۆپ يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا بۇ يەردىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىمىز ياكى بولمىسا ئانا تىلنى بالىلىرىمىزغا، ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز ھەرگىزمۇ گېپىمىزنى چۈشىنىپ، ئوقۇپ يازالايدىغان بولۇپ قېلىش ئەمەس. بالىلارغا ئۆزى كۆرمىگەن ۋەتەننى، بىمالال ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغان مۇشۇ تىلنىڭ ھۇزۇرىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، قائىدىلىرىمىزنى ئۆگىتىش، بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز چوقۇم كۆپ كىتاب ئوقۇشىمىز كېرەك ۋە ئوقۇتۇشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزمۇ ھەم كۆپ ئىزدىنىشىمىز كېرەك. بۇنىڭلىق بىلەن، بالىلار بىزگە قاراپ ھەم بىزدىن ئۆگىنىدۇ، ھەم كىتابلىرىمىزدىن ئۆزلۈكىنى تاپالايدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا كۆپ ئوقۇشمۇ بەك مۇھىم.
ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلىق رولىمىز. بايا روشەن مۇئەللىممۇ دەپ ئۆتتى. يەنى بىزنىڭ ئائىلىدىكى رولىمىز، مۇئەللىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئانا تىلنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە ھەممە نەرسىنى ئاۋۋال ئۆزىمىز ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىمىزدە بولۇشى كېرەك. بىز ئۈلگە بولماي تۇرۇپ، بىز ئۇ ئىشنى قىلماي تۇرۇپ، بالىلىرىمىزغا ھېچ بىر نەرسىنى تاڭالمايمىز. شۇڭا ئۆزلۈكىمىزنى، خاسلىقىمىزنى، تىلىمىزنى ئۆگىتىشتىمۇ ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغىنى بىز شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ ئاۋۋال بىز شۇ يولدا مېڭىشىمىز كېرەككى، بالىلىرىمىز بىزنىڭ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ ماڭسۇن. مېنىڭ ئەمدى مۇشۇ ئانا تىل ئۆگىتىشتە پەرزەنتلىرىم بولسۇن، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىق سەپىرىمدە بولسۇن، ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇ.
ئەمدى ھازىرقى شارائىتىمىزدا مېنىڭ كۆپچىلىكتىنمۇ ھەم تەلەپ قىلىدىغىنىم، ئىلتىماس قىلىدىغىنىم مۇشۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە دەيدىغانلىرىم، بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش دائىرىسى بەكلا تار، شۇڭا ئامال بار مۇشۇ بالىلىرىمىزغا، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە تۇغۇلۇپ، ۋەتەنسىز، ئۇيغۇر جامائىتىسىز چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىزغا ئىلھام، مەدەت بولىدىغان، ئۇلاردا تىلىنى، كىملىكىنى پەخىرلىنىپ ئېلىپ يۈرىدىغان ھالەتتە يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ھەر ساھەدىن شارائىت ھازىرلاپ بەرسەك، ئائىلىدە بىز ئاتا-ئانىلار كۈچىسەك، مەكتەپلىرىمىزدە مۇئەللىملەر كۈچىسەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ ھەممە ساھەلىرىنىڭ بىر بۆلىكىنى مۇشۇ ئىشقا قاراتساق. چۈنكى، بىز ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى بولساق، بالىلىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ ئەتىسى، كەلگۈسى. شۇڭا ئەمدى مېنىڭ دەيدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تىلىمىز، كىملىكىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، كېچە-كۈندۈزىنى سەرپ قىلىپ يۈرەك قېنىنى تۆكۈۋاتقان بارلىق ئۇستازلارغا، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن، رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. شارائىتلارنىڭ چەكلىك، قىيىن بولۇشىغا قارىماي، مۇشۇ ئانا تىلنى توختىماي ئۆگىنىۋاتقان بارلىق ئوماق بالىلىرىمغىمۇ ئاپىرىن ئوقۇيمەن. بۇ مۇكاپاتقا لايىق قالتىس ئۇيغۇر بالىلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك كۆپ. ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن، بالىلىرىمىزنى مۇشۇ پۇرسەتلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە بۇ سورۇندىكى بارلىق ئۇستازلارغا، ئاكا-ھەدىلەرگە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن، چوڭقۇر سالىمىمنى يوللايمەن. رەھمەت. »
ئارقىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى تەبرىكلىدى، ئاندىن سۈرەييە خانىمنىڭ باشچىلىقىدىكى «مېھرىبان ئانىلار ئانا تىل مەكتىپى»دىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى، ۋە قىزىنىڭ روشەن مۇئەللىمگە ئاتاپ ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن بىر شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ بەردى.
ئارقىدىن «مېھرىبان ئانىلار ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان ھەيئەت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى، ۋە بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى تەبرىكلىدى. ئۇ مەكتەپنى يېڭى ئاچقاندا مەكتەپكە مۇئەللىم تېپىشتا قىينالغانلىقىنى، كېيىن روشەن مۇئەللىم بىلەن ئۇچرىشىپ، روشەن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ مەكتەپنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قوشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن روشەن مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە روشەن مۇئەللىمدەك مۇئەللىملەرنىڭ ئانا تىلىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم بىر بايلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، قەدىرلىشىمىز لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، روشەن مۇئەللىمنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى قۇززات ئالتاي سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ياپونىيەدە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئۆزىنىڭ بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى، قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىش بولسا ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتنىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدىن ئالىدىغان ئەڭ چوڭ ئىنتىقامنىڭ بىرى، خىتاي بىزنى يوقىتىمەن دېسە بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى كېلەچەك ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش ئىكەنلىكى، كېيىن مىليونلارچە ئۇيغۇلار ۋەتەنگە قايتقاندا بىز يېتىشتۈرگەن مۇشۇ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ۋەتەننى قۇرىدىغانغا تەييار بولىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئانا تىل ئۆگىتىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ، 1994-يىلى روشەن مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىنىپتىكى ئەڭ كەپسىز بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئەمما روشەن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، روشەن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن روشەن مۇئەللىمگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ۋە سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن روشەن مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئىككى ئانا سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى، ھەمدە روشەن مۇئەللىمنىڭ بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆزگىچە مېتود ۋە بالىلارغا يېقىنلىق بىلەن ئۆگىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ناھايىتى لايىق ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ۋە روشەن مۇئەللىمگە چوڭقۇر رەھمىتىنى ۋە سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگىتىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن جېلىل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان ھەيئەت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى، ۋە روشەن مۇئەللىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق بىر ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، «مېھرىبان ئانىلار ئانا تىل مەكتىپى»دىكى بارلىق مۇئەللىملەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىزنى قوغداشتا تېخىمۇ سىستېمىلىق، ئىزچىل رول ئوينىشىنى، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارغا ئىلھام بېرىشىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن، مېھرىئاينىڭ تاغىسى، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ۋىدىيوسى قويۇپ بېرىلدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سەپەردە بولۇپ قالغاچقا، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالماي قېلىپ، ۋىدىيو ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇ ۋىدىيوسىدا ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى قىزغىن مۇبارەكلىدى، ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى، ئانا تىل پىداكارى، ئۆزىنىڭ جىيەنى مېھرىئاينىڭ ئارزۇسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ۋە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئەركىن مۇھىتتا ئانا تىل ئۆگىنەلەيدىغان پۇرسەت يارىتىش ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئۇ ھازىر ئارىمىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى پىداكار ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلنى تىرىشىپ ئۆگىتىۋاتقانلىقى ۋە بالىلارنىڭ ئانا تىلىمىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ روھىنى مەڭگۈ ئەمىن قىلىدىغانلىقىنى، ۋە شۇنداق بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن سالىھەنىڭ ئاپىسى مەريەم خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى تەبرىكلىدى، ۋە ئۆزىنىڭ بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىش جەريانىدا چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئائىلىدە چوقۇم ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىڭ مۇھىملىقى، ئانا تىل ئۆگىتىشتە ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتتىق مەسئۇلىيەتچان بولۇشى، مۇنتىزىم چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەريەم خانىم مۇنۇلارنى دېدى:
«ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ھەممىڭلار ياخشىمۇ؟ مەن سالىھەنىڭ ئانىسى.
يۇقىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەيمەن، ھەم مۇشۇ مۇكاپاتنىڭ تەسىس بولۇشىدا ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە بىر ئاساسنى سېلىپ بۇ دۇنيادىن كەتكەن مېھرىئاي سىڭلىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ماكانى جەننەت بولسۇن.
مەن بۇرۇن مۇنداق بىر يىغىلىشنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. بۈگۈن مېھرىئاينىڭ ھاياتىنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، بۇرۇن بىر ئاڭلاپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما بۈگۈن ئاڭلاپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. بايا قىزىم ماڭا نەچچە قارايدۇ. ئاپا يىغلاۋاتامسەن يىغلاۋاتامسەن دېدى-چۇ. چۈنكى، ھاياتىنى ھەقىقىي ياشاپتۇ. بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ئاجايىپ بىر ياشاش روھىنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ، بىزنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان ئاجايىپ روھنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ، ئابايا قىزىممۇ گەپ قىلماقچى ئىدى. ھاياجاندا ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى تاپالمىدى.
مەنمۇ ئابايا گەپ قىلاي دېدىم. لېكىن ئىچىمدە بىر يىغا بار. چۈنكى، بىزنىڭ بۇ ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ بۈگۈنكى كۈنگە ئەكەلگۈچە نى-نى پىداكارلار، ھاياتىنى پىدا قىلغان ئىنسانلىرىمىز بەك كۆپ. ھازىر دەپ كەلسەم، مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىمنى ئالىي مەكتەپتىكى نى ئوقۇتقۇچى، پىروفېسسور، دوكتورلارغىمۇ تەڭ قىلمايدىغان بىر ئوقۇتقۇچىم بار ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىم گەرچە يېزا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتلاردا تىلىمىزنى ئۇ قەدەر سۆيدۈرۈپ ئۆگەتكەن، تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ئۇ قەدەر ئۆگەتكەنكى، ھازىر ئويلىسام مۇشۇ بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدىغان قىسمەتلەرنى شۇ ۋاقىتلاردا بىزگە ئاڭلىتىپ بوپتىكەن. نەقەدەر يىراقنى كۆرگەن بىر ئىنسان ئاشۇ ئوقۇتقۇچىم دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئەمدى ھاياتمۇ-قانداق، ئۇ ئوقۇتقۇچىمنى بىلمەيمەن. مەنمۇ ئون نەچچە يىل بولۇپ كەتتى، چەت ئەلدە ياشاۋاتىمەن. بايا مېھرىئاينىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىمنى ئەسلەپ چىقتىم. ئاشۇ يولدا بىز ئىسمىنى بىلگەن، بىلمىگەن نى-نى ئېسىل بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىز-ئوغۇللىرى بار ۋەتەندە، ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان. ئاشۇلارنى ئويلىدىم. ئەمدى بىز ئۇلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدۇق. ۋاپات بولغانلار ۋاپات بولدى، ياكى تۈرمىدە باردۇ، دەپ ئويلايمەن.
ئەمدى بۇ تىلنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلمىكى ئاسان ئەمەس. ئەمما چەت ئەلگە چىققان چاغدا بىزنىڭ ھازىر ھېلىقى قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ بىرسى، ئانا تىلغا ئۇ قەدەر سەل قاراۋاتىمىزكىن، ھەممە يەرگە قارايمەن، بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسىگە ئېسىلىۋالىدۇ ئاتا-ئانىلار. دۆلەت مەكتىپىدە قانچە ئاپتۇ؟ نەتىجە سۈرۈشتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ماۋۇ ئانا تىلغا كەلگەندە بالىڭىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسى قەيەردىن قەيەرگىچە، بۇ توغرىدا گەپ يوق. ئانىلار بىلەن بىر يەرگە كەلگەندە بەزىدە دەپ كېتىمەن، ئاۋۋال بالىڭىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسى قانداقراق دېگەننىمۇ بىر ئالدىنقى شەرتكە قويايلى، دېدىم. چۈنكى، بالىلارنى كىمگە تەربىيەلەۋاتىمىز؟ بۇنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. بالىلارنى ئۇ قەدەر ئالىم، دوكتور، پىروفېسسور قىلىۋەتسەكمۇ، ئانا تىلىدا تۈزۈك ئۆزىنى ئىپادىلەپ بىر نەرسە دېيەلمىسە، بۇ بالىلارنى كىم ئۈچۈن تەربىيەلىدۇق دەيمەن بەزىدە.
ئەتراپىمغا قارايمەن. مەن تۈركىيەدە ياشايمەن. ئەمما تۈركىيەدە ياشىغىنىمىز بىلەنمۇ، بالىلار ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ چىققان بىلەن تالاغا چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلار ئۇيغۇر بالىلار ئۇچرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇيغۇرچە گەپ قىلمايدۇ. ئۇ قەدەر چەكلەپ كېتىمىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلىڭلار دەپ. شۇنداق قىلساقمۇ، بىزنىڭ مۇشۇ يەردە شۇ. مېنىڭ مۇشۇ بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىدە، بىرىنچىدىن ھېس قىلغان نۇقتام، ئائىلىدە ئاتا-ئانا قاتتىق مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئاتا-ئانا مۇنتىزىم چىڭ تۇرسا، بالىلار مۇمكىن ئەمەسكەن باشقا تىللاردا ئائىلىدە گەپ قىلىپ قېلىشى.
مەن بۇرۇنلاردىن بالىلىرىمغا دەيمەن. بۇ ئائىلىنىڭ ئىچى بىزگە بىر كىچىك ۋەتەن. مۇشۇ ۋەتىنىمىزدە بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا ياشايمىز دەيمەن. شۇڭا ئائىلىدە قەتئىي باشقا تىلدا گەپ قىلىپ قېلىش يوق. بىزنىڭ ھەم كەچتە كىتاب ئوقۇش ۋاقتىمىز بار. ھەر قانچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، بۈگۈن چوقۇم ئانا تىلدا ئوقۇيمىز دەيمەن، بىر كىتاب ئوقۇيدىغان سائىتىمىز بار، شۇ ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇيمىز. ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ ئانا تىلى كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىلىرىدىن بىر قانچە گۇرۇپپىلىرىم بار. ئايدا بىر قېتىم شۇ بالىلارنى يىغىپ مۇكاپاتلاپ قىلىمەن. كۈندە ئەتىگەنلىكى خۇلاسىنى چىقىرىمەن، كىم جىق ئوقۇدى؟ كىم ئاز ئوقۇدى؟ كىم ئوقۇمايۋاتىدۇ؟ ئاي ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇلارنى توپلاپ ئەكېلىپ مۇكاپاتلاپ دېگەندەك، ئاشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئەللىك ئوقۇغۇچىنى مۇنتىزىم شەكىلدە كىتاب ئوقۇتۇپ ئېلىپ كېتىپ بارىمەن، ئۆزۈمنىڭ ئۈچ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىمنى ھېسابتا. ئانىلار دەسلەپتە ‹بالىلارغا بەك بېسىم بولدى. بالىنىڭ مەكتەپتىكى دەرسى ئېغىرتى، ئۇتى، بۇتى. . . › دېگەن ئىدى. مەن ھېچ بىر گەپنى ئاڭلىمايمەن دېدىم. بىز نېمىگە دەپ چىقتۇق چەت ئەلگە دېدىم. جان بېقىش ئۈچۈن چىقتۇقمۇ؟ مۇشۇ يەردە تىلىمىزنىمۇ قۇربان قىلىپ، ئۇنىمۇ، بۇنىمۇ، ھەممىنى قۇربان قىلىپ، بىز كىم ئۈچۈن ياشايمىز؟ كىم ئۈچۈن ئۆتەۋاتىمىز بۇ بەدەلنى، دەپ، كېيىن ئانىلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئانىلارمۇ ئارتۇق-تۆشۈك گەپ قىلمايدىغان بولدى. ئاشۇنداق قىلىپ، بالىلارنىڭ بىر ئاشۇنداق كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەپ، شۇ شەكلىدە مۇنتىزىم ئېلىپ كېتىپ بارىمەن.
ئۆزۈم بەزىدە ئويلايمەن. ئارقامدا ئەللىك ئوقۇغۇچىم بار. بۇ ئەللىك ئوقۇغۇچىم ماڭا نىسبەتەن، مەن بىر قوماندان، ئوقۇغۇچىلىرىم بولسا ئەسكەر. كېيىنكى كۈنلەردە ئىنشائاللا ۋەتەنگە قايتساق، ئاشۇ بالىلىرىمىز ھەممە ساھەلەردە ئۆزىنىڭ كەينىدە يەنە تۈركۈم بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭالايدۇ. شۇڭا سىنىپقا كىرسەم بالىلارغا: ‹سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئوقۇغۇچىلارلا دەپ قالماڭلار، سىلەر ۋەتەننىڭ ئەسكەرلىرى، جەڭچىلىرى، ھەر زامان مۇنتىزىم روھىي ھالەتتە، كۈچلۈك روھىي ھالەتتە ئولتۇرۇشۇڭلار كېرەك› دەپ، سىنىپتا بالىلارغىمۇ شۇنى دەيمەن.
يەنە بىرىگە، يەنە بىر نۇقتىدا ھېس قىلغىنىمدا، ئانا تىل ئۆگىتىشتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر تارىخىنى سۆيدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ ئۇيغۇر تارىخىغا ماۋۇ چەت ئەلدە بەك سەل قارىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. كۆپىنچە بالىلار ئانا تىلدا ئۇ قەدەر ياخشى ئوقۇيالايدىكەن، يازالايدىكەن، ئەمما تارىخقا كەلگەندەك بەك ئاجىز. شۇڭا مۇشۇ سىنىپلاردا مەن ئانا تىل دەرسلىرىگە يانداپ، مەن چوقۇم تارىخنى مۇنتىزىم ئېلىپ مېڭىۋاتىمەن. سەككىز-توققۇز ياش بولسىمۇ، سەن تارىخىڭنى بىلىشىڭ كېرەك، تارىخىڭنى، مەدەنىيىتىڭنى بىلمىسەڭ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنى بىلمىسەڭ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ نېمە ئىش قىلغىنىنى بىلمىسەڭ ئۇلارغا ھۆرمىتىڭمۇ بولامدۇ، دەيمەن. شۇڭا تارىخنى مەن چوقۇم ئۆتۈشۈم كېرەك، دەپ تۇرۇۋېلىپ، مەكتەپنىڭ پىروگراممىسىدا كىرگۈزۈلمىسىمۇ، مەن ئۆزۈم ئانا ئوقۇتۇش جەريانىدا تارىخنى يانداپ چوقۇم ئېلىپ بارىمەن دەپ تۇرۇپ، ئېلىپ باردىم. بۇنىڭدىن بەك نەتىجىگە ئېرىشتىم. بالىلار ھاياجان بىلەن ئۇ قەدەر تەسىرلىنىپ ئاشۇنداق ئاڭلايدۇ.
ئاندىن كېيىن، ماۋۇ مەدەنىيەت، تارىخ دېگەندە، مەن چوقۇم ئۇ يەردىن بۇ يەردىن ۋىدىيو قاچىلاپ كىرىمەن سىنىپقا. قاراڭلار بالىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى مۇنداق، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىسى مۇنداق دەپ، ۋىدىيو، رەسىم، ئۇنى، بۇنى ئەكىرىپ تۇرۇپ بولسىمۇ، قولۇمدىن كەلگىنىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىنى ھەر خىل شەكىلدە ئاڭلاتتىم. ئاڭلاتقاندىن كېيىن، بالىلار قىزغىن بولدى. شەنبە-يەكشەنبە ھەپتىدە ئاران كېلىدىغان ئىككى سائەت ۋاقىتتا ئاشۇ پۇتبول كۇرسى، ئۇ بۇ كۇرسلىرىنى تاشلاپ دېگۈدەك دەرسلەرگە كېلىپ، دەرسلەرگە شۇنداق قىزغىن قاتنىشىۋاتىدۇ. بەزىدە ئانىلار دېدى، بالىلارنى سىز ئۇ قەدەر يۈگۈرتىسىزكى، ئەتىگەن سەھەر مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ دەپ شۇنداق دەيدۇ ئەمدى. ئالدى بىلەن شۇ بالىلارغا تىلىمىزنى سۆيدۈرۈشىمىز كېرەك. سۆيدۈرگەندە، بالىلارنى قوپ، ماڭ ئانا تىل ئۆگەن دېمىسىمۇ، بالىلار ئۆزىنى ئۆزى بىلىپ يۈگۈرىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. ئەمدى بۇ جەھەتلەردە ئانىلارمۇ ياخشى ماسلىشىپ بېرىكلىك. بالىلارمۇ قىزغىن تۇرۇپ، مۇشۇنداق ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىكلىك ئەمدى. بۇ جەھەتلەردە مېنىڭ ھېس قىلغىنىم شۇ.
يەنە بىر نۇقتا ھېس نۇقتا، چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن، بىز ئىدىيە، پىكىر ھەر جەھەتتىن بەك بۆلۈنۈپ كەتتۇق. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە چېچىلىپ كەتتۇق. ھەممىمىز ھەر بارغان دۆلەتلەردە شۇ بارغان دۆلەتنىڭ مۇھىتتا سىڭىشىپ، ئاستا-ئاستا پىكرىمىز باشقا بىر شەكىلدە بۆلۈنمىچىلىك، ئايرىمىچىلىققا كېتىپ بارىدۇ. شۇڭا ئانا تىلىمىزنى ساقلاش ئاساسىدا ئىدىيە، پىكىر بىرلىكىنى بىر ئارىغا كەلتۈرمىسەك، ھازىر باشقا بىر يول يوقتەك ھېس قىلدىم. ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى ئامىلى ئانا تىل. ئىدىيە، پىكىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىمۇ شۇ بىرىنچى ئامىل ئانا تىل. شۇڭا ھەر زامان ئەمدى مۇشۇ ئەتراپىمدىكىلەرگىمۇ دەيمەن، چوقۇم ئەڭ ئالدى بىلەن ئانا تىلغا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئانا تىلنى پۇختا تۇتۇشىمىز كېرەك، دەپ، ئانىلار بىلەن پات-پات مۇشۇ ھەقتە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارىمەن دېگەندەك. ئەمدى مەن قولۇمدىن كەلگەنچە تىرىشىۋاتىمەن. تۈركىيە شارائىتىنى بىلىسىلەر، ئىقتىسادىي جەھەتتە بالىلارنى مۇكاپاتلاش ئىشلىرىمىزدا بەزى قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەرەپتىن، بۇ تەرەپتىن بىر ئاماللارنى قىلىپ، ھەر ئاينىڭ مەلۇم كۈنى بالىلارنى مۇكاپاتلاپ، ئاتا-ئانىلارنىمۇ بىر ئارىغا ئەكېلىپ، ئاشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، ئانىلاردىمۇ شۇنداق قىزغىن ماسلىشىش بولدى. مەسىلەن، بۈگۈن قىزىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى ئاڭلىغان يېقىن-يورۇقلار بۈگۈن بىزنىڭ مۇشۇ زەيتىنبۇرنۇدا بىر كۇتۇپخانىمىز بار نۇزۇگۇم كۇتۇپخانىسى دەيدىغان، شۇ يەرگە ئانىلار توپلىشىپ تەبرىكلەش قىلىمىز. بالىلار مۇشۇ سالىھەدىن ئۆگەنسۇن، ئانا تىل ئۆگىنىشكە بالىلارغا نىسبەتەن بىر تۈرتكىسى بولار دېگەن ئۈمىدتە، بىر سورۇن ھازىرلايمىز دەپ تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ پائالىيەتتىن يېنىپ شۇ يەرگە بارىدىغان بولدۇم.
كەچۈرۈڭلار گەپنى بەك ئۇزارتىۋەتتىم. مەنمۇ بىر ھاياجاندا. . . مېنىڭ دەيدىغان گەپلىرىم مۇشۇنچىلىك. ئابايا زەھرانىڭ ئانىسى مېنىڭ دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىمنى، ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن جىق گەپ قىلمىساممۇ بولار دەپ، گەپ قىلماي دېگەنتىم. ئۆزۈم بىرئاز ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش توغرا كېلىپ قالدى. رەھمەت! »
پائالىيەت ئاخىرىدا كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇكاپاتنىڭ ئۇقتۇرۇشى بېرىلدى. كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىش 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تولۇق تەييارلاپ تاپشۇرۇش لازىملىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئاخىرىدا «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى يېپىلىش سۆزى قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى. پائالىيەت ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، ناھايىتى تەسىرلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئاياغلاشتى.