You are currently viewing «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

«مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

  • Post comments:0 Comments

«مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

جازا لاگىرىدا جان ئۈزگەن مېھرىئاي ئەركىننىڭ ياپونىيەدە ئوقۇش جەريانىدا ئىشتىن سىرت ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلەرنىڭ سۆيگۈسى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا نائىل بولغانلىقىنى ئەسلەش ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىڭلىغان ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەردە ئانا تىل سۆيگۈسىنى كۈچلەندۈرۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاش، مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن، كەڭ ۋە ئىزچىل قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تەسىس قىلدى.

مۇكاپات ئىككى تۈر بويىچە تارقىتىلىدۇ.

بىرىنچىسى: بىر نەپەر ئانا تىل ئۆگەتگۈچى، يەنى مۇئەللىمگە؛

ئىككىنچىسى: ئىككى نەپەر ئانا تىل ئۆگەنگۈچى، يەنى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا.

مۇئەللىمگە قويۇلىدىغان تەلەپ: ئانا تىل ئوقۇتۇشتا 1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇش؛ 2) يېڭىلىق ياراتقان بولۇش؛ 3) مۇستەقىل دەرسلىك، مەشق ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلى ياراتقان بولۇش ياكى شۇنداق ئۇسۇللارنى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇش؛ 4) ئوقۇتۇش سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسكەن بولۇش، ئوقۇغۇچى سانى ئىزچىل كۆپەيگەن بولۇش.

ئوقۇغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ: ئانا تىلنى ئىزچىل ئۆگەنگەن بولۇش، ئانا تىل نەتىجىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، نەشر ئەپكارلار ۋە ئۇيغۇرچە سورۇنلاردا ئىسپاتلىغان بولۇش، ئۇيغۇرچە تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازانغان بولۇش، ئانا تىل ئۆگىنىشتە تەشەببۇسكار بولغان بولۇش، باشقىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولغان بولۇش.

مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: مېھرىئاي ئەركىننىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بىر خاتىرە ئىزنىكى، تەقدىرنامە ۋە نەق پۇل مۇكاپات (مۇئەللىم 100,000 يېن، ئوقۇغۇچى 50,000 يېن) بېرىلىدۇ.

مۇكاپاتلايدىغان ئورۇن: ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى

مۇكاپات ۋاقتى: ھەر يىلى مېھرىئ‍اينىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان 23-فېۋرال كۈنى تارقىتىلىدۇ. تۇنجى قېتىملىق تارقىتىش 2022-يىلى 23-فېۋرال بولىدۇ. ھەر يىلى بىرىنچى قېتىملىق مۇكاپاتلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن كېيىنكى قېتىملىق مۇكاپاتقا تەييارلىق قىلىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش