2026-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيە ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 دا، «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، توردا بەشىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتكە رەيھان خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇھاجىرەتتە ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىلنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قىسقىچە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن بۇ مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىش سەۋەبىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ، بەشىنچى نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى، ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن مېھرىئاي ئەركىنگە ئاتاپ يېقىندا ئىشلەنگەن «سەن كەلمىدىڭ» دېگەن ناخشا قويۇپ بېرىلدى. «سەن كەلمىدىڭ» دېگەن ناخشىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
https://www.youtube.com/watch?v=SNnTMHvfNdM
ئاندىن كېيىن «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى سۆزىدە ئالدى بىلەن بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى چوڭ بىلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا مېھرىئاي ئەركىن ئۈچۈن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى، مېھرىئاي ھەققىدە ياپونىيەدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا، گېزىت-ژۇرناللاردا چىققان خەۋەرلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، ۋە مېھرىئاينى ئەسلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى، شۇنىڭدەك مېھرىئاينىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى، قەرەللىك ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئارقىدىن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى رۇسلان ئەپەندى «ئانا تىل فوندى» ۋە «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ باھالاش ئۆلچەملىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە «ئانا تىل فوندى» نىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ئىككى تۈر بويىچە، يەنى، بىرىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، بىر نەپەر ئانا تىل ئۆگەتكۈچى، يەنى مۇئەللىمگە؛ ئىككىنچى تۈرى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى» بولۇپ، ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا تارقىتىلىدىغانلىقى، مۇكاپاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە ھەر بىر تۈردىكى مۇكاپاتقا نامزاتلارنى تاللاشتىكى كونكرېت ئۆلچەملەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئارقىدىن، بەشىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبلىرى ئېلان قىلىندى.
1. بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپات ساھىبلىرى
بۇ يىللىق باھالاش نەتىجىسىدە، ئانا تىل مائارىپى ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىككى ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلاندى:
1. ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى: مېھرىئاي شىرئەلى (فىنلاندىيە)
مېھرىئاي مۇئەللىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش ئەجرى، ئانا تىل دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ۋە «فارابى تور دەرسخانىسى» دىكى تۆھپىلىرى يۇقىرى باھالاندى.
2. ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى: ئابدۇللاھ مەۋلان (تۈركىيە، 13 ياش)
ئابدۇللاھنىڭ ئانا تىلدا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى راۋان سۆزلەش، سىنلىق ماتېرىياللارنى تەييارلاش ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىقى مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.
3. ئانا تىل ئۆگەنگۈچى مۇكاپاتى: فاتىمە مەخمۇت (سەئۇدى ئەرەبىستان، 10 ياش)
فاتىمەنىڭ ئانا تىلدىكى يېزىقچىلىق تالانتى، ناتىقلىقى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئۆزگىچە ئىجادكارلىقى مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.
2. مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ سۆزلىرى
مۇراسىم جەريانىدا مۇكاپات ساھىبلىرى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئالدى بىلەن مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئانا تىلنىڭ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى ئەھمىيىتىنى، دەرسلىك تۈزۈش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ۋە ئانا تىلنى ئاكادېمىك تىل سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.
ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل فوندى ئەزالىرى، ئانا تىلىنى سۆيگۈچى بارلىق پىداكارلار، قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار،
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن ۋە ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ماڭا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگىنىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. يۇقىرىدا ھەممەيلەننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك تەسىرلەندىم. جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاينى، ئىسىمدىشىمنى ياد ئېتىپ نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىۋېتىپسىلەر. ھەممىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن. باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.
بەشىنچى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» نىڭ «ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» نىڭ ماڭا بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شۇنداق تەسىرلەندىم ۋە ھاياجانلاندىم. ئەتراپىمىزدا بۇ مۇكاپاتقا مېنىڭدىنمۇ بەكرەك لايىق بولغان پىداكار ئوقۇتقۇچىلار، ئانا تىل سۆيەرلەر ئىنتايىن كۆپ. شۇنداقتىمۇ مېنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىش سېپىمىزدە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق مېھرىئاي ئەركىن كەبى پىداكارلارغا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چوڭقۇر رەھمەت ۋە ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ۋە بۇ شېئىرنى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمەن.
ئانا تىل بىلگەن كىشى ئۇچسۇن سامالاردا ئىشى،
ئۆزگىگە خار بولمىغاي يەتسۇن كۆكلەرگە بېشى.
بىلدۈرگەن ھەممىگە ئۆز ئانا تىل قەدرىنى،
قىممىتى ئارتسۇن ئارامىزدا كەبى قاشتېشى.
ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىل مائارىپى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كۆپىنچە دەرسلەر توردا، ئەگەر ئۇيغۇرلار توپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار بولسا يۈزتۇرانە دەرسلەر ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. مېنىڭ دەرسلىرىم ئاساسلىقى توردا ئۆتۈلدى.
ئەمدى مەن ئۆزۈم، شۇنداقلا ئانا تىل ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىم ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. كىچىكىمدىن تەبىئىي پەندە ياخشى بولساممۇ، تىل- ئەدەبىياتقا باشقىچە ئىشتىياقىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىدىم. ئالىي مەكتەپكە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر- تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن، قالغان پۈتۈن ھاياتىمنىڭ بۇ پەخىرلىك كەسىپ بىلەن ئۆتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. كەسىپنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندىن ئېتىبارەن بۇ قىممەتلىك بىر مىراسنى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىدىم. دېگەندەك ھاياتىمنىڭ ئاز-كەم يېرىمى بۇ كەسىپنى تۈجۈپىلەپ ئۆگىنىش، قىدىرىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە يەتكۈزۈش بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئارزۇيۇم شۇ دەپ ئېنىق ئېيتالايمەن، يەنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ پەخىرلىك خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇش؛ ئانا تىل ئۆگىتىش، ئانا تىلنى تەتقىق قىلىش، تونۇتۇش ۋە ئىز قالدۇرۇش.
بەلكى كۆپىنچەڭلار بىلىسىلەر ياكى بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، 2017- يىلدىن ئېتىبارەن بىزنىڭ فاكۇلتېت تاقالدى، ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىي بولسىمۇ، پەقەتلا قىزىل خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىدىغان ۋە تەھرىرلەيدىغان كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق بولغان چوڭ بىر يوقىتىش. بۇنىڭدىن باشقا ۋەتىنىمىزدىكى باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ بۇ كەسىپلەر تاقالدى. بۇ يوقىتىش پەقەت تىل – ئەدەبىيات كەسپىي ۋە تەتقىقاتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بولغان بىر يوقىتىش. بىلىپ تۇرغىنىمىزدەك، بىر مىللەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇتۇشى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال تىلى بولۇشى كېرەك، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېيتقاندا ئاكادېمىك بىر تىلى، يەنى ئەدەبىي تىلى. يۈزەكى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگىتىلگەن بىر تىل بەلكى بىر نەچچە ئەۋلاد داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ تەبىئىيلا يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا ئېيتالايمىزكى، ھازىر بىز نەق بۇ قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتكە يۈزلىنىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ خىزمەت ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن، بولۇپمۇ كەسپىي جەھەتتە ئۆگەنگەنلەرنىڭ قېچىشىغا بولمايدىغان ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى دەپ قارايمەن. ھەر جەھەتتە خاتىرە قالدۇرغىلى بولىدىغان بىر دەۋردە تىل ۋە تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتسەك، بۇ ئىنتايىن ئېچىنارلىق بىر ئىش. تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز شۇنچىلىك زور شارائىتلاردا بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك تىل مىراسلىرىنى قالدۇردى. بىزنىڭ ھەم شۇلارنى قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
مەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىقى ساھەسىگە كىرگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى، ئەمما بۇ ساھەگە كىرگەندىن بۇيان ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى تونۇدۇم دەپ ئېيتالايمەن. سەرخىللار مائارىپىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتكەن ۋاقتىمدا، دەرسلىك كىتابلاردىن سىرت تىل تارىخىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش ھاياتىدىكى ھېكايىلىرىمنى ئېيتىپ بېرىش مېنى باشقىچە ھاياجانلاندۇردى. ھەر قېتىم دەرس ئۆتكىنىمدە، مېنى تىل- ئەدەبىياتقا قىزىقتۇرغان ئوقۇتقۇچىلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. كېيىن ياۋروپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشىدە، ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارغا دەرس بەردىم. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نەقەدەر ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدىم، چۈنكى ھەپتىدە ئۆتىلىدىغان بىر- ئىككى سائەتلىك دەرس بىلەن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتا ساۋاتلىرى چىقتى، نورمال پاراڭلىشالايدىغان ھالەتكە يەتتى. ساۋاتى بار ئوقۇغۇچىلار شۇنچىلىك تېز ئىلگىرىلىدى. كېيىن باشقا دۆلەتلەردىنمۇ باشقا ئوقۇغۇچىلىرىم بولدى، بەزىلىرى بىلەن بېشىدا ئاتا- ئانىسىنىڭ ياردىمىسىز ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايتتۇق، ئەمما ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتا ئۇلارنىڭمۇ ساۋاتى چىقتى ۋە ھازىر تامامەن نورمال ئالاقە قىلالايدىغان ھالەتكە يەتتى. ھەر قېتىم دەرس ئۆتۈش جەريانىدا، مۇشۇ سەبىيلەرنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش سىنىپلاردا ئۆز مىللىتىدىن بولغان دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ، دەرس ئوقۇش ھەققى بار ئىدى دەپ نەچچە قېتىم ئويلاپ چىقىمەن. ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنى، تىلىمىزنى، كۈلتۈرىمىزنى، تارىخىمىزنى بالىلارغا چۈشەندۈرگەندە ئۇلارغا شۇنچىلىك قىسىنىمەن. ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەرگىز ئۈمىد ئۈزمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى تالاي قېتىم تەكرارلاپ چىقىمەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە بەش قىسىملىق ئانا تىل ئوقۇشلۇقى، يەنى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق. بەش قىسىم كىتابنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈزۈلۈش، تېكىست تاللاش، مەشىق تەييارلاش ۋە سۆزلۈك تەييارلاش خىزمەتلىرىگە قاتناشتىم. بولۇپمۇ 3- ۋە 5- قىسىم كىتابلارنىڭ تۈزۈش خىزمەتلىرىنى يالغۇز قىلدىم دېسەممۇ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا 4 كىتابنىڭ گىرامماتىكا قىسمىنى تۈزۈپ چىقتىم. بۇ خىزمەتنى قىلىش جەريانىدا قېتىم- قېتىملاپ تېكىست ئالماشتۇردۇق، مەشىقلەرنى ئۆزگەرتتۇق، ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئۇيقۇسىز قالدۇق. چۈنكى تېكىستلەر بېكىتىلگەن تېمىلارغا ماس كېلىشى، شۇ قىسىم كىتابنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار بالىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ماس كەلگەن بولۇشى، بالىلارنى قىزىقتۇرالىشى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە ماس كەلگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ كىتابلارغا يانداش ھالدا مەنىداش سۆزلەر كارتى، ئاھاڭداش سۆزلەر كارتى، قارىمۇ- قارشى مەنىلىك سۆزلەر كارتى قاتارلىق كارتىلار تەييارلاندى، كارتىلارغا كېرەكلىك رەسىملەرنى يەنە بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۆزلىرى بىر قوللۇق سىزىپ چىقتى. بۇ كىتابلار ھازىر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بەش قىسىملىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق، قالغان يەتتە قىسىم كىتابنى ئەڭ قىسقا پۇرسەتتە تۈزۈپ چىقىش پىلانلىرىمىز بار، شۇنداقلا بۇلارغا يانداش مەشىقلەر، ئوقۇتقۇچىلار پىلانى تۈزۈپ چىقىش پىلانلىرىمىز بار.
بۇنىڭدىن باشقا « فارابى تور دەرسخانىسى» تەرىپىدىن يۇتۇبتا تارقىتىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەرسى ئۈچۈن تەييارلانغان 66 قىسىم ۋىدىيولۇق دەرسنى تەييارلاپ چىقتىم. بۇ دەرسلەرنى تەييارلاش جەريانىدا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيقۇسىز كېچىلىرىم بولدى. چۈنكى ھەر بىر ۋىدىيو 20 مىنۇت ئەتراپىدا بولسىمۇ، بۇ بىر ۋىدىيولۇق دەرس ئۈچۈن ئاۋۋال گىرامماتىكا كىتابلىرىنىڭ ئىچىدىن ئەڭ چۈشىنىشلىك بولغان قىسىملىرىنى تاللاپ ئېلىپ دەرس تەييارلاش، ئاندىن بۇنى ۋىدىيوغا ئېلىش، ۋىدىيونى تەھرىرلەش قاتارلىق ئۇزۇن بىر جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ دەرسلەر پەقەت بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى چوڭلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلاندى. بۇنىڭغا يانداش ھالدا باشقا قىسقا ۋىدىيولارمۇ تەييارلاندى. بۇ ۋىدىيولارنى بەزىدە دەرسلىرىمدىمۇ قوللاندىم. باشقا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ قوللىنىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا چوڭلارنىڭمۇ بالىلىرىغا ئائىلىدە ئانا تىل ئۆگىتىشى ئۈچۈن ياخشى بىر ماتېرىيال بولدى دەپ قارايمەن.
خۇلاسە:
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ئانا تىلنى ئۆگىتىش پەقەتلا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمىتى ئەمەس، بەلكى بارلىق زىيالىيلارنىڭ، بارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ، بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا مەكتەپتە ئوقۇيالىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مىللەتنىڭ خىزمىتى. بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇمىغان ئاتا- ئانىلار بولسا ئاۋۋال ئۆزلىرى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان بولسىمۇ، بالىلىرىغا ئۆگىتەلمىگۈدەك سەۋىيەدىكىلەر تولۇقلاپ ئۆگىنىشى كېرەك. ئانا تىلنى «كۈندىلىك دىيالوگ ئېلىپ بارالىسىلا، مۇشۇ جەرياندا تەبىئىي ئۆگىنىپ كېتىدۇ» دەپ ئويلاش بەك خەتەرلىك. چۈنكى بالىلارغا ئانا تىل تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياش ۋە مەزگىل بولىدۇ. ئاشۇ ياخشى پۇرسەت كېتىپ قالسا، ئانا تىل تەربىيەسى ئاتا – ئانا ۋە بالىدا زور ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدۇ. «كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە» دېگەن گەپ بار. ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىراسلىرى ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ۋەتىنىمىز ئۈچۈن كۈچىمىزنى، غەيرىتىمىزنى، بىلىمىمىزنى بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يەنى ئۆگەنگەنلىرىمىزنىڭ «زاكاتى» نى بېرىشىمىز كېرەك، شۇندىلا ئۆزىمىزگە ۋە خەلقىمىزگە يۈز كېلەلەيمىز. بۇ مەشئەلنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئەسىرلەر بويى يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن «بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىش» ىمىز مۇقەررەر.
ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
ئارقىدىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختار ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇھاجىرەتتە ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئانا تىل ئۆگىنىشنىڭ بىر بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا، مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىمنىڭ ئانا تىل مائارىپى يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ھۆرمەت بىلەن ئوقۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن ئابدۇللاھ مەۋلان سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى بۇ شەرەپكە لايىق كۆرگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇللاھ گەرچە تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭ سىڭدۈرگەن زور ئەجرى سايىسىدە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى ھالەتتە يېتىلگەن. ئۇ يەتتە يېشىدىن تارتىپ «ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى» دە ئانا تىلدا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي سىنلارنى ۋە يازما ماتېرىياللارنى تەييارلاپ ئېلان قىلغان، شۇنداقلا ئانا تىلدا پەننىي تېمىلاردا سۇنۇملارنى قىلىپ كەلگەن. نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىدە ئىزچىل ئوقۇپ، ھازىر تولۇقسىز بىرىنچى يىللىققا قەدەم قويغان ئابدۇللاھ، مۇراسىمدا ئۆزى تەييارلىغان «ماددىلارنىڭ ھالىتى» ناملىق تېمىنى ناھايىتى راۋان چۈشەندۈرۈپ، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىلمىي ئىپادىلەش كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. «ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختار ئابدۇراخمان ئەپەندى ئابدۇللاھنىڭ كەلگۈسىدە فىزىكا ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن نىيۇتون، ئېينىشتىيىندەك ياراملىق بىر ئالىم بولۇپ چىقىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن فاتىمە مەخمۇت سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ھازىر ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. فاتىمە بالىلارغا خاس ئوماق تەلەپپۇز ۋە ناھايىتى راۋان تىل بىلەن، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ۋە ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئانا تىل ئۆگىنىش سەپىرىدە ئۆزىگە يول كۆرسەتكەن ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئۇستازلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
فاتىمە ئۆز نۇتۇقىدا كەلگۈسىدە ئانا تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپلا قالماي، بەلكى ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ۋەتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن قىزىقارلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يىغىن ئەھلىنى سۆيۈندۈردى. ئارقىدىن ئۇ ئۆزى يازغان «ئانا يۇرتۇم» ناملىق شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى:
ئانا يۇرتۇم
ئەي گۈزەل ئانا يۇرتۇم،
سېغىندىم سېنى.
ئەي گۈزەل ئانا يۇرتۇم،
ئۆتۈنەي، ساقلا مېنى.
سېغىنىپ سېنى سورايمەن شەھەرلىرىڭنى،
كورلا، ئاتۇش، خوتەن ۋە قەشقەرلىرىڭنى.
سېغىنىپ سېنى سورايمەن جايلىرىڭنى،
تەكلىماكان قۇملۇقى، سايرام كۆلىنى.
قىشلىرى قار لەيلىسى بىلەن،
تارىختىن بۇيان تەۋرەنمەس تەڭرىتاغ.
گاھى ئوخشايدۇ ئاق روماللىق مومايغا،
گاھى ئوخشايدۇ ئاق تونلۇق بوۋايغا.
كىم بىلىدۇ سايرام كۆلى دېسەك؟
چوڭقۇرلۇقى يۈز مېتىردىن ئارتۇق.
بار ئۇنىڭ ئاستىدا ئوماققىنە،
بېلىق بالىلار ۋە يۇمشاق ياستۇق.
ئەي گۈزەل ئانا يۇرتۇم،
سېغىندىم سېنى.
ئەي گۈزەل ئانا يۇرتۇم،
ئۆتۈنەي، ساقلا مېنى.
ئارقىدىن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى مۇختار ئابدۇراخمان ئەپەندى قايتا سۆز ئېلىپ، فاتىمەنىڭ شېئىرىدىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇ، چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئانا يۇرتنى كۆرۈپ باقمىغان بىر پەرزەنتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل ۋە مەنىلىك بىر شېئىرنى يازالىغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، شۇنداقلا چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مۇختار ئەپەندى سۆزىدە يەنە: «بۇ نەتىجە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەسىلە بالىلاردا ئەمەس، بەلكى بىز چوڭلاردا. ئەگەر بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تىرىشساق، پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلىمىزنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆگىتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دەپ كۆرسەتتى. ئارقىدىن ئۇ فاتىمە مەخمۇتقا بېرىلگەن تەقدىرنامىنى ھۆرمەت بىلەن ئوقۇپ ئۆتتى.
3. ئوقۇتقۇچى-ئۇستارلانىڭ سۆزلىرى
ئارقىدىن، تۈركىيەدىكى «سەرخىللار مائارىپى» نىڭ مەسئۇلى مەخمۇتجان ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىم ۋە ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ «سەرخىللار مائارىپى» بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈردى. مەخمۇتجان ئەپەندى ئۆز مەركىزىدىكى پىداكار ئوقۇتقۇچى ۋە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
مەخمۇتجان ئەپەندىنىڭ نۇتۇق تېكىستى:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
مەن ئالدى بىلەن مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ئىدىم، بۈگۈن مانا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ تۇرۇپتىمەن. بەلكىم ئاخىرىدا سۆز قىلىش پۇرسىتى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مەن شۇ ھازىرلا دەۋېتەي نۆۋىتى كەلگەندە دەپ ئويلىدىم. ئالدى بىلەن مېھرىئاي مۇئەللىمنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. مېھرىئاي مۇئەللىم بىزگە 2023- 2024-يىلى تولۇق ئوتتۇرا بالىلارغا دەرس بەرگەنىدى، ھازىرمۇ بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز. ئەمدى فىنلاندىيەدە كۆچۈش جەريانىدا ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا بىر مەزگىل توختاپ تۇرغان. ئاندىن كېيىن يەنە بىر ھەيران قالارلىق بولغىنى، بىزنىڭ ئابدۇللا مەۋلان بالىمىز بىلەن فاتىمە مەخمۇت بالىمىزنىڭ ئىككىلىسىنىڭ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىمىز ئىكەنلىكىنى ھازىر بىلىپ تېخىدىنمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئابدۇللا مەۋلان ئوقۇغۇچىمىز 7-سىنىپقىچە بىزدە ئوقۇغان. كېيىن دادىسىنىڭ «ئىجاد ئىلىم پەن مەركىزى» گە يۆتكىلىپ كەتتى. ئۆزى ناھايىتى تىرىشچان، ئەقىللىق بالا. فاتىمە بالىمىزنى ھازىر كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم. فاتىمە بىزنىڭ 5-سىنىپ ئوقۇغۇچىمىز. مۇشۇنىڭدىن مەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ مائارىپىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شۇنىڭغا لايىق بىر شەكىلدە ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇۋاتقانلىقىمىزنى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن شۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىنى ھازىر مۇشۇ ئېكراندا كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجىنىمنى باسالماي مۇشۇ سۆزنى قىلغۇم كەلدى. رەھمەت.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ۋە مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىمنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. رەھمەت.
ئارقىدىن فاتىمە مەخمۇتنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىدىكى سىنىپ مەسئۇلى مەريەم مۇئەللىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ فاتىمەنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى «مۇكاپات ھەق يېرىگە تېگىپتۇ» دەپ باھالىدى. مەريەم مۇئەللىم ئۆز نۇتقىدا فاتىمەنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، تەپەككۇرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، يېزىقچىلىقتىكى ئالاھىدە قابىلىيىتى ۋە سىنىپتىكى يېتەكچىلىك رولى بىلەن باشقا ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. شۇنداقلا، فاتىمەدەك بىر تالانتلىق قىزنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئانىسى ئائىشە خانىمنىڭ پىداكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
مەريەم مۇئەللىمنىڭ نۇتۇق تېكىستى:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
مەن فاتىمەنىڭ بۇ مۇكاپات ئېرىشكەنلىكىنى ئاپىسىدىن ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، «مۇكاپات ھەق يېرىگە تېگىپتۇ» دېگەنىدىم. مەن بۇ يەردە فاتىمەنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە، فاتىمەنىڭ مۇشۇ نەچچە يىللاردىن بېرىقى بىزنىڭ ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، پائالىيەت دەرسلىرى ۋە ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدىكى ئىپادىلىرى توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلماقچىمەن. فاتىمە يېزىقچىلىق قىسمىغا، ئەلۋەتتە، باشقا قىسىملىرىغىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ھەممەيلەنگە تەس كېلىدىغان ئاشۇ يېزىقچىلىق قىسمىغىمۇ ئالاھىدە كۈچەيدۇ، ھەر قېتىم ناھايىتى سەرخىل ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ دەرسلىرىمدىمۇ، فاتىمەنىڭ تەپەككۇرى ناھايىتى چاققان ۋە ناھايىتى ئۆتكۈر. ئۇ ناھايىتى چوڭقۇر ۋە ناھايىتى كەڭ دائىرىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ تەھلىل قىلالايدۇ. ئۇنى ئاساسەن سىنىپىمىزدىكى ئەڭ جانلىق ئوقۇغۇچىلىرىمدىن بىرى دېسەم بولىدۇ. بىر مىسال ئېلىپ ئېيتسام، ئالدىنقى يازلىق تەتىلدە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىسى قۇرغانىدۇق. «بىرىڭلار مۇشۇ كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل بولۇڭلار» دېگەن ۋاقتىمدا، پۈتۈن سىنىپتىكى بالىلار بىردەك ھالدا «فاتىمە گۇرۇپپا باشلىقى بولسۇن» دېدى. بولمىسا بىزنىڭ بۇ 5-يىللىق سىنىپىمىزدا فاتىمە يېشى ئەڭ كىچىك ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى. سىنىپىمىزدا 15-16 ياشلىق بالىلارمۇ بار. شۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا فاتىمە يېشى ئۆزىدىن چوڭ شۇ بالىلارنىمۇ قايىل قىلدى. شۇڭا دەيمەنكى، فاتىمە ئالدىنقى قاتاردىكى، يېشى ئەڭ كىچىك ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. مەن فاتىمەنى مۇشۇنداق تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان كىشى ئاپىسى دەپ قارايمەن. ئاپىسى ھەقىقەتەن بەك كۈچىدى. فاتىمە ئۆزىمۇ شۇنداق بىلىمگە ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بىر قىز. بۇ يەردە فاتىمەنىڭ تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن، ئاپىسىنىڭ تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن. مەن بۈگۈن ئانا-بالا ھەر ئىككىيلەننى مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە تەبرىكلەيمەن.
يەنە بىرگە دەپ ئۆتىدىغىنىم، بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىمىزگە فاتىمەدەك تىلى ئۆتكۈر، دىلى ساپ، تەپەككۇرى چوڭقۇر مۇشۇنداق بىر پەرزەنتنى يېتىشتۈرۈۋاتقان ئاپىسى ئائىشەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئائىشە ئۆزىمۇ بىر مۇئەللىم. ئۇ ئۆز بالىلىرىنى يېتىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بالىلارنىمۇ ئىنگلىز تىلى دەرس بېرىش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھەم فاتىمەنىڭ تىرىشچانلىقىغا رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىشىغا، يېزىقچىلىقتىكى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ يۈكسەك بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن. ھەم شۇنداقلا ئاپىسىغىمۇ ئالاھىدە رەھمەت! ئەجرىڭىز ئىككى دۇنيالىق كاتتا بولسۇن. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. رەھمەت سىلەر ئانا-بالا ئىككىڭلارغا!
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان سىلەرگىمۇ رەھمەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىڭلار ۋە لاگېر قۇربانلىرىدىن بىرى بولغان قېرىندىشىمىزنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن قېرىنداشلارنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمگەكلەرنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.
4. ئاتا-ئانىلارنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە تەجرىبە ئورتاقلىشىشى
مۇراسىم جەريانىدا ئاتا-ئانىلار سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئائىلىدە ئانا تىل مۇھىتى يارىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەربىيەسىدە قايسى نۇقتىلارنى چىڭ تۇتقانلىقى ھەققىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى.
مەۋلان ئەپەندى: «ئانا تىلنى ئىلىم-پەن تىلى سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈش تەجرىبىلىرىم»
ئابدۇللاھ مەۋلاننىڭ دادىسى مەۋلان ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، ئائىلىدە ئانا تىل مۇھىتى يارىتىش ۋە پەرزەنتلىرىنى ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئانا تىلدا يېتىشتۈرۈش جەريانىدىكى ئەمەلىي مېتودلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئورتاقلاشتى.
بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق: «بىز بالىلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا ئارىلىشىپ قالغان خىتايچە ۋە تۈركچە سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئانا تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇپ، ئەر-ئايال ئىككىمىز ساپ ئانا تىلدا سۆزلىشىشكە ئالدىن تەييارلىق قىلدۇق. بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىن باشلاپ رەسمىي دەرس پىروگراممىسى بىلەن ساۋاتىنى چىقاردۇق.»
سەل قارىماسلىق: «بالىلار مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن تۈركچە سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغاندا، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىمىدۇق. ئاشۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى دەرھال ئۆگىتىپ، بالىغا تەكرارلاتتۇق. ئائىلىدە باشقا تىلدا پاراڭلىشىشقا قەتئىي يول قويمىدۇق.»
ئانا تىلنى ئىلىم-پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈش: «ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەردىكى ئاتالغۇلارنى بالىلارغا ئانا تىلىمىزدا ئۆگەتتۇق. <ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى> دە بالىلارغا بىرەر كەلىمىنى ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى يازدۇرۇپ، خاتىرىلەتتۇق. پىلانىمىزدا بۇ ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى بار بىر قامۇس تۈزۈش بار.»
ئائىلىدە كىتابخۇمارلىق مۇھىتى: «ئۆيىمىزدە چوڭ كىتاب جازىسى بار، بالىلار قولىنى قەيەرگە سۇنسا شۇ يەردىن ئۇيغۇرچە كىتاب چىقىدىغان قىلدۇق. ئائىلىدە <ھالقا شەكىللىك دەرس> تەشكىللەپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى بالىلار بىلەن بىرگە ئوقۇپ، ئانا تىلىدا چۈشەندۈرۈپ كەلدۇق.»
مەۋلان ئەپەندى نۇتقىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە چوڭلىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز، باشقا قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا كەمىنە مەۋلاندىن سالام.
مەن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر قىممەتلىك مۇراسىمدا ماڭا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىڭلارغا، سۆزگە تەكلىپ قىلغىنىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاندىن كېيىن بىزنىڭ قەھرىمان ۋە پىداكار ئۇيغۇر قىزىمىز مېھرىئاي ئەركىن مۇئەللىمىگە مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن ۋە ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن دەپ چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن.
ئەمدى ئابدۇللانىڭ نەتىجىلىرىگە كەلسەك، بايام دېيىلگەندەك، كۆپىنچىسى ئابدۇللاھنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بولدى ھەقىقەتەن. بىزمۇ ياندا تۇرۇپ، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياردەمچى بولدۇق. ئەمما ھەر قانداق ئەھۋالدا پەرزەنت ئۆزى تىرىشىپ ئۆزى ئاكتىپ تۇرمىسا، ئاتا-ئانا قانچىلىك قىلسىمۇ بۇنداق نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. ئابدۇللاھ ئۆزى ناھايىتى تىرىشتى.
ئەمدى بىزنىڭ ھازىرقى پىروگراممىمىز ئانا تىل ھەققىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىزنىڭ ئائىلىدە ئانا تىلدا قانداق بىر تەربىيە ئېلىپ بارغانلىقىمىزغا ئالاقىدار بىرئاز تەجرىبىلىرىمنى ئورتاقلىشىش ئۆتەي دېدىم.
بىزنىڭ ئۆيدە بالا تۇغۇلۇپ ئىككى ياش كىرگەندىن تارتىپ، بىز ئانا تىل تەربىيەسىنى ئائىلىدە چىقىرىشقا باشلىدۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسلىقى ئاپىسى بەك كۈچىدى، ئۆزى بىر قوللۇق ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، يېڭىدىن كارتىلارنى ياساپ دېگەندەك، ناھايىتى ئىزچىل، رەسمىي دەرس پىروگراممىسى شەكىلدە باشلاپ، شۇ ھالەتتە تەربىيەلىدۇق ئىككى ياشتىن تارتىپلا، ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇن، يەنى بالىلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنمۇ بىز ئائىلىدە، ئەمدى ئۆزىمىز ۋەتەندىكى ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا سىڭىپ قالغان خىتاي سۆزلەرنى، ئاندىن چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن، بولۇپمۇ تۈركىيەدە سۆزىمىزگە ناھايىتى يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركچە سۆزلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئارىلىشىپ قالىدىغان، ئالمىشىپ قالىدىغان، مەنىداش سۆزلەر بولسۇن، شۇ سۆزلەرنىمۇ ئالدىنئالا ئۆزىمىز ئەر-ئايال ئۆيدە ساپلاشتۇرۇپ ئەھمىيەت بەردۇق، ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزنى بالىلارغا تەربىيەلەشتىن بۇرۇن. شۇ ھالەتتە ئۆزىمىز بىر قۇر تەييارلىق قىلغان بولدۇق. مۇشۇ ھالەتتە ئىككى ياشتىن باشلاپ تەخمىنەن تۆت-بەش ياشلارغا كىرگەن ۋاقتىدا. مېنىڭ ئۈچ بالام بار، ئۈچ بالامنىڭ ساۋاتى تۆت-بەش ياشتىلا چىقىپ بولدى. شۇ جەرياندا ئۆيدە ھېچقانداق تۈركچە پاراڭلىشىدىغان ياكى ئىنگلىزچە پاراڭلىشىدىغان ئىشلارمۇ قەتئىي بولمىدى. يەنى بالىلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش ھالىتىدە چوڭ بولدى ئائىلىدە. تۆت-بەش ياشقا كىرگۈچە پۈتۈن كەلىمىلەرنى، ئۇيغۇرچە كەلىمىلەرنى توغرا دەيدىغان، قىسقا ئابزاسلارنى راۋان ئوقۇپ بېرەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى. ئۆزىمىزمۇ ئائىلىدە مۇشۇ جەرياندا ئۇيغۇرچە ساپ ئانا تىلدا سۆزلەش مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ كەلدۇق. مەسىلەن، چاي-تاماق ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ئۆزئارا پاراڭلاشقان ۋاقىتلاردا، بالىلار تۈركچە مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن بىرئاز تەبىئىي تەسىر قىلىپ تەبىئىي ھالدا بالىلارنىڭ سۆزلىرىگە تۈركچە كىرىشكە باشلىدى. بىز بۇنىڭدىن بىر تەرەپتىن ئەپسۇسلاندۇق، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭغا چارە قىلايلى دەپ، بەزىبىر پىلانلارنى قىلىپ، مەسىلەن، ئائىلىدە بالىلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئىپادىلەش قىينالغان سۆزلىرىنى دەرھاللا تەس كەلگەندىكىن ياكى تەلەپپۇز قىلىش ياكى ئويلاپ تېپىش تەس كەلگەندىكىن تۈركچە سۆزنى ئورنىغا ئىشلىتىۋالىدۇ. بىز شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سەل قارىمىدۇق. سەل قارىماي، ئاشۇ سۆزنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى ئوخشىشىنى ياكى دېيىلىشىنى، ئاتىلىشىنى بالىغا ئىزچىل ھالەتتە چۈشەندۈرۈپ كەلدۇق. «بالام ماۋۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدىكى ئىپادىلىشى مۇنداق بولىدۇ» دەپ. ئۇنى دېيىش بىلەنلا قالماي، ھەتتا تەكرارلاپ،«مۇشۇنى ئۇيغۇرچە بىر دەپ بېقىڭ» دەپ، مۇشۇ ھالەتتە ئىزچىل مۇشۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق.
ئاندىن كېيىن، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغاندەك، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىمىز بار، بالىلارنى شۇ مەكتەپكە بەردۇق، ئۈچىلى بالام شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ ھازىر. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىدىكى بارلىق مۇئەللىملەرگە ۋە ئۇستازلارغا كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ناھايىتى چوڭ ئەجرى بار. بالىلىرىم ھازىرغىچە ئىزچىل شۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بايا رۇسلان مۇئەللىم دېگەندەك، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بولسۇن، مەيلى تورلاردا ئۆتكۈزۈلگەن، يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قايسى پائالىيەتلەردە ئابدۇللا ئۆزى ھەر خىل ئۇيغۇرچە سۇنۇملارنى تەييارلىدى. سۇنۇملارنى نورمالدا ئۆزى تەييارلايدۇ، ئابدۇللا رەسىملەرنى ئۆزى توردىن ئىزدەپ، ئۆزى كىرىشتۈرۈپ، مەن بەزىدە تەھرىرلەيدىغان يەرلەرگە ئارىلىشىمەن، تېكىستلىرىنى تەھرىرلەپ بېرىمەن. شۇ ھالەتتە سۇنۇملارنى تەييارلاپ قىلدى ۋە سۇندى.
ئۇنىڭدىن باشقا سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، ژۇرناللارغا ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئەسەرلەرنى تەييارلاپ «مەن ئەسەر ئەۋەتەي» دەپ ئەسەر ئەۋەتتى، بىزمۇ ياردەمچى بولدۇق. لايىھە ئىشلىرىدا بولسۇن، بەزى تەھرىرلەش ئىشلىرىدا بولسۇن، ئاشۇ ھالەتلەردە مۇشۇنداق ئاكتىپ قاتنىشىپ تۇردى. ئەڭ مۇھىمى بايا دېگەندەك، 2020-يىلى «ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى» نى قۇرغان ئىدۇق. ئابدۇللاھ يەتتە يېشىدىن تارتىپ ئىزچىل ئاشۇنىڭدا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك خىزمىتىنى قىلىپ كەلدى. ئاندىن كېيىن بىزمۇ نورمالدا ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزىدە ئۆزىمىز يالغۇز ئابدۇللاھغىلا ئەمەس، باشقا بالىلارغىلا ئەمەس، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئومۇمىي مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئاچقان دەرسلىرىمىز بار ئىدى، شۇنىڭدىمۇ بىز ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مۇشۇ پەننىي ئاتالغۇلار، مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيەدىكى بۇ ئاتالغۇلار ئاساسەن چەت ئەلدە تۈركچە ياكى ئىنگلىزچە دېيىلىدۇ چەت ئەلدە چوڭ بولغان بالىلارغا. بىز شۇنى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشكە، ئۆگىتىش مەقسىتىدە ناھايىتى ئاساسىي ئورۇنغا قويدۇق. ھەر قانداق دەرسلىرىمىزدە، تور دەرسلىرىمىزدە بالىلارغا بىرەر كەلىمىنى ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا شۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بالىلارغا دېگۈزۈپ، بۇنىڭ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى مەنىسى بۇ دەپ، يازدۇرۇپ، ھەتتا خاتىرىلەپ قىلىشنى تەكىتلەپ كەلدۇق. شۇ قاتاردا ئابدۇللا بايا دېگەندەك ئانا تىلىمىزدا مۇشۇ پەننىي ئاتالغۇلارنى بارغانسېرى پىشىپ كەلدى. ئائىلىدىمۇ ئايرىم ئۆگەتكەن بولدۇق. ئاللاھ نېسىپ قىلسا، ئۆزىمىزنىڭ «ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى» دە مۇشۇ ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ھالەتتە مۇشۇ پۈتۈن پەننىي ئاتالغۇلارنى، پەن بىلىملىرىنى، ماتېماتىكىلىق ئاتالغۇلارنى بىر لۇغەتلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى بار، ئۈچ خىل تىلدا ئاتىلىشى بار ھالەتتە بىر قامۇس شەكىلدە تۈزۈش پىلانىمىز بار. ئىنشائاللاھ، شۇنىمۇ پىلانىمىزغا كىرگۈزدۇق. بۇنداق بولۇپ قالسا، بۇنىڭ مۇشۇ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا، پەرزەنتلىرىمىزگە ئىلىم-پەننى ئۆز ئانا تىل ئۆگىنىشىگە ناھايىتى زور بىر تۆھپىسى بولىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز، ئىنشائاللاھ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەمدى بىز ئائىلىمىزدە كۆپرەك كىتاب ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق. ئۆيىمىزدە چوڭ بىر كىتاب جازىسى بار، ئۇنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۇيغۇرچە كىتابلار بىلەن بېزەشكە ئەھمىيەت بەردۇق. بالىلار قولىنى قەيەرگە سۇنسا شۇ يەردىن ئۇيغۇرچە كىتاب چىقىدىغان قىلىپ، ھەم ھەر خىل ژانىردىكى كىتابلارنى قىلدۇق. بالىلار تۈركچە كىتاب ئوقۇۋالىدۇ جىقراق ھالەتتە، شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تەڭ نىسبەتتە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدۇق، تەشەببۇس قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەر بولسۇن ياكى بالىلارغا لايىق يېزىلغان نەشر قىلىنغان ئاشۇ ئۇيغۇرچە كىتابلىرىمىزنى ئائىلىدە مۇشۇنداق ھالقا شەكىلدە بىر دەرس قىلدۇق ئۆزىمىز بالىلار بىلەن، دەرس قىلىپ، ئانا تىلىمىزدىكى كىتابلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇتۇپ، بالىلار ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ دېگەندەك، مۇشۇ بىرنەچچە خىل مېتودلار بىلەن ئائىلىدە ئۆگىتىپ، مۇشۇ ھالەتتە قولىمىزدىن كەلگىنىچە تىرىشىپ كەلدۇق.
بۇنىڭ ئۈچۈن، بايا رۇسلان مۇئەللىم كۆرسەتكەندەك، ئابدۇللاھ «ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى» دە جىق تىرىشتى بۇنىڭدا، پۈتۈنلەي ئانا تىلدا قىلدى. بالىلارغا ئاسان ئەمەسكەن. بىزلەر ۋەتەندە چوڭ بولغاچقا بىزگە بەزى نەرسىلەر تەبىئىي بولۇشى مۇمكىن. لېكىن داۋاملىق باشقا ئۆزىنىڭ ئانا تىلدىن سىرت بولغان مۇھىتتا ۋە سىرت بولغان سۆزلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بالىلارنىڭ بۇ خىل ھالەتتە قىلىشىمۇ ھەقىقەتەن تەسكە توختايدىكەن، ئۆزىمۇ جىق تىرىشتى. ئالتە-يەتتە تال ۋىدىيو ئىشلەپچىقاردى مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار. ئۇنىڭدىن باشقا بەزىبىر يازما ئەسەرلەرنى چىقاردى، مەسىلەن، «ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك 25 ئاجايىپ بىلىم» دېگەن كىتابنى ئۆزى تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلەپ قىلدى. ماۋۇ ۋىدىيولاردىكى سۇنۇملارنى ئاساسلىقى ئۆزى قىلدى، تېكىستلەرنى ئۆزى يادلاپ، ئۆزى پىششىقلاپ، بىزگە ئۆتكۈزۈپ دېگەندەك ھالەتتە ئىشلىدۇق.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن كۆپ سۆزلىمەي. ئۆزۈمنىڭ قىسقىچە كۆز قاراشلىرىنى مۇشۇ يەردىكى ئۇستازلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا مۇشۇنچىلىك دېگۈم كەلدى.
ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ قاتناشقان بارلىق ئۇستازلىرىمىزغا، مۇئەللىملىرىمىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمىتىمنى ئېيتىش بىلەن بىللە، بۈگۈن مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى، مېھرىئاي مۇئەللىمنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت.
ئىلاۋە: «ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى» نىڭ YouTube قانىلىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
https://www.youtube.com/@ijadbilim
ئائىشە خانىم: «ۋەتەننى تاشلاپ چىقىشتىكى قۇربانلىقىمىزغا لايىق پەرزەنت تەربىيەلەيلى»
ئارقىدىن فاتىمە مەخمۇتنىڭ ئاپىسى ئائىشە خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ بىر ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى جاپالىق ۋە شەرەپلىك مۇساپىسىنى يۇقىرى ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، يىغىن ئەھلىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.
ئائىشە خانىم ئۆزىنىڭ ئانا تىل تەربىيەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىدى:
كىتابخۇمار قىلىپ يېتىشتۈرۈش: «فاتىمەنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتابقا ئامراق قىلىپ چوڭ قىلدىم. ئويۇنچۇقلىرىدىن كىتابلىرى جىق ئىدى. ھەتتا تاماق ئەتكەندىمۇ يېنىمدا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇپ بېرەتتىم ۋە ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم.»
ساۋات چىقىرىش ۋە ئىملا: «فاتىمە بەش يېشىدا ساۋاتى چىقتى. يېزىقچىلىققا مەشىق قىلدۇرغاندا، ھەرپ بىلەن بوغۇمنى، سۆز بىلەن جۈملىنى ئايرىشنى بىر-بىرلەپ ئۆگەتتىم. ئىملا خاتالىقلىرىنى شۇ ۋاقتىدا تۈزىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم.»
ئىجادكارلىققا ئىلھام بېرىش: «ئۇ كىچىكىدىنلا خىيال سۈرۈشكە ۋە لايىھەلەشكە ئامراق ئىدى. ئۇ ئۆزى يازغان <توشقانچاقنىڭ ھېكايىسى> ناملىق ئەسىرىنى كۆرگىنىمدە ھاياجاندىن يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. ئۇنىڭ بارلىق ئىجادىيەتلىرىنى رەتلىك تۈپلەپ، مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردۇم.»
ئائىشە خانىمنىڭ نۇتقىنىڭ تولۇق تېكىستى:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
مەن ئالدى بىلەن بۇ مۇكاپاتنى فاتىمەگە بېرىشنى توغرا كۆرگەن باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئۇستازلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، قىزىم فاتىھەنى تەربىيەلەش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىسى تەسنىم مۇئەللىم بىلەن مەريەم مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەمدى راست گەپ قىلسام، ھازىر بىر خىل ھاياجانلىنىپ كېتىپ بارىمەن. ئادەم ئۈچۈن بىر ئىنساننى تەربىيەلەپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن بىر گۈزەل تۇيغۇ ئىكەن. ئەينى ۋاقىتلاردا بىز ۋەتەندىكى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ بىر ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيمىز نىيەت قىلىپ، ئايروپىلانغا چىققان ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ ئائىلە قۇرۇپ، بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولغان ۋاقتىمدا ئۆزۈمنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە «چوقۇم مۇشۇ بالامنى مەن بەرگەن قۇربانلىقلىرىمغا لايىق بىر پەرزەنت تەربىيەلىشىم كېرەك، بولمىسا شۇنچە قۇربانلىقلارنى بېرىپ ۋەتەننى تاشلاپ چىققىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولىدۇ، مەن چوقۇم شۇ ۋەتىنىمگە خىزمەت قىلىدىغان بىر پەرزەنت تەربىيەلىشىمىز كېرەك» دېگەن نىيەتنى قىلغان ئىدىم. ئاللاھ نىيەتكە قارىتا نەتىجىنىمۇ بېرىدىكەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك. شۇ گۈزەل نىيەت بىلەن ھەر بىر قەدەمنى ئالغان ۋاقتىمدا شۇ نىيەتلىرىمگە ئۇيغۇن مېڭىۋاتامدىكىن، شۇ يولغا قاراپ مېڭىۋاتامدىم ياكى يىراقلىشىپ كېتىۋاتامدىم؟ دەپ ئويلاپ ئىش تۇتۇشقا تىرىشتىم.
فاتىمە قىزىمنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، كىتابخۇمار بالا قىلىپ تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقاردىم. ئويۇنچۇقلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ كىتابلىرىنىڭ سانىنىڭ جىق بولۇشىغا تىرىشتىم. باشتا ساۋاتى چىقمىغان ۋاقىتتا ھەر خىل رەسىملىك كىتابلارنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزۈم، ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا قىزىمغا قىزىقارلىق قىلىپ ئوقۇپ بېرەتتىم. كۈندە ئوقۇيدىغان كىتاب سانىمىز ناھايىتى جىق ئىدى، ھەتتا تاماق ئەتسەممۇ ئاشخانىدا يېنىمغا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ، قىزىم ۋاراقلايتتى، مەن سۆزلەپ بېرەتتىم. بىردەم ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم (ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى)، بىردەم ئاشۇنداق ئولتۇرۇپ تاماق ئېتىپ، ئىشقىلىپ، بالام يېنىمدىن ئايرىلمايتتى. نېمە ئىش قىلسام، ئاشۇ ساۋاتىنى چىقىرىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتىم. ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم. ھەرپلەرنى ئويۇن ئارقىلىق ئۆگىتىپ دېگەندەك، ئاشۇنداق قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن قىزىمنىڭ بەش ياشتا ساۋاتى چىقتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن قىزىم ساۋاتى چىققاندىن كېيىن، مۇشۇ پەقەت ئوقۇشنىلا بىلىپ قالمىسۇن، يېزىشقىمۇ كۈچىشىم كېرەك دەپ ئويلاپ، قىزىمنى مۇشۇ يېزىش جەھەتتە تەربىيەلەش ئۈچۈن قاتتىق كۈچ چىقاردىم. ئۇنى قىلىش ئۈچۈن قىزىم باشتا يازغان ۋاقىتتا، ھەرپلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ يېزىۋېتەتتى، سۆزلەرنى ئايرىشنى ئۇقمايتتى-دە، ئاشۇ پويىزدەك باشتىن-ئاخىر بىر جۈملە قىلىپ يېزىۋېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن مۇشۇ ۋاقىتتا، قىزىمغا سۆزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، جۈملىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بوغۇمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ھەرپنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، بۇ ئۇقۇملارنى چوقۇم ناھايىتى ئېنىق كاللىسىغا سىڭدۈرمىسەم بولمايدىكەن دەپ ئويلىدىم. ھەرپ، بوغۇم، سۆز، جۈملىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىر-بىرلەپ، بىر-بىرلەپ قىزىمغا چۈشەندۈردۈم، ھەمدە مۇشۇ ئىملا خاتالىقى قىلغان ۋاقتىدا چوقۇم شۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىش كېرەكلىكىنى، بىر جۈملىدە قانچە سۆز بولىدىغانلىقى، سۆزلەرنىڭ ئايرىم مەنىسى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئايرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، شۇنى ئۆگىتىشكە تىرىشتىم.
ئۇنىڭدىن كېيىن، قىزىم ساۋاتى چىققاندىن كېيىن تەبىئىيلا بۇرۇن كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشىغا ئايلاندۇردى. چۈنكى، كىتابخۇمار، كىتابقا ئامراق چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ساۋاتى چىققان ھامان تەبىئىيلا كىتابنى ئوقۇيدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزىم توختىماي كىتاب ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتتى. باشتا بەك خۇش بولۇپ ئىلھاملاندۇردۇم، لېكىن كەينىگە بارغاندا ھەتتاكى قىزىم باشقا ئىشنى قىلماي، كىتابلا ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتكەن بىر مەزگىل بولۇپ كەتتى. «بالام، بۇ ئەسلى بىر ياخشى ئىش ئىدى. مەن ھازىر سىزنى توسۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتىمەن، باشقا ۋەزىپىلىرىڭىزمۇ بار» دەيدىغان يەرگە كېلىپ قالدىم.
كىچىكىدىن باشلاپ فاتىمەنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، لايىھەلەشنى ياكى خىيال قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. مەن بۇ ئارتۇقچىلىقىنى بىلەتتىم. شۇنىڭ بىلەن توختىماي يېزىپ بېقىشنى ئىلھاملاندۇردۇم. قىزىم ھېكايە يېزىپ باقاي ياكى مۇنداق قىلىپ باقاي دەپ، ئۆزى دەپتەرلەردىن كىتابلارنى ياساپ، شۇ كىتابنى «مېنىڭ كىتابىم بولىدۇ، مەن يازىمەن» دەپ، «توشقانچاقنىڭ ھېكايىسى» نى يېزىپتۇ. مەن ئوغلۇمنى تۇغقان ۋاقتىمدا بىر كۈنى قىرىق ئىچىمدە، پاتىمەنىڭ ماتېرىياللىرىنى رەتلىسەم، شۇ بىر ھېكايىسى قەغىزى نەچچە ۋاراق تۇرۇپتۇ. بۈگۈن بىر ئوقۇپ باقايچۇ دەپ ئوقۇپ باقسام، قاتتىق ھەيران قالدىم ۋە ئۇ ۋاقىتتا قىزىم ئۇخلاپ قالغان ئىدى، مەن يىغلاپ كېتىپتىمەن. شۇ ۋاقىتتا بالام يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتى ئىدى. بالام مۇشۇنداق ھېكايىنىمۇ يېزىپتۇ-ھە دەپ، بەك ھەيران قالدىم. يازغىنىغا قاراپ، شۇنچىلىك بىر خىل ئۈمىدۋار بولۇپ كەتتىم. بىر توشقانچاقنىڭ بىر ھېكايىسى ئەمدى ئۇ! شۇنىڭ بىلەن خۇش بولۇپ شۇ ۋاراقلارنى تۈپلىدىم. شۇ كېچىدە بالام ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا تۈپلەپ چىقتىم، قىزىم ئاشۇ قالايمىقان ۋاراق قەغەزگە يېزىپتىكەن ھەر خىل رەڭلىك قەغەزگە مېنىڭ كىتابىم بولىدۇ دەپ. شۇلارنى تۈپلەپ، ئۇنىڭدىن كېيىن «بالام بۇنىڭغا بۇنداق رەسىم سىزىڭ، بۇ بەك ياخشى بوپتۇ» دەپ خۇش بولدۇم.
دەل شۇ يىلى ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇسابىقىگە فاتىمەنى قاتناشتۇردۇم. مەن پۈتۈن مۇسابىقىلەرگە قىزىمنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتۇرۇشقا بەك تىرىشىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى، پەقەت بىرلا — قىزىم ئىلھام ئالسۇن، قىزىم ئالغا قاراپ تىرىشسۇن، قىزىم ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلسۇن دەپ، شۇنىڭ بىلەن شۇ قاتناشتۇرۇپ كەلدىم. قىزىمنىڭ يازغانلىرىغا بىر تالمۇ تۈزىتىش كىرگۈزمىدىم. پەقەت ۋە پەقەت ئىملاسىنى تۈزىتىپلا ئەۋەتتىم. چۈنكى، ھېچقانداق ئۆزۈمنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ پىكرىنى قوشقۇم كەلمىدى. قانداقلا بولسا بولسۇن، بولدى مۇشۇ بويىچە ئەۋەتەي دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنى بىز ئۇيغۇر ئانا تور مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى خەندان مۇئەللىمگە ئەۋەتتۇق. تۈزىتىشكە تېگىشلىك، بالىلار ھېكايىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك بەزەن بىر نۇقتىلارنى فاتىمە بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ تۈزىتىپ، فاتىمەگە «سىز تۈزىتىشكە قوشۇلامسىز؟» دەپ، فاتىمەنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن «تۆتقۇلاق» بالىلار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن قىزىم بۇنىڭ ئىلھامىدا كېيىن يەنە توختىماي ھەر خىل نەرسىلەرنى يېزىپ تۇردى، ئەمدى شېئىر يېزىشقا قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى شېئىر يازىمەن دەپ. مەن بالامغا «شېئىر يېزىش ئاسان ئىش ئەمەس، سىز يازالارسىزمۇ» دېسەم، «مەن يازىمەن ئاپا» دەپ، ئۆزى ئىككى تال شېئىر يازدى، ئۇنى مەريەم ئۇستازلارغا ئەۋەتتۇق. مەريەم ئۇستاز ئۆزى شېئىرنى ياخشى يازالايدىغان بولغاندىكىن، بەك ھاياجانلىنىپ، قىزىمغا تۈزىتىپ بېرىپ، ئاشۇنداق قىلىپ ئەمدى ئالغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتىدۇ، كۆز تەگمىسۇن.
داۋاملىق نەتىجىلىرى چىقسۇن. بولسا خۇددى ئاشۇ مېھرىئاي ئەركىن ئاشۇ ۋەتەن ئۈچۈن، مۇشۇ ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق بىر خىل روھ بىلەن تىرىشقاندەك، قىزىم مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن، دىنىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ ئاشۇ خىتاينىڭ ئاستىدا قالغان شۇ يۇرتىمىز ئۈچۈن بىر تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان شۇ بىر خىل روھقا ئىگە بىر قىز بولۇپ چوڭ بولۇشقا ئاللاھ ئىگەم نېسىپ قىلسۇن! ھەممىڭلارغا رەھمەت.
5. ئالدىنقى نۆۋەتلىك مۇكاپات ساھىبى روشەن مۇئەللىمنىڭ تەبرىك سۆزى
ئاخىرىدا، ئالدىنقى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى روشەن مۇئەللىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئالدىنقى يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر سەپداش سۈپىتىدە، بۈگۈنكى مۇكاپات ساھىبلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە ئوتلۇق نۇتۇق سۆزلىدى.
روشەن مۇئەللىمنىڭ نۇتۇق تېكىستىدىكى يارقىن نۇقتىلار:
ئامانەتكە ۋارىسلىق قىلىش: «بۇ مۇكاپات مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەشلا ئەمەس، بەلكى خىتاي جازا لاگېرلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئامانىتىدۇر. مەن بۇ مۇكاپاتنى مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مائارىپىنىڭ <نوبېل مۇكاپاتى> دەپ بىلىمەن.»
كىملىك ۋە غۇرۇر: «مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئابدۇللاھ ۋە فاتىمەنىڭ نەتىجىسىدىن بەكرەك، ئۇلاردىكى ئانا تىل غۇرۇرىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. كىملىك ۋە غۇرۇر بولمىسا، تىل يىلتىز تارتمايدۇ. بىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىمىز دۈشمەنلەردىن ئالىدىغان ئەڭ چوڭ ئىنتىقامىمىزدۇر.»
«ھەربىر ئۆي بىر مەكتەپ»: «مۇھاجىرەتتە ھەربىر ئۆي بىر مەكتەپ، ھەربىر ئاتا-ئانا شۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمىدۇر. ئانا تىلنىڭ ھاياتلىق سۈيىنى ئائىلە بېرىدۇ، بىز ئوقۇتقۇچىلار پەقەت ئۇنىڭ ئۈستىنى كۆكلىتىپ بېرىمىز. ئائىلىدە يىلتىز تارتىلمىغان تىل تېيىز بولۇپ قالىدۇ ۋە يوقىلىشقا يۈز تۇتىدۇ.»
جانلىق ئۆگىتىش مېتودى: «ئانا تىلنى قۇرۇق شوئار بىلەن ئەمەس، سۆيگۈ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئۆگىتىش كېرەك. بىز مەكتىپىمىزدە بالىلارغا تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى دىراما ئويناش، مىللىي كىيىملەرنى كىيىش ۋە ماقال-تەمسىللەرنى قىزىقارلىق ئېيتىشىش ئارقىلىق ئۆگىتىۋاتىمىز. بالىلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ بولسا، ئۇلار تىلنى ئۆزى ئىزدەپ ئۆگىنىدۇ.»
روشەن مۇئەللىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، شارائىتنىڭ قىيىنلىقىغا قارىماي ئانا تىل مەشئىلىنى ئۆچۈرمەي كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان چىن قەلبىدىن رەھمىتىنى ۋە سالىمىنى يوللىدى.
روشەن مۇئەللىمنىڭ نۇتقىنىڭ تولۇق تېكىستى:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،
مەن ئاۋۋال ھەممىڭلارغا، ئەزىز قېرىنداشلارغا، مائارىپ پىدائىيلىرىغا، مۇكاپات ساھىبلىرىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى، مۇبارەك سۆزۈمنى بىلدۈرىمەن.
مەن ئالدىنقى يىلى مۇشۇ شەرەپلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن بىر سەپدىشىڭلار سۈپىتىدە، بۈگۈن بۇ يەردە قايتا سۆز قىلىۋاتقىنىمدىن بەكمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم. مېھرىئاي ئەركىن مۇئەللىمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ مۇكاپات پائالىيىتى ماڭا نىسبەتەن، ئانا تىل ئۈچۈن جان پىدا قىلغان شۇ مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەش بولۇپلا قالماستىن، خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئاشۇ مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنىمۇ خاتىرىلەش، بۇنى قالماسلىقىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا مېھرىئاينىڭ تىلىنى ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا، مەن ھەر دائىم شۇ ئۇستازلارنىڭمۇ ئىسمىنى، ئەڭ بولمىغاندىمۇ شۇلارنى ئەسلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مۇكاپات ئەنە شۇلارنىڭ بىزگە قويغان ئامانىتى. بۇ ئامانەتنى بىز چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.
مەن بۇلتۇر بۇ مۇكاپاتنى ئالغان ۋاقتىمدا خۇددى نوبېل مۇكاپاتى ئالغاندەك خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ھېلىھەم مەن ئۈچۈن بۇ مۇساپىرچىلىقتىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل مائارىپىنىڭ نوبېل مۇكاپاتى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بىز مۇئەللىملەرنىڭ غېمى بەك چوڭ، بولۇپمۇ مېنىڭ غېمىم مۇشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل قىزغىنلىقىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرىمەن؟ كېچە-كۈندۈز ئويلايدىغىنىم شۇ. ئەڭ مۇھىمى قىزغىنلىق، بۇ يەردىكى سۆيگۈ. ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ جانلىق قىلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە بۇ ھاياتىمىزدا ئانا تىل سۆيگۈسىنى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇپ كېتىشىمىز ئەڭ مۇھىم. بولمىسا بۇ تىل ئۆچۈپ كېتىدۇ. بىز بۇ ئارزۇلىرىمىزغا يالغۇز يېتەلمەيمىز. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» دەيمىزغۇ. بۇ غېمىمىزگە، مۇشۇ ئارزۇلىرىمىزغا بىز ئىلھام بېرىمىز مانا، بىزمۇ بار، قوللايمىز دەپ چىققان مۇشۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، جامائىتىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، مەن ئالاھىدە سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن! بۈگۈن مۇشۇ شەرەپلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزىز كەسىپدىشىم مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىم، سىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. تىرىشچان بالىلىرىم ئابدۇللا مەۋلان، فاتىمە مەخمۇت نەتىجەڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دېگەندىن كۆرە، تىرىشچانلىقىڭلارغا، ئانا تىل غۇرۇرۇڭلارغا ئاپىرىن! مەن ئاشۇنداق دەيمەن. كىملىكىڭلارغا ئاپىرىن! چۈنكى، بىزدە غۇرۇر بولمىسا، كىملىك بولمىسا، ئانا تىلنى ئۆگەنگۈمىز كەلمەيدۇ، ئۆگەنمەيمىز. بىز بىرلىكتە مۇشۇ مېھرىئاي مۇئەللىمنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان ئەزىز ۋەتىنىمىزدىكى سۆيۈملۈك ئۇستازلارنىڭ ئارزۇسىنى بىللە ياشنىتىمىز، بىز چوقۇم بىللە قىلىمىز. ئانا تىلىمىزنىڭ مەشئىلىنى ھەممىمىز، بولۇپمۇ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار، ئانا تىل پەرۋانىلىرى مانا ھەممىمىز بىللە شۇ مەشئەلنى ئۆچۈرمەيمىز.
گەرچە ئۇلار ھازىر ئارىمىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى پىداكار ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئانا تىلنى تىرىشىپ ئۆگىتىۋاتىدۇ، كۆرۈۋاتىسىلەر. بالىلارمۇ ئامال بار مۇھاجىرەتتىكى قىيىن شارائىتتا، چەكلىك مۇھىتلاردىمۇ، ئۆزىنىڭ ئوقۇشى سىرتىدا، مەسىلەن، ئامېرىكىدا پۈتۈن كۈن ئوقۇشىنىڭ سىرتىدا يەنە ئانا تىلىمىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ روھىنى چوقۇم ئەمىن قىلىدۇ. شۇ ئۇستازلارنىڭ روھى خۇش بولىدۇ. مەن شۇنداق بولۇشىنى تىلەيمەن.
بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلار، شۇ دۈشمەنلەر بىر نەرسىنى بىلمىدى: ئۇلار نېمىنى بىلمىدى؟ بۇ تىل قەغەزدىكىلا بىر خەت ئەمەس. بۇ بىزنىڭ تومۇرىمىزدىكى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن روھ. بىزدە توغراق روھى بار. مانا مۇشۇ پائالىيەتنى قىلىۋاتىمىز. بۇمۇ بىزنىڭ روھىمىز! ئاشۇ دۈشمەنلەردىن ئالىدىغان ئەڭ چوڭ ئىنتىقاملىرىمىزنىڭ بىرسى. كېيىن مىليونلارچە ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە قايتقاندا مانا بىز مۇئەللىملەر تەربىيەلىگەن، ئاتا-ئانىلار يېتىشتۈرگەن ئابدۇللا بالىمىزغا ئوخشاش، فاتىمە قىزىمىزغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەۋلادلىرىمىز ئانا تىل مائارىپىمىزنى قايتا قۇرىدۇ. شۇ قايتا قۇرۇشقا تەييار بولىدۇ، دەپ بىز شۇنى يېتىشتۈرۈۋاتىمىز. شۇڭا ئانا تىل خىزمىتى ئانداق-مانداق ئىش ئەمەس. بۇ بەك مۇھىم، بەك مۇھىم! بىز ئويغىنىشىمىز كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدا مەن يەنە بىر ھەقىقەتنى ئەسكەرتىپ قوياي دەپ ئويلىدىم. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدۇ. ئانا تىلنى قوغداش پەقەتلا مۇئەللىملەرنىڭ، پەقەتلا مەكتەپنىڭ خىزمىتى ئەمەس. يۇقىرىدا ئاتا-ئانىلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى.
مۇھاجىرەتتە ھەربىر ئۆي بىر مەكتەپ. ۋەتەندە ئۇنداق ئەمەس ئىدى، ھازىر مۇھاجىرەتتە ئۆيىمىز بىر مەكتەپ بولۇپ قالدى. ھەربىر ئاتا-ئانا شۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى. ئانا تىلنىڭ ھاياتلىق سۈيىنى ئاتا-ئانىلار بېرىدۇ. بىز ئوقۇتقۇچىلار پەقەت يول باشلايمىز، بىز يېتەكلەيمىز، ئەمما ئاشۇ ھاياتلىق شەربىتى ئائىلىدىن كېلىدۇ. بىز ھازىر باشقا مەدەنىيەتلەر مۇشۇنداق قورشاپ تۇرغان، بىزنىڭ كىملىكىمىز ئۈچۈن خەتەرلىك بولغان ئاشۇنداق مۇھىتلاردا ياشاۋاتىمىز. لېكىن مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا ئاتا-ئانىلار سۆزىمىز بىلەنلا ئەمەس، «ئانا تىلنى قوغدايمىز، ئانا تىلنى قوغدايمىز» دەپ قۇرۇق شوئار قىلساق بولمايدۇ. ھەرىكىتىمىز بىلەن بالىلارغا ئانا تىلنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئۆيدە ئانا تىلنى تىرىك قىلمىساق، مىڭ قۇرۇق گەپ قىلغىنىمىز بىلەن بىكار. ھازىر ئاشۇنداق بىر ۋەزىيەت بار. مەن ئۈچۈن بۇ بىر ۋەزىپىدەك، پەقەت بۇنى ئۆگىنىش بىر ئاددىي، بىر مۇنداقلا گەپ قىلىش قورالىدەك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق تېيىز گەپ قىلىش، يىلتىزغا كىرمەسلىك، يىلتىز تارتماسلىق بۇ خەتەرلىك. ئۇنداق بولسا بۇ تىل يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يىلتىزنى بىز نەدە قۇرىمىز؟ ئائىلىدە قۇرىمىز، مەكتەپتىن كۆرە ئائىلىدە قۇرىمىز. ئائىلىدە قۇرساڭلار ئاندىن بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىنى كۆكلىتىپ بېرىمىز دېگەن گەپ. شۇڭا بىز بالىلىرىمىزغا ئانا تىلنى بىر تىل سۈپىتىدىلا ئەمەس، ئەجدادلارنىڭ قالدۇرغان ئۇلۇغ ھېكمەتلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتمىسەك تىلغا ئىگە بولالمايدۇ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگىتەلمەيدۇ، ئوقۇتقۇچىلار چىقمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، شەخسەن مەن ئەمدى تۈنۈگۈن بىز ئانا تىل پائالىيىتى قىلدۇق. مەكتەپتە مېنىڭ بالىلىرىم، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم تارىخنى سۆزلەپ چىقتى، مەدەنىيەتنى سۆزلەپ چىقتى. لېكىن سەھنىگە چىقىپ سۆزلىدىمۇ؟ ياق! ئۇلار سەھنىگە چىقىپلا ماۋۇ مۇنداق تارىخ، ماۋۇ مۇنداق مەدەنىيەت دەپ سۆزلىمىدى. ئۇلار ئېپىزوت ئوينىدى، دىراما ئوينىدى. مەشھۇر شەخسلەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيدى، ماقال-تەمسىللەرنى سۆزلىدى، لېكىن ماقال-تەمسىللەرنى مۇنداقلا دەپ قويمىدى. ماقال-تەمسىللەرنى قىزىقارلىق قىلىپ، يۇمۇرىستىك قىلىپ، بىر-بىرىگە ئېيتىشىپ تۇرۇپ، خاتا سۆزلەپ قالغان بولۇپ ئۇنى توغرا دېگەن بولۇپ، ئاشۇ ماقالىنىڭ ھېكمىتىنى چىقاردى. مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دىرامىلىرىنى ئويناش جەريانىدا شۇلارنىڭ كىيىملىرىنى بازارلارغا بېرىپ ئىزدىدى. ئائىلىنىڭ دوستلىرىدىن ئىزدىدى، تاپتى. شۇ جەريانىدا بالىلار ماۋۇ كىيىمنىڭ مەنىسى مۇنداقكەن، ماۋۇ كىيىمنىڭ ئىچىدىكى بەلگىنىڭ مەنىسى مۇنداقكەن، مەشھۇر قەھرىمانىمىز مۇنداق قىلىپتىكەن، دەپ شۇنىڭغا قىزىقىپ تۇرۇپ، شۇ سۆيگۈ بىلەن ئۆگەندى. قۇرۇق تۈگەتكەندىن ئاشۇنداق ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئۆگەنسەك ياخشى. مەن مۇشۇ ئانا تىل مائارىپىدا شۇنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ھازىرغىچە ئانا تىل مائارىپىنى قىزىقارلىق شەكىلدە ئېلىپ كېتىپ بارىمەن. بىز ئاۋۋال بالىلارنىڭ قەلبىگە شۇ سۆيگۈنى سىڭدۈرمىسەك، ئۆزىمىزمۇ ئائىلىدە سۆيۈنمىسەك، ئۆزى سۆيۈنمىگەن، ئۆزىنىڭ قەلبىگە پاتقۇزمىغان بىر سۆيگۈنى بالىلارغا قانداق بېرىمىز؟ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ قەلبىمىزگە پاتقۇزساق، ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلىسەك، شۇ ۋاقتىدا بۇ بىزنىڭ كىملىكىمىز، غۇرۇرىمىز، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز، بىزنىڭ جان تومۇرىمىز، دېگەن نەرسىنى بالىلارنىڭ ئېڭىغا كىرگۈزەلىسەك، كېيىن بىز ئانا تىلنى ئۆگەنمە دېسەكمۇ، نېمىشقا ئۆگەنمەيمەن؟ ئۆگىنىمەن دەپ تۇرۇپ ئۆگىنىدىغان بولىدۇ بالىلار. ئەڭ بېشىدا ئۇل شۇ! مېنىڭ دەيدىغىنىم شۇ.
ئاخىرىدا كۈچ چىقىرىۋاتقان، كېچە-كۈندۈز يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا سالىمىمنى يوللايمەن. شارائىتلارنىڭ چەكلىك بولۇشىغا قارىماي تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان بالىلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مۇكاپاتقا لايىق قالتىس ئۇيغۇر بالىلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك جىق، ھەممىسى بۇنىڭغا لايىق، لېكىن يىلدا بىر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى ساقلاپ تىزىلىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن. كېلەر يىلى يەنە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۆرىمىز. بولىدۇ ئەمىسە. رەھمەت ھەممىڭلارغا.
6. قاتناشقۇچىلارنىڭ تەسىراتلىرى
مۇراسىمغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشقان بولۇپ، ئۇمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدىراق قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ناھايىتى يۇقىرى ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نۇتۇق خۇلاسىسى:
«بۇ پائالىيەتنى بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئاڭلاپ، ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈندۈم ۋە چەكسىز غۇرۇرلاندىم. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىم ۋە ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بالىلارنىڭ راۋان تىلىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پىداكارلىقىنى ۋە روشەن مۇئەللىمنىڭ ئوتلۇق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، مىللىتىمىزدە زور بىر ئۈمىد بار. بۇ مىللەت ھەرگىز يوقالمايدۇ ۋە تىز پۈكمەيدۇ! مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. مۇشۇنداق قىممەتلىك پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە كەسپىي ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسىدۇر.»
7. يېپىلىش سۆزى: «ئانا تىل — بىزنى باغلىغۇچى مەنىۋى كۆۋرۈك»
پائالىيەت ئاخىرىدا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى يېپىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پائالىيەتكە ئاخىرىغىچە قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلارغا، شۇنداقلا مۇكاپات ساھىبلىرى مېھرىئاي شىرئەلى مۇئەللىم ۋە ئابدۇللاھ مەۋلان، فاتىمە مەخمۇت ۋە ئۇلارنىڭ پىداكار ئۇستازلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلىرىغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى نامىدىن چوڭقۇر تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى، ھەمدە مۇكاپاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى ھازىرغىچە تۆت قېتىم تارقىتىلدى. ھازىرغىچە ياپونىيە، كانادا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا، ھەتتا سىلوۋاكىيەگىچە بولغان دۆلەتلەردىكى ئانا تىل پىدائىيلىرى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ قېتىممۇ يېڭىدىن مۇكاپات ساھىبلىرى قوشۇلدى. بۇ پائالىيەت مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ پاجىئەسىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىقتىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭلىرىدا ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرىگە باغلايدىغان مەنىۋى كۆۋرۈككە ئايلاندى.»
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇمدەك چېچىۋېتىش پىلانىغا قارشى، مۇشۇندا پائالىيەتلەر ئارقىلىق بىر يەرگە جەم بولۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قارشىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنى تۆۋەندىكى تەسىرلىك شېئىر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:
سۈكۈت قىلساق تۈگەشتى دېمەڭ،
تۈگىتىشكە قادىر ئەمەسسىز.
ئىشلىرىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ،
تۈگەيدىغان ئۇيغۇر ئەمەس بىز.
8. كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى
پائالىيەت ئاخىرىدا كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇكاپاتنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى. كېيىنكى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئىلتىماس قىلىش 2026-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى تولۇق تەييارلاپ تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىندى.
ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ناھايىتى تەسىرلىك ۋە ئۈمىدۋار كەيپىيات ئىچىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
