ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرى (2025-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى)
2019-يىلى جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن، ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئۇيغۇر تىلى ئوقۇ-ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مېھرىئاي ئەركىن نامىغا تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتنىڭ تۆتىنچى قېتىملىقى تارقىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپاتقا ئامېرىكادىن ئاتا تىل ئوقۇتقۇچىسى روشەن خەمىت، تۈركىيەدىن ئۇيغۇر قىزى سالىھا بىلەن، سىلوۋاكىيەدىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى زېھرا ئېرىشكەن.
4-نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش مۇراسىمى 23-فېۋرال كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئاتا-ئانىلار، ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل دەرسى بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مېھرىئاي ئەركىننىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى ۋە خىتايدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئۈچۈن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر، ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە گېزىتلەردە چىققان خەۋەرلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
ئارقىدىن «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئامېرىكادىن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى روشەن خەمىت، تۈركىيەدىن ئانا تىل ئۆگەنگۈچى سالىھا ۋە سىلوۋاكىيەدىن زېھرانىڭ ئىسمى ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ مۇكاپاتى بېرىلگەن.
بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەخمەت لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئانا تىل ئۆگىنىشتىكى ئىزچىل تىرىشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قېتىملىق مۇكاپات نامزاتىغا تاللانغان.
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ پائالىيەت ئاخىرىدا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇستازلارنىڭ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاتا تىل ئۆگەنگۈچى پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ۋە شۇنداقلا قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئورتاقلىشىشقا پۇرسەت بولدى.»
مەلۇم بولۇشىچە مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش ئىكەن.
ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ قېتىمقى مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا بۇنى تەسىس قىلىشنىڭ قانچىلىك ئورۇنلۇق ئىش بولغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۆتىنچى قېتىملىق «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكۈچىلەرگە مېھرىئاي ئەركىننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بىر خاتىرە ئىزنىكى، تەقدىرنامە ۋە نەق پۇل مۇكاپاتى بېرىلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، ھازىر ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان، 2017-يىلىدىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان روشەن خەمىت خانىم مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ، بۇنداق مەنىلىك بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئانا تىل ئۆگىنىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان سالىھانىڭ ئانىسى قىزى مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ئۆگىتىشى كېرەكلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تىلچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ مۇكاپات تارقىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە ئۆسۈملۈك بىئو-تېخنىكا كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن مېھرىئاي ئەركىن خانىم 2019-يىلى 8-ئايدا، ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن دادىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن قەشقەرگە كەتكەن. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ مېھرىئاي ئەركىننىڭ قەشقەر يانبۇلاق قاماقخانىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.ن
ئەسلىي مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (2025-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى)
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ana-til-02242025104727.html