You are currently viewing خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيەدىن قايتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويغان

خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيەدىن قايتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مېھرىئاي ئەركىننىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويغان

  • Post comments:0 Comments

خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ۋىدىيو ئىشلەپ، 2019-يىلى ياپونىيەدىن قەشقەرگە قايتقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن ياش ئۇيغۇر زىيالىيسى مېھراب ئەركىننىڭ ئ‍ۆلۈش سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قويغان. «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئ‍ۆلۈم ئىسپاتى» ناملىق مەزكۇر ۋىدىيوسىدا، مېھراي ئەركىننىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خەۋەر قىلغاندەك سوراق جەريانىدا ئۆلمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېكرانغا چىقىرىپ، كومپارتىيەنى ماختىتىشى كومپارتىيەنىڭ پائالىيەتچىلەرگە قارشى ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلگەن تاكتىكىسى ئىكەن. مېھراي ئەركىن ياپونىيەدىكى نارا پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى قەشقەر دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلگەن. رادىيومىز يېقىندا ئۇنىڭ سوراق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.

بۇ ۋىدىيونىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقتى ۋە ئورنى مەلۇم ئەمەس. ۋىدىيودا 30 ياشلىق مېھراي ئەركىننىڭ ئاتالمىش دوختۇرى دىلارە ماھمۇتنى زىيارەت قىلىنغان. دىلارە ماھمۇت مېھراي ئەركىننىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا «كۆپ خىل ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش» سەۋەبلىك ئ‍ۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ داۋالىنىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋىدىيو مېھراي ئەركىننىڭ ئ‍ۆلۈم سەۋەبىگە قارىتا تېخىمۇ گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان. «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ لاگېر شاھىتلىرىنى ئېتىۋارسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ «ئۆلۈم ئىسپاتى» ناملىق بۇ ۋىدىيونى تارقىتىپ، «مېھراي ئەركىننىڭ ئۆلۈمىنى ئۇنىڭ ئۆزى پەيدا قىلغان، دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن قورقۇنچلۇق بۇرۇلۇش ياسىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

2021-09-20

جاۋاب يېزىش