You are currently viewing تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى پىداكار باغۋەن — نادىرە خانىمغا بېرىلدى

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى پىداكار باغۋەن — نادىرە خانىمغا بېرىلدى

  • Post comments:0 Comments

تۇنجى نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل ئۆگەتكۈچى مۇكاپاتى» ياپونىيە مىساتو ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، ئانا تىل ئوقۇتۇشىدىكى پىداكار باغۋەن — نادىرە خانىمغا بېرىلدى. نادىرە خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىزچىللىقى، سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە پىداكارلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا تاللانغان.

نادىرە خانىمنىڭ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدە سۆزلىگەن سۆزى تۆۋەندىكىچە:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق سۆيۈملۈك ئەزىز قېرىنداشلار، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان پىداكار ئۇستازلار، ئاتا-ئانىلار، ئوماق بالىلار، ھەممىڭلارغا ياپونىيەدىكى نادىرەدىن ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام.

بۈگۈنكى «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» تارقىتىش پائالىيىتىگە مېنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن سۆيۈملۈك قېرىنداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.

مەن ئالدى بىلەن بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان سۆيۈملۈك، قەھرىمان سىڭلىمىز مەرھۇم مېھرىئاي ئەركىننى ناھايىتى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن. ئاللاھتىن مەرھۇم سىڭلىمىزغا فىردەۋس جەننەتلەردىن ئورۇن بېرىشىنى تىلەيمەن. ئاللاھىم مەرھۇم سىڭلىمىزنىڭ روھىنى شاد قىلغاي، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي.

مىساتو ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەرھۇم سىڭلىمىز بىزنىڭ باللىرىمىزغا ئانا تىلىدىن بىلىم بەرگەن ئىدى. مەرھۇم سىڭلىمىزنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرىمىز. مەرھۇم سىڭلىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى بىز ئاتا-ئانىلارغا ئىلھام بولۇپ كەلدى.

مىساتو ئانا تىل مەكتىپىدىكى ھەر قايسى ئاتا-ئانىلار «كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇقىنى چەتئەللەردە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قالالايمىز؟» دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزچىل باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بۇ پۇرسەتتە مەن ھەر قايسى ئاتا-ئانىلارغا «مىساتو ئانا تىل مەكتىپى» توغرۇلۇق قىسقىچە ئىزاھات بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. مىساتو ئانا تىل مەكتىپى 2016-يىلى 9-ئايدا مىساتو شەھەر ئەتراپىدا ياشايدىغان بىرقانچە ئائىلىلىك قوشنا-دوستلىرىمىزنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قۇرۇلغان، يېقىنقى ياپونىيە ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى، بىرقەدەر مۇنتىزىملاشقان ئانا تىل مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ. ئانا تىل مەكتىپىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردىلا مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرى تۈزۈپ چىقىلغان، شۇنداقلا مەكتەپ مالىيە، كىرىم-چىقىم، ھەر قېتىملىق ئوقۇتۇش ئورنى ئېلىش قاتارلىقلارغا مۇقىم مەسئۇل خادىم بەلگىلەنگەن، مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار ھەر قايسى ئاتا-ئانىلار بىلەن بىرلىكتە مەسئۇلىيەتنى پىداكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. تاكى ھازىرغىچە مەكتىپىمىزنىڭ كىرىم-چىقىم مالىيە ئىشلىرى، تالونلىرى بىلەن ئىنچىكىلىك بىلەن نەقلەشتۈرۈلۈپ، ياخشى ئېلىپ بېرىلغاچقا، مالىيە ئىشلىرىدا بىرەر سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ باقمىدى. ھەر قېتىملىق سىنىپ ئورنى ئېلىشتىمۇ، ۋاقىتقا ئاساسەن ئالدىنئالا ئورۇننى ئالاقىلىشىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلدۇق. ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلارمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەييارلاپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

مەكتىپىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە يەتتە ئائىلىدىن (خالمەت، ئابدۇكېرىم، غەيرەت، مىرزات، ئەسقەر، مەردان، دىلمۇرات)، 14 نەپەر ئوقۇغۇچى، بىر ئېلىپبە سىنىپى بار بولغان بولسا، ھازىر 15 ئائىلىدىن 40 نەپەرگە يېقىن ئوقۇغۇچى، يۇقىرى سىنىپ، ئوتتۇرا سىنىپ ۋە پىستەكلەرنى ئاساس قىلغان باشلانغۇچ ئېلىپبە سىنىپىدىن ئىبارەت ئۈچ سىنىپ، ئۈچ مەسئۇل ئوقۇتقۇچى، شۇنداقلا ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئايرىم سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدىن تەركىب تاپقان، بىر قەدەر تۈزۈملەشكەن، مۇنتىزىملاشقان مەنىدىكى مەكتەپ ھالىغا كەلدى. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت، توردا دەرس ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچى سانى 15 نەپەرگە يەتتى. ئۇيغۇرلۇقنى ئەسلىتىش، شۇنداقلا مەكتەپ ئىچىدىكى بىردەك رەتلىكلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيەدىن مەخسۇس مەكتەپ فورمىسىنى ئەكەلتۈرۈپ، ئانا تىل ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنى بىرلىككە كەلتۈردۇق. كېيىن يېڭى قوشۇلغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھازىر مەكتەپ فورمىسىنى تولۇقلاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تاكى ھازىرغا قەدەر ھەر ئايدا 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 سائەت ئانا تىلى ئوقۇتۇشى ئېلىپ باردۇق.

ئانا تىلى ئوقۇتۇشتىن باشقا، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، كۆپ قېتىم ھەر تۈرلۈك شەھەر ئىچى، باغچە، يىراق نۇرغۇن مۇساپىلىك ساياھەت، دالا پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇق. بالىلىرىمىز ساياھەت ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق نەزەر دائىرىسى، زېھنى ئېچىلىپ، بىر-بىرىگە مېھرى باغلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى تونۇشقا باشلىدى. تۈرلۈك قوشنىلار يىغىلىشلىرى، چوڭ تىپتىكى يېڭى يىل پائالىيەتلىرى، نورۇز پائالىيەتلىرى، ھېيت-بايراملىق يىغىلىشلاردا، پەرزەنتلىرىمىز ئۆز قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، پىيانىنودا مۇزىكا ئورۇنداش، توپ ئويناش ماھارىتى كۆرسىتىش، سېھىرگەرلىك ماھارىتى كۆرسىتىش دېگەندەك تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ ھەم ئورۇنداپ، بىزنى شۇنداقلا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تەسىرلەندۈرۈپ، سۆيۈندۈرۈپ ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ كەلدى.

مىساتو ئانا تىل مەكتىپىدىكى ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئومۇمىي خور ئورۇنداپ، بالىلىرىمىز بىلەن بىرگە سەھنىگە چىقىپ ماھارەت كۆرسىتىپ، «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن، ئۇيغۇرلۇقىمىز ئۈچۈن» دېگەن بۇ روھنى ئۆزىنىڭ مىزانى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن، بولۇپمۇ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى «مىساتو ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە پائالىيىتى» بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىكىدىنمۇ بەكرەك زور مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ، يېقىنقى ياپونىيە ئۇيغۇر جامائىتى تارىخىدىكى تۇنجى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ تۇنجى ئۇنتۇلغۇسىز سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ چوڭ تىپتىكى پائالىيەت مەيلى پائالىيەت تەييارلىق جەريانى، پائالىيەت مەيدانى، سەھنە لايىھەلىنىشى، مەيدان-سەھنە، چىراغ-ئاۋاز باشقۇرۇش، تەكلىپلىك مېھمانلار-تاماشىبىنلار، رىياسەتچىلەر، كىچىك ماھىرلىرىمىزنىڭ ئالاھىدە تەييارلانغان مەخسۇس سەھنە كىيىمى، كۆرسەتكەن سەنئەت نومۇرىنىڭ تۈرىنىڭ كەڭلىكى ۋە سەۋىيەسى، ئاتا -ئانىلارنىڭ سەنئەت نومۇرى، پۈتۈن پائالىيەتنى سىنغا ئېلىش، ھەتتا سەھنە گىرىمچىك خىزمەتلىرىگىچە ئالدىنئالا ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلىنىپ، پۈتۈن پائالىيەت نۇقتىسىدىن بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى نامايان قىلدى. شۇنداقلا مىساتو ئانا تىل مەكتىپىمىزدىكى ھەر بىر ئاتا-ئانا، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس، قىممەتلىك ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئاتا -ئانىلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. دېمەك بىز بىرلەشسەكلا، ھەممىنى قىلالايمىز! ئىتتىپاقلاشساقلا، ھەممىنى ياخشى قىلالايمىز !!!

ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر:

‎1. باشقا دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئالاقىسىنى ساقلاپ، تەجرىبە-پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ، باشقا ئانا تىل مەكتەپلىرى بىلەن ماسلىقنى، پاراللېللىقنى ساقلاپ كەلدىم.

‎2. ئېلىپبە كىتابنى ئۆگىتىش بىلەن قىزىقارلىق ئويۇن ئويناش، رەسىملىك كارتا، سۆز ئويۇنى، تېپىشماق تېپىش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈللۈك دەرس ئۆگىنىش كەيپىياتى ياراتتىم.

‎3. كىتاب ياكى توردىن ئىزدىنىپ، مەزمۇنى ياخشى شېئىرلارنى مەخسۇس تۈپلەپ كىتابچە قىلىپ، پوچتا ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدۈم. شېئىر يادلاتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تىلىنى راۋان قىلىش بىلەن بىرگە ئانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بالىلىرىمىز شېئىردا ئەكس ئەتكەن مەزمۇن ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلىندى.

‎4. كىتاب ئوقۇتۇشنى ئىزچىل چىڭ تۇتتۇم.

كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بولسا باشقا ھەر قانداق كەسىپكە ئوخشىمايدىغان، ئۇزۇن يىللىق، ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىزمەت. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ھازىرقى سىنىپىمدا 12 نەپەر ئوقۇغۇچىم بار. تېخى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىغان، ئۆز قولۇم بىلەن ئاخىرغىچە قىلمىسام بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم، يېڭى پىلانلىرىم بار. شۇڭا مەن ھازىرقى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمنى تاكى ئۇلار ئوقۇشنى تاماملىغۇچە بىر قوللۇق ئۆزۈم ئوقۇتۇشنى ئويلايمەن. ئەمەلگە ئېشىپ بولالمىغان پىلانلىرىمنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن. سىنىپىمدىكى قارا كۆزلەر مەندىن بۇنى كۈتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ مېنى داۋاملىق ئىزچىل قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ياپونىيە مىساتو شەھىرى

جاۋاب يېزىش